سېنتەبىر 16, 2024

admin

تارىختا بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل بېيجىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ سەلتەنەتلىك ، گۈزەل پايتەختى ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ گۈللىنىش ، راۋاجلىنىش ۋە بۈگۈنكىدەك دۇنياۋى مەدەنىيەتلىك تارىخىي شەھەرگە ئايلىنىش جەريانىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىسى بار . بېيجىڭ شەھىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن تارتىپ ، مىلادى 937-يىلىغىچە باشتىن-ئاخىر شىمالىي جۇڭگودىكى مۇھىم شەھەر ۋە يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ باششەھىرى بولۇپ كەلگەن . مىلادى 938-يىلى شىمالىي جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان لىياۋ ( قىتان ) سۇلالىسى بېيجىڭ شەھىرىنى يانداش پايتەخت قىلغان . كېيىن جىن ( ئالتان ) ، يۈەن ، مىڭ ، چىڭ سۇلالىلىرى بېيجىڭ شەھىرىنى ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ 650 يىل پايتەخت قىلغان . 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، بېيجىڭ شەھىرى يېڭى جۇڭگونىڭ پاختەختى بولدى . بۇ شەھەردە دۇنياغا مەشھۇر گۇگۇڭ ( خان سارىيى ) ، تىيەنتەن ( كۆكئىلاھ سۇپىسى )، بېيخەي باغچىسى ، يىخىيۈەن باغچىسى ، جىڭشەن باغچىسى ، سەددىچىن مەنزىرەگاھى ، 13 قەبرىگاھ ( مىڭ سۇلالىسى خانلىرى قەبرىگاھى ) قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار . بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك تارىخى—جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك جاپا-مۇشەققەتلىك مىھنىتىنىڭ يارقىن-نامايەندىسىدۇر . ۋاھالەنكى ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۇيغۇرلارمۇ مۇھىم رول ئوينىغان . ئۇلار بېيجىڭ شەھىرىنى قايتا قۇرۇش ، كېڭەيتىش ، گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشقاندىن باشقا يەنە ، ئەينى زامان ھاكىمىيەتلىرىگە ياردەملىشىپ ،دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-باشقۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ ئىشتراك قىلغان .موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان يۈەن سۇلالىسى ( 1368—1206 ) دەۋرىدە ، تۇرپاندىكى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارت تېكىن 1209-يىلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەينى دەۋردىكى موڭغۇل ئېمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق ( بېيجىڭ ) گە بېرىش ۋاقتى خېلى بۇرۇن باشلانغان . قەشقەرىيە رايونىدىن بولسا ، چىڭگىزخاننىڭ سانغۇنى جەبەنۇيان 1218- يىلى بۇ رايوننى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن باشلانغان . دېمەك ، بۇ دەۋردە  يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىزچىل تۈردە شىنجاڭدىن تۈركۈملەپ نۇرغۇن ئۇيغۇر يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى بېيجىڭگە يۆتكەپ ، كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ، ھەربىي ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە قاتناشتۇرغان . ئەينى دەۋردە بۇلاردىن بىناكار ئەختەرىدىن 1268-يىلى يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قۇبلاينىڭ پەرمانىغا بىنائەن ، موڭغۇللارنىڭ دەسلەپكى ھۇجۇمىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەدىمكى بېيجىڭ شەھىرىنى قايتا لايىھىلەش ، كېڭەيتىپ قۇرۇش خان ئوردىسىنى ياساش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان . دىپلومات ئۇقمىش تۆت قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلىپ ، دېڭىز قاتناش تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتقان . ھازىرقى ھىندىستان ، سىرىلانكا قاتارلىق ئەللەرگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ، نۇرغۇن خىزمەت كۆرسەتكەن . ئۇيغۇر ئالىمى چۇس كىخودزىر يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قوبلاينىڭ ، دۆلەت ئۇستازى بولغان. ئۇ ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتۇڭا چىڭگىزخان دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان « كونا موڭغۇل يېزىقى...