يانۋار 22, 2025
ساياھەت كەسپى

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ  تەتقىقات دىرىكتورى دوكتۇر ھېنرىك سزادىۋىسكى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان مەخسۇس ستون

«[قەشقەر] كونا شەھەردە، ھۆكۈمەت نۇرغۇن ئۆيلەرنى چېقىۋەتتى. ئۇلار بۇنىڭ يەرلىك خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار بىزگە يېڭى بىنالاردا زامانىۋى قۇلايلىقلارغا ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. ئۇلار دەسلەپتە ھەممىنى چېقىۋەتمەكچى بولدى، ئەمما نارازىلىقلار تۈپەيلىدىن بەزى يەرلەرنى چاقماي توختىدى. شۇنداقتىمۇ، مېنىڭ مەھەللەم چېقىۋېتىلدى. ساقلاپ قېلىنغان قىسمى قايتا ياسىلىپ، ساياھەت ئ‍ىشلىرى ئۈچۈن ئۆزگەرتىلدى. ئۇلار ھەتتا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ساختا شەھەر سېپىلىنى قۇرۇپ، كىرىش ئۈچۈن پۇل تۆلەشكە مەجبۇرلىدى.  ھازىر ھەممە يەردە بىخەتەرلىك كامېرالىرى بار. ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ بىرى بېيجىڭدىكى چوڭ باشلىققا تەۋە. ئۇلار ئاساسەن نېمىنى خالىسا شۇنى  ئېلىۋالدى. كونا شەھەردە  جامائەت مۇھىتى بار ئىدى. ھازىر ھىچىنىمە يوق، ئەسلىدە بۇ يەردە ياشىغان كىشىلەر ھازىر لاگېرلاردا.»

2019-2020 يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر رايۇنىدىكى بىخەتەرلىك سىستىمىسىدا ساياھەتنىڭ رولى توغرىسىدىكى بىر ئىلمىي ماقالە ئۈچۈن، بۇرۇن ئۆز ۋەتىنىدە  ساياھەت يېتەكچىسى بولغان، ھازىر سۈرگۈندە ياشاۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم. يۇقىرىقى نەقىل 20 يىلدىن ئارتۇق ساياھەت باشلامچىسى بولغان قەشقەرلىك بىر  ئۇيغۇرنىڭ سۆزى.

بەش يىلدىن كېيىن، 2024-يىلى 5-نويابىردىن 7-نويابىرغىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك دەپ جاكارلىغان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبى قسىمى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى لوندوندىكى «دۇنيا ساياھەت بازىرى» (WTM) دا «شىنجاڭنىڭ ئەڭ سېھىرلىك جەزبىدارلىقى» نى كۆرگەزمە قىلىدۇ. WTM بۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرلىك سەيلى-ساياھەت پائالىيىتى» دەپ تەسۋىرلىمەكتە.

بۇ خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ساياھەت يەرمەنكە ۋە كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم قوللىنىشى ئەمەس.  WTM لوندۇن قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا سادىر بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن بىخەۋەر دېيەلمەيدۇ، ئۇلار بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇش خەۋپىگە رازى بولغاندەك كۆرۈنىدۇ. بىزنىڭ ئۇلارنى ئۆز قىممەت قاراشلىرى ۋە كەسپى ئۆلچەملىرىگە خىلاپ كېلىدىغان بۇ قارارىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىش مەسئۇلىيتىمىز بار.

 WTM لوندون يەرمەنكىسىدە يەرمەنكىگە قاتناشقۇچىلاردىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، شۇنداقلا China Highlights International Travel Service ۋە China Adventure Travel قاتارلىق ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللەيدىغان خىتايدىكى ساياھەت شىركەتلىرىمۇ بار.

لوندون يەرمەنكىسى 2024-يىلى 23-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ۋە فرانسىيە ساياھەت بازىرى (IFTM) كۆرگەزمىسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. IFTM كۆرگەزمىسىدە، خىتاي دۆلەت ساياھەت باشقۇرۇش ئىدارىسى (CNTA) پارىژ ئىشخانىسىنىڭ كۆزگەزمە مەيدانىدا، ئۇيغۇر رايونى ئۈچۈن «باي مەدەنىي مىراس ۋە ئۆزگىچە مەنزىرىلەر»نى كۆرگەزمە قىلىدىغان مەخسۇس كۆرگەزمە زالى تەسىس قىلغان. يەرمەنكىدە يەنە، CNTA بىلەن بىر كۆرگەزمە زالىنى ئورتاق ئ‍ىشلەتكەن، ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللەيدىغان Horizon Travel شىركىتىمۇبار ئىدى.

بىر جەھەتتىن، IFTM كۆرگەزمىسى ئۇلارنىڭ «بىز بارلىق پائالىيەتلىرىمىزدە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىمىز» دېگەن شۇئارىغا  ئەمەل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،  ئەمما بۇ يەرمەنكىدىكى «ئۆز ئىچىگە ئېلىش» ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇۋاتقان  بىر ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

خىتاينىڭ دۆلەت ۋاكالەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر 2024-يىلى 5-مارتتىن 7-مارتقىچە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ساياھەت-يەرمەنكىسى (ITB) سودا يەرمەنكىسىدىكى بىلەن كۆپ پەرقسىز ئىدى.

شۇ چاغدىمۇ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، شۇنداقلا China Highlights International Travel Service ۋە China Adventure Travel  قاتارلىق ئورۇنلار قاتناشقانىدى.

خەلقئارالىق ساياھەت يەرمەنكە ۋە كۆرگەزمىلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇشنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان باشقا ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى تىرشچانلىقلىرى  بىلەن ئوخشاش بىر قاتاردا تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن بەن كارردۇس ( Ben Carrdus) ئامېرىكا سودا مىنىستىرى Gina Raimondo نىڭ 2023- ۋە 2024- يىللاردا خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى Hu Heping بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. Carrdus نىڭ چۈشەندۈرىشىچە،  Hu Heping پارتىيە مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋە دوكلات ئېلان قىلىنغان چاغدا ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق تەشۋىق قىلىنغان ئۈچ قېتىملىق ساياھەت پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي مۇخبىرلار ۋە دىپلوماتلارنى ئۇيغۇر رايونىغا ناھايىتى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساياھەتكە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئاتالمىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايىش قىلدى. مەقسەت سىرتتىكىلەرنىڭ ختاينىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت، چۈنكى پارتىيەنىڭ ئۆز تەشۋىقات سۇپىلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى دەخلىگە ئۇچرىغان. بۇ تاكتىكا يېڭى ئەمەس، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە  نەشر قىلىنغان Han Suyin نىڭ «لخاسا، ئوچۇق شەھەر: تىبەتكە ساياھەت» ناملىق كىتابىغا قاراڭ. 

كىتابتا قىزىل قوغدىغۇچىلار خان سۇيىننىڭ نەزىرىدىن خالى ھالدا ۋەيرانچىلىق ۋە قەتلىئام قىلىۋاتقاندا، ئۇ ماۋنىڭ تىبەتلىكلەرنى «ئازاد قىلىش»ىنى ماختىغان. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات ئۈچۈن يېڭى قوراللارغا جىددى ئېھتىياجى بار، شۇڭا پارتىيە بۇ خىزمەتنى قىلىشقا ۋىلوگچىلار ۋە باشقا تەسىر كۆرسەتكۈچىلەرگە يۈزلەنمەكتە.

تەشۋىقات ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىدىنمۇ ياكى ساياھەت سانائىتى بۇنىڭدىن بىخەۋەر قالغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ ۋە  ياكى ئۇلارنىڭ كارى يوقمۇ، بەرىبىر  ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىكى ساياھەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگۈچىلەر ۋە ساياھەت شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت قىلىشنى تەشۋىق قىلماقتا. بۇلار ساياھەت تەشكىللەشتىن ۋە خىتاي دۆلەت ساياھەت ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتىن بۇرۇن تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. «ساياھەت كەسپى ئەخلاقى  ھەققىدىكى قائىدە رامكىلىرى » ۋە «تىجارەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى يېتەكچى پىرىنسىپلار» ئېنىق ئەخلاقىي تىجارەت ئۆلچەملىرىنى تەمىنلەيدۇ.

ئۇنداقتا سىز نېمە ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز كېرەك؟ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قارشى جىنايەتلەرنى  سىزگە يېقىن شەھەرگە ئېكسپورت قىلىشىنى نورماللاشتۇرۇش نومۇسسىزلىقىدىن باشقا، بۇ مەسىلە ئېغىر دۆلەت باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان بىر رايونغا ساياھەت قىلىشنىڭ ئەخلاقىي مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ساياھەتنىڭ رولى نېمە؟

ئەگەر گۇۋاھچى بولۇش ئۈچۈن بولسا، سىز بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان، قايتا قۇرۇلۇپ ۋە ساياھەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن مەسچىتلەر، مەھەللىلەر ۋە بازارلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيسىز؟ ئەگەر ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن بولسا، كەڭ كۆلەملىك نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان ياكى  تۈرمىلەرگە قامالغان،  كىملىكى دۆلەت ئۈچۈن ئ‍شلىتىلىۋاتقان كىشىلەر بىلەن قانداقمۇ ھەقىقىي مۇناسىۋەت قۇرالايسىز؟  ئەگەر پەقەتلا قىزىقىشىڭىز ئۈچۈن بولسا، سىز خەجلىگەن پۇلنىڭ بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە بارمايدىغانلىقىغا قانداقمۇ جەزم قىلالايسىز؟

سزنىڭ ئىستېمالچى سۈپىتىدە  تاللاش ھوقۇقىڭىز بار. باشقىلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدىن پايدا ئېلىشقا قارشى تۇرۇشنى تاللاش ھوقۇقىڭىز بار. مەن سىزنى ئۇيغۇر رايونىغا بارماڭ دېمەيۋاتىمەن، مەن سزنى ئ‍ۇيغۇر رايونىغا ساياھەت قىلىشتا ئەخلاقىي قارار چىقىرىشقا چاقىرىۋاتىمەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىڭىزدىن: «مەن ئۇ يەردە بولۇشۇم  كىمنى كۈچلەندۈرىدۇ ياكى كىمگە زىيان يەتكۈزىدۇ؟» دەپ سوراڭ.

ھەممىمىز قىلالايدىغان ئىش شۇكى، ئۆز دۆلىتىمىزدىكى ساياھەتچىلىك كەسپى ۋە ساياھەتچىلىككە مەسئۇل ئەمەلدارلارنى ئۆزىدىن  ئوخشاش سوئاللارنى  سوراشقا ۋە ئۇيغۇر رايونىغا بولغان ساياھەت ۋە تەجرىبىلەرنىڭ زىياندىن خالىي ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىشتۇر.

.

ئەسلى مەنبەسى: https://uhrp.org/insights/the-travel-industry-is-normalizing-crimes-against-humanity

ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ