840-يىلى قىرغىزلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈكەن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇيغۇر دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلدى . پان تېكىن ئۇيغۇرلارنى باشلاپ غەربتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا چېكىندى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە يەتتە سۇ رايونىغا چېكىنگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى شۇ جايدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ قاراخانلار سۇلالىسىنى قۇردى .
850- يىلدىن 890- يىلغىچە بىلگە قادىرخان ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى چوڭ خاقان بولۇپ ، بالاساغۇننى ئىدارە قىلدى . ئىككىنچى ئوغلى ئوغۇلچاق قادىرخان ئۇنۋانى بىلەن تالاسنى ئىدارە قىلدى .
893- يىلى ئوغۇلچاق قادىرخان قەشقەرنى پايتەخت قىلدى .
900- يىللاردىن 930 – يىلغىچە ساتۇق تېكىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى . ئۇ مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم ساتۇق تېكىن دەپ ئاتالدى . ئابدۇكېرىم ساتۇق تېكىن ئوغۇلچاق قادىرخاننى مەغلۇپ قىلىپ ، قەشقەردە ئىسلام ھاكىمىيىتى ئورناتقاندىن كېيىن ئۆزىنى » قارا خان » دەپ .ئېلان قىلىپ ، » بۇغراخان » ئۇنۋانى بىلەن ئاتالدى .
942- يىلى ساتۇق بۇغراخان سۇياپ شەھىرىنى ۋە بالاساغۇننى ئىشغال قىلىپ ئۇ جايلارنى قارا خانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى .
955- يىلى ساتۇق بۇغراخان ۋاپات بولدى ، ئۇ قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشنىڭ مەشھەت دېگەن يېرىگە دەپىنە قىلىندى .
956- يىلى ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم ( بايتاش ) بۇغرا قارا خاقان بولدى .
960- يىلى قارا خانلار بالاساغۇننى قاراخانلار خانلىقنىڭ يەنە بىر پايتەختى قىلدى .
971- يىلى مۇسا بۇغراخان خوتەنگە ھۇجۇم قىلدى .
992- يىلى مۇسا بۇغراخان ۋاپات بولدى . ئۇ ئاتۇشتىكى قاراخانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى .
992- يىلى ھارۇن بۇغرا قاراخان تەختتە ئولتۇردى . ئۇ زېمىن دائىرىسىنى پەرغانە ، سەمەرقەنت ، ماۋرائۇننەرگىچە كېڭەيتىپ بۇ جايلارنى ئىشغال قىلدى.
997- يىلى ھارۇن بۇغراخان بۇخارادىن قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە ۋاپات بولدى . يۈسۈپ قادىرخان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى .
999- يىلى قاراخانلار خانلىقى سامانىيلار خانلىقنى مۇنقەرز قىلدى .
1000- يىلى غەزىنە سۇلتانى مەھمۇت قاراخانلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش تەلىپىنى قويدى ، دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالاندى .
1002- يىلى خوتەندە قاراخانلار سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلدى .يۈسۈپ قادىرخان خوتەندە ئىسلام دىنىنى قايتىدىن ئومۇملاشتۇردى .
1007 – يىلى قاراخانلار سۇلالىسى بىلەن غەزىنە ( غەزىنىۋىلەر سۇلالىسى ) ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى . غەزىنە سۇلتانى مەھمۇت سۈلىھ تەلەپ قىلدى .
1032- يىلى يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولدى .
1032- يىلدىن 1056- يىللارغىچە سۇلايمان تېكىن ئارىسلان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانلار خانلىقنىڭ تەختىدە ئولتۇردى . بۇ مەزگىلدە قاراخانلار خانلىقى بالاساغۇننى يازلىق پايتەخت ، قەشقەرنى قىشلىق پايتەخت قىلدى ، قەشقەرنى ئوردا كەنت نامى بىلەن ئاتىدى .
1039- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ناسىر خان تابغاچ ئىبراھىم خان ئۇنۋانى قوللاندى .
1041- يىلى سالجۇقلار سۇلتانى ئالىپ ئارسلان قاراخانلار سۇلالىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى .
1056- يىلى سۇلايمان ئارسلان قاراخان ۋاپات بولدى . ھەسەن ئىبنى سۇلايمان قاراخان قاراخنالار خانى بولۇپ » بۇغرا ئارىسلان قاراخان » ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى .
1069- 1070- يىللىرى مۇتەپەككۇر ، پەيلاسوپ يۈسۈپ << قۇتاتقۇبىلىك >> نى تاماملاپ ، قاراخانلار خانى ئەبۇ ئىلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغرا ئارىسلان قاراخانغا تەقدىم قىلدى ، قاراخان يۈسۈپكە » خاس ھاجىپ » ئۇنۋانى بەردى .
1072- 1075- يىللىرى ئاتاقلىق تىلشۇناس ، ئالىم مەھمۇت قەشقىرى << تۈركى تىللار دىۋانى >> نى تاماملاپ ، باغدات خەلپىسىگە تەقدىم قىلدى .
1070- 1080- يىللىرى تارىخشۇناس ئەبۇلفۇتۇھ ئابدۇجاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقىرى << قەشقەر تارىخى >> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى .
1105- يىلى ئەھمەد ئىبنى ھەسەن قاراخان خانلىق تەختىدە ئولتۇردى .
1124- يىلى قاراخىتايلار خانى يەللىغ تاشىن قارا خىتايلارنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ كەلدى ۋە قۇرۇلتاي ئېچىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلدى . قاراخىتاي خانلىقى قۇرۇلدى .
1128- قاراخانلار خانى ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد قاراخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قارلۇق ، قىپچاق ۋە قاڭقىللار ئىسيان كۆتۈردى . ئىبراھىم قاراخان ئىسياننى تىنچىتىش ئۈچۈن قارا خىتايلاردىن ياردەم سوراپ ئۇلارنى شىمالىي ئىلىك خان تەۋەسىدىكى يەتتە سۇ رايونىغا ئورۇنلاشتۇردى . كىيىن قارا خىتايلار يەتتە سۇنى ئىشغال قىلدى .
1133- يىلى غەربتىكى قاراخىتايلار يەتتە سۇدىن ئىلگىرىلەپ ، قاراخانلارنىڭ قارلۇقلاردىن تەشكىل قىلىنغان قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى يېڭىپ ، بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى .
1141- يىلى قاراخىتايلار سالجۇقلار سۇلتانى سەنجارغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى . كاتىۋان چۆلىدىكى ئۇرۇشتا سالجۇقلار قوشۇنى مەغلۇپ بولدى . خارەزىم قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى .
1156- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد ۋاپات بولدى . مۇھەممەت ئىبنى ئىبراھىم قاراخانلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ ،قەشقەردە تەختتە ئولتۇردى . بۇ مەزگىلدە ماۋرائۇننەھىر ، يەتتە سۇ رايونىدا قارا خىتايلار ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى .
1200- يىلى غەربتە قاراخانىيلاردىن ئىبراھىم ئىبنى ھۈسەيىن ئوغلى ئوسمان قاراخانلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى . بۇ مەزگىللەردە ماۋرا ئۇننەرىز ، قەشقەر ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قاراخىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلار پارتلىدى . ئوسمان قاراخان قاراخىتايلارنىڭ سەمەرقەنتتىكى ۋەكىلىنى دەريا تاشلاپ ، قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى .
1204- يىلى نايمانلارنىڭ باشلىقى كۈچلۈك قەشقەرگە قېچىپ كېلىپ ، قارا خىتايلار بىلەن بىرلەشتى ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى . قەشقەردىكى قاراخانلار خانى يۈسۈپ ئېبنى مۇھەممەت ۋاپات بولدى . ئورنىغا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ خان بولدى ۋە قاراخىتايلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى .
1211- يىلى نايمانلارنىڭ باشلىقى كۈچلۈك ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ، قاراخىتايلارنىڭ ئوردىسىنى ئىشغال قىلدى ۋە قارا خىتايلارنىڭ باشلىقى چورۇقتىين ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى ، قاراخىتاي خانلىقى يىمىرىلدى .
1211-1212- يىللىرى كۈچلۈك قاراخىتايلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالدى .
1218- يىلى چىڭگىزخاننىڭ جۆبە باشچىلىقىدىكى قوشۇنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئۆتۈپ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى . قاراخانلار تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر كۈچلۈكنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى .
1219- يىلى چىنگىزخان قوشۇنى شەرقىي قاراخانلار تەۋەسىنى ئىشغال قىلدى .
1221- يىلى شەرقىي قاراخانلار خانلىقى يىمىرىلدى . پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى چىنگىزخان ھاكىمىيىتى ئاستىغا چۈشتى .
<< قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى >> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى