1.قىزىقىش شەكىللەندۈرۈڭ !
ھەر قانداق بىر تىلنى ئۆگىنىشتە قىزىقىشنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ .قىزىقىش بولمايدىكەن بىر تىلىنى ئۆگىنىپ باشقا ئىلىپ چىقىشمۇ تەسكە توختايدۇ.
2.نىشانىڭىز ۋە پىلانىڭىز بولسۇن !
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشتىكى نىشانىڭىزنىڭ ئېنىق بولىشى ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىپ غەلبە قىلىشىڭىزنىڭ ئاساسى.مەيلى نىشانىڭىز ماگىستىر ئاسپىرانلىقتا ئوقۇش بولسۇن ياكى مەملىكەتلىك سەۋىيە ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ ياخشىراق خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىش بولسۇن ۋە ياكى خەلقئارالىق ئېنگلىزتىلى سەۋىيە ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ چەتئەلگە چىقىش ياكى ئوقۇش بولسۇن ،نىشانىڭىزنىڭ ئېنىق بولىشى ياكى بولماسلىقى ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىپ ئۈزۈپ چقىىش ياكى چىقالماسلىقىڭىزنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى .شۇڭا نىمە سەۋەبتىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدىغانلىقىڭىزغا جاۋاپ تېپىڭ .
3.ئەڭ ياخشى ماتىريالنى تاللاڭ !
خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئۆتۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى دەرسلىك كىتابلارنى تاللاپ ئۆگىنىڭ ! مەسىلەن ، يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى ، كامبىرىج ئىنگلىز تىلى ، تەجىربە ئىنگلىز تىلى ، يېڭى ئۇپۇق ئىنگلىز تىلى …دېگەندەك .
4.ئوقۇتقۇچى تاللاڭ!
ئوقۇتقۇچى تاللاشتا بىر قانچە شەرتلەرنى قويۇڭ .مەسىلەن :مەدەنىيەت سەۋىيىسى ،تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭىنىڭ ئۆلچەملىكلىكى ،مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى سەۋىيە ئىمتىھانلىرىدىكى نەتىجىسى ،دەرس ئۆتۈش تارىخى ،دەرس ئۆتۈش مىتودى ،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقلىقى ۋە ئىشەنچىلىكلىكى قاتارلىقلارنىڭ قانداقلىقىنى ياخشى بىلىشىڭىز ۋە ئىگەللىشىڭىز كېرەك .
ئۆگىنىش باسقۇچى :
1.تارتىنماي سۆزلەڭ !
كۆپ ساندىكى چەتئەل تىلى ئۆگەنگۈچىلەر تارتىنماي سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى توغرا سۆزلىيەلمەسلىك ياكى توغرا تەلەپپۇز قىلالماسلىق .سىز ئۇنداق ئەنسىرەشلەدە بولماڭ !چۈنكى بىر تىلنى ئەڭ تېز ۋە ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايتا -قايتا سۆزلەپ مەشىق قىلىشتا .
2.ھەممە مەنبەدىن پايدىلىنىڭ !
گەرچە سىز بىرەر تىل مەكتىپىتىدە ئىنگلىزتىلىنى ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىزمۇ ،ئۇ سىزنىڭ دەرسخانا سىرتىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش پۇرسىتىڭىزنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىز ئوقۇتقۇچى ۋە كىتابقىلا تايىنىپ قالماي باشقا مەنبەلەردىنمۇ پايدىلىنىڭ . سىز دائىم ئىشلىتىغان كۈندىلىك بۇيۇملارنىڭ ئۈستىگە ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى يېزىپ چاپلاپ قويۇڭ ، ياكى ياتاق ئۆيىڭىزنىڭ تېمىغا چاپلىۋېلىڭ . ھەر كۈنى سەھەر تۇرغاندا بەش مىنۇت ، ياتقاندا بەش مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ . تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز .
3.ئىنگلىز تىلى مۇھىتى يارىتىشقا تىرىشىڭ !
ئىنگلىز تىلى مۇھىتى يارىتىش ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە ياخشى ئۇسۇللىرىدىن بىرى .بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنگلىز تىلىدا خاتىرە يېزىڭ .ئىنگلىز تىلىدىكى گېزىت – ژۇرناللارنى ۋە كىتابلارنى ئوقۇشقا تىرىشىڭ ،رادىئو پىروگىراممىلىرىنى ئاڭلاڭ ، ئىنگلىز تىلىدىكى خەۋەرلار ۋە كىنولىرىنى كۆرۈڭ . پۇرسەت تىپىپ ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىشكە تىرىشىڭ .ئامال بار ئانا تىلى ئىنگلىزتىلىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىڭ.بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ تەلەپپۇزىڭىزنىڭ توغرا بولىشىغا چوڭ ياردىمى بولىدۇ.سىز ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزى ۋە ئاھاڭىغا قانچىكى يىقىن تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭدا سۆزلىيەلىسىڭىز ،سۆزلىگەندە راھەت ھېس قىلىشتىن سىرت باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇلارنى ئاسان قايىل قىلالايسىز .
4.ئىنگلىز تىلىدىكى كىنو ، تىلىۋىزىيە قاناللىرىنى ۋە پروگىراممىلىرىنى كۆپ كۆرۈڭ !
بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىنگلىز تىلىنى كۆڭۈللۈك ھەم ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز ،لۇغەت بايلىقىڭىزنى ئاشۇرالايسىز ھەمدە توغرا تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭغا ئىگە بولالايسىز .
5.ئىنگلىز تىلىدىكى ناخشىلارنى ئاڭلاڭ !
بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن ئەگىشىپ ئوقۇيسىز ،ئەڭ ياخشىسى ناخشا تېكىستىگە قاراپ ئەگىشىپ ئۇقۇش .بۇ خىل ئۇسۇلدىمۇ ئىنگلىز تىلىنى كۆڭۈللۈك ھەم ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز ،لۇغەت بايلىقىڭىزنى ئاشۇرالايسىز ھەمدە توغرا تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭغا ئىگە بولالايسىز .
6.مەشىق ئىشلەڭ ۋە ئىمتىھان بېرىڭ !
كۆپ ساندىكى چەتئەل تىلى ئۆگەنگۈچىلەر مەشىق ئىشلەشنى ۋە ئىمتىھان بېرىشنى زېرىكىشلىك دەپ قارايدۇ.لىكىن سىز مەشىق ئىشلەش ۋە ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىڭىزنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىڭ .ئىمتىھان سىزنىڭ قاچىلىك ئۆگىنىپ قانچىلىك ئىلگىرلىگەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىدىغان سىتىرىلكا.ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى سىناپ باقمىسىڭىز ،قانچىلىك ئىلگىرلىگەنلىكىڭىزنى بىلەلمەيسىز . مەشىق ئىشلەش ۋە ئىمتىھان بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.بۇنداق قىلغاندا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلالايسىز .گىرامماتىكا قىسمىنى ئۆگىنىش ،سۆزلەرنى يادلاش ۋە مەشىقلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى يۇقىرى كۆتىرەلەيسىز .
7.ئۆزىڭىزنىڭ سۆزلىگىنىڭىزنى ئۈنگە ئېلىپ ئاڭلاڭ !
ئۆزىڭىزنىڭ سۆزلىگىنىڭىزنى mp3 ياكى mp4 كە ئۈنگە ئېلىپ ئاڭلاڭ . بۇ ئارقىلىق ئىنگلىز تىلى تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىز.
8. قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭ .
بۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم ، شۇنداقلا ئەڭ تەس ئىشنىڭ بىرى . بىر كۈن ئۆگىنىپ ئۈچ كۈن ئارام ئالىدىغان بولسىڭىز بۇ تىلنى ئۆگىنىپ باشقا چىقىشىڭىز قىيىنغا توختايدۇ . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئاسان يولى يوق ، ئەمما توغرا يولى بار ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش. دەرۋەقە بىر تىلنى 5-6 ئايدا ئۆگىنىپ بىر يەرگە ئاپارغىلىمۇ بولىدۇ . بۇ سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا ، مەلۇم دەرىجىدە تۇغما تالانتىڭىزغىمۇ باغلىق . ئەمما ھەممە ئادەم تالانتلىق بولىۋەرمەيدۇ . كۆپىنچىمىز ئادەتتىكى ئادەملەر ، بىزگە پەقەت ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش يولىلا بار .ئېينىشتىيىننىڭ «ئەگەر تىرىشچانلىق بىلەن تالانتتىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە مەن ئىككىلەنمەي تىرىشچانلىقنى تاللىغان بولاتتىم » دېگەن بىر گېپى بار . پەقەت سىزلا بوشاشمىسىڭىز باشقىلار قىلالىغان ئىشنى سىزمۇ قىلالايسىز ، باشقىلار ئۆگىنەلىگەن شۇ تىلنى سىزمۇ ئۆگىنەلەيسىز .
ماقالە ئاپتورى نامەلۇم، مەنبەسى كونا باغداش مۇنبىرى، يوللىغۇچى : تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، 30-سىنتەبىر، ۋاشنگىتون