سېنتەبىر 19, 2024
Uyghur -Hoten-Etles

Uyghur -Hoten-Etles

 خوتەن – قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ بىر تۈگۈنى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى، گىلەم، قاشتېشى، ئەتلەس قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن مەشھۇر. ئەتلەس قەدىمىي يىپەك يولى ئارقىلىق دۇنياغا تارقالغان. ئەتلەس خوتەننىڭ يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت دەپ نام چىقىرىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
   ئەقىل – پاراسەتلىك، باتۇر، ئەمگەكچان خوتەن خەلقى بۇنىڭدىن 2000 – 3000 يىل ئىلگىرىلا ئۈجمە دەرىخى تىكىپ، پىلە بېقىپ يىپەكچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان يىپەك يىپنى تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردە بوياپ، رەڭدار يىپەك رەختلەرنى توقۇش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغان ھەم ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغان.
  سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان يىپەك رەخت ۋە ئەتلەس پارچىسى، نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان پىلە غوزىسى ۋە نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىدە ھازىرغا قەدەر ساقلانغان ئۈجمە دەرىخى قالدۇقلىرى، ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق سايمانلىرى خوتەن خەلقىنىڭ يىپەكچىلىك، ئەتلەسچىلىك تارىخىنىڭ نەقەدەر ئۇزاقلىقىنىڭ ماددىي ئىسپاتىدۇر.
   ئادەتتە يىپەكتىن توقۇلغان رەختلەر بوياش، پىششىقلاش، توقۇشنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ شايى، ئەتلەس، بەقەسەم دېگەن ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئەتلەس رەڭگى، توقۇلۇشى ۋە خام ئەشيا ماتېرىيالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تەبىئىي رەڭلىك ئەتلەس، ساپ ئەتلەس، ئارىلاشما ئەتلەس دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
  1 .تەبىئىي رەڭلىك ئەتلەس: ساپ يىپەك رەخت ئوردان، زاك، ياڭاق قاسرىقى، نىل، يۇلغۇن چېچىكى قاتارلىق تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردىن يىغىۋېلىنغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ يەرلىك ئۇسۇلدا بويىلىپ، ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق سايمانلىرىدا توقۇلىدۇ.
  ئالاھىدىلىكى: بۇنداق ئەتلەسنى ئۇزاق ساقلىسىمۇ رەڭگى ئۆڭمەيدۇ، تېرە ۋە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق. ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇشقا، قىممەتلىك سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلىشقا ھەم تەۋەررۈك سوۋغات سۈپىتىدە ساقلاشقا باب كېلىدۇ.
  2 . ساپ ئەتلەس: بۇ ساپ يىپەك يىپنى خىمىيەۋى بوياقلار بىلەن بوياش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق سايمانلىرىدا توقۇلىدۇ.
  ئالاھىدىلىكى: ساپ ئەتلەسنىڭ رەڭگى ناھايىتى يارقىن، گۈللىرى شوخ بولۇپ، قارىماققا نەپىس ھەم جۇلالىق كۆرۈنىدۇ. بەدەنگە ئەكس تەسىرى يوق. سۈپىتى ياخشى بولۇپ، خانىم – قىزلارنىڭ يارىشىملىق ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ ئوبدان ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
  3 .ئارىلاشما ئەتلەس: بۇنداق ئەتلەسكە يىپەك يىپ ئىشلىتىلمەيدۇ. ئادەتتىكى پاختا يىپ ۋە سۈنئىي تالالىق بىرىكمە يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. بوياشقا تامامەن خىمىيەۋى بوياقلار ئىشلىتىلىدۇ. ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياكى زامانىۋى توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا توقۇلىدۇ.
  ئالاھىدىلىكى: بۇنداق ئەتلەسنى توقۇش ئۈنۈمى يۇقىرى، تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، ئۇ رەڭدارلىقى، جۇلالىقلىقى بىلەن بازارلىق مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ