سېنتەبىر 19, 2024
راۋاب_rawab

راۋاب_rawab

راۋاب ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان چالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، چېلىشقا قولايلىق چالغۇ ئەسۋابتۇر. راۋاب بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلىش ئارقىلىق، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، قوپاللىقتىن نەپىسلىككە، تۇتۇقلۇقتىن جاراڭلىقلىققا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. 
  راۋابنىڭ تۈرلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلماقچى بولغىنى قەشقەر راۋابى، دولان راۋابى، قومۇل راۋابى، قويچى راۋابى، چاپلىما راۋاب، باس راۋابتىن ئىبارەت. 
  قەشقەر راۋابى: بېشى دۈگىلەك يېرىم شار شەكلىدە ياغاچتىن ئويۇلۇپ ياسىلىپ، يۈزىگە يىلان تېرىسى كېرىلىدۇ. راۋاب يۈزلۈكىنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن 13 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتە ئالتە- يەتتە تال تارا سېلىنىپ، ئالدىنقى بىر تارا ئاساسىي مېلودىيەنى ئورۇنلاش، قالغانلىرى قوشۇمچە ئاككورد ياكى سادا قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئاۋازى ياڭراق، جۇشقۇن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. قەشقەر راۋابىنىڭ سىرتقى ياغاچ يۈزىگە خىلمۇ خىل گۈزەل نەقىشلەر قويۇلۇپ، ئالاھىدە ئىشلىنىدۇ. بۇ راۋاب قەشقەر رايونىدا كۆپرەك ئىشلىتىلگەچكە، «قەشقەر راۋابى» دەپ ئاتىلىدۇ.

راۋاب_rawab
راۋاب_rawab


  دولان راۋابى: قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ، دەستىسى كەڭرەك ياسىلىدۇ. دولان راۋابىنىڭ دەستىسىگە پەدە باغلانمىغاچقا، چاققانلىق بىلەن سىيرىپ مىللىي پۇراقلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ چېلىشقا ئەپلىك. دولان راۋابى يۈزىنىڭ دىيامېتىرى 20 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. كۆپىنچىسىگە 15 – 19 تارا سېلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ئۈچى ئاساسىي تارا بولۇپ، باشقىلىرى قوشۇمچە ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قىسقا ئىككى مۈڭگۈزى باش قىسمىدىن سەل يۇقىرىراق ئورۇنغا ئورنىتىلىپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا نەقىش قويۇلغان. دولان راۋابى ئۈجمە ۋە ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئىلگىرى ئۈچەي تارىسى سېلىنسا ھازىر پولات سىم تارا سېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات ناھىيەلىرىدە كەڭ تارقالغاچقا «دولان راۋابى» دەپ ئاتالغان.
  قومۇل راۋابى: قومۇل راۋابىنىڭ شەكلى دولان راۋابىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. قومۇل راۋابىنىڭ قۇلاق ئورنى ئۈچ بۇرجەك شەكلىدە بولۇپ، ئالتە دانە قۇلاق بېكىتىلگەن. راۋاب دەستىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسمى دولان راۋابىغا ئوخشاش ياسىلىپ پەدە قويۇلمايدۇ. تۆۋەنكى قىسمى كەڭرەك بولۇپ، 14 دانە پەدە قويۇلىدۇ.
  قومۇل راۋابى كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. راۋاب بېشى (ئەكس سادا قاپىقى) ياغاچتىن ئىچى ئويۇلۇپ، سوقىچاق ۋە ياپىلاقراق ياسىلىدۇ. سوقىچاق بېشىنىڭ دىيامېتىرى 20 سانتىمېتىردىن 23 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. پەدە قويۇلمىغان دەستىسى 15 سانتىمېتىر، پەدە قويۇلغىنى 28 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 85 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

qomul rawabi-قومۇل راۋابى
qomul rawabi-قومۇل راۋابى


  قومۇل راۋابىنىڭ يۈزلۈكىگە ھازىر يىلان تېرىسى كېرىلىپ، 13 تال پولات سىم تارىسى سېلىنىپ، ئالدىنقى ئالتە تال تارا ئاساسلىق چېلىنسا، قالغانلىرى ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قومۇل راۋابىنىڭ يۈزىگىمۇ مىللىي پاسوندىكى نەقىشلەر ئويۇلىدۇ. ھەتتا بەزىلىرىگە پارقىراق كۆزلەر قويۇلۇپ نەپىس ياسىلىدۇ. بۇ خىل راۋاب قومۇل تەۋەسىدە كۆپرەك ئىشلىتىلگەچكە «قومۇل راۋابى» دەپ ئاتىلىدۇ.


  قويچى راۋابى: قەدىمكى راۋاب بولۇپ، شەكلى قەشقەر راۋابىغا ئوخشاپراق كېتىدۇ. قويچى راۋابىنىڭ ياسىلىشى ئاددىي، راۋاب بېشى باشقا راۋابلارنىڭكىدىن سەل چوڭ، دەستىسى ئۇزۇنراق بولۇپ، ئون نەچچە پەدە باغلىنىپ، ئۈچ تال تارا سېلىنىدۇ. چېلىش ئۇسۇلىمۇ قەشقەر راۋابى بىلەن ئوخشاش. قويچى راۋابىنىڭ ياسىلىشى ئاددىي بولغاچقا، خەلقنىڭ ئېتىز- ئېرىق، تاغ- ئېدىرلاردا بىر تەرەپتىن مال بېقىپ، بىر تەرەپتىن كۆڭۈل ئېچىشىغا ماس كەلگەن. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «قويچى راۋابى» دەپ ئاتاشقان. بۇ خىل راۋاب خوتەننىڭ چەت جايلىرىدا ھېلىمۇ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.


  چاپلىما راۋاب: بۇ ئۈجمە ۋە ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. بۇ راۋاب 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار زاۋۇتى تەرىپىدىن قەشقەر راۋابىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ياسالغان يېڭى نۇسخىدىكى راۋاب بولۇپ، بۇ خىل راۋابنىڭ بېشى دۇتارنىڭ بېشىغا ئوخشاش ياغاچ تالالىرىدىن يېرىم شار شەكلىدە چاپلىنىپ ياسىلىپ، يۈزىگە يىلان تېرىسى كېرىلىپ، دەستىسىگە مېتالدىن پەدە قويۇلغان، باش (ئاساسلىق) پەدە ئارىلىقى ئەنئەنىۋى راۋابلارنىڭكىدەك بوش قالدۇرۇلماي، 12 تەكشى ئاھاڭلار تىزىلما قائىدىسى بويىچە باشتىن- ئاياغ تولۇق پەدە بېكىتىلگەن. 
  بۇ راۋابنىڭ سىرتقى ياغاچ يۈزىگە سۆڭەك ۋە سولياۋدىن گۈللۈك نەقىشلەر قويۇلغان، راۋابنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، مۇڭلۇق بولۇپ، سىرتقى شەكلى، ھەجمى ۋە چېلىش ئۇسۇلى قەشقەر راۋابىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. 
  باس راۋاب: بۇ تۆۋەن ئاۋازلىق راۋاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل راۋابنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى ئومۇمەن چاپلىما راۋاب بىلەن ئوخشاش. ھەجمى چوڭراق، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭغا ئۈچ تال بوم تارا سېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا مۇھىم بولغان تۆۋەن ئاۋازلىق چالغۇ ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ