(تارىخىمىزدىكى بىر قانچە قېتىملىق كىتاب كۆيدۈرۈش پاجىئەسىگە قىسقىچە ئىزاھات)
ئىمىن تاجى تۈرگۈن، تۇتىگۇل تۇرسۇن
مەدەنىيەت – بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەپەككۇرىغىچە بولغان ساھەلەردە سىستېما ھاسىل قىلغان مەنىۋىي جەرياندۇر. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ياشىغان جۇغراپىيلىك ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىياتى داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن پىسخىك جۇغلانما ۋە ئەتراپتىكى قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى مۇقەررەر بىر جەرياندۇر.
ئۇيغۇرلار دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە تېگىشلىك مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ئاتا قىلغان مەدەنىي مىللەتنىڭ بىرى. بۇنداق بولۇشىدا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخى جەريانىدا ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاش، راۋاجلاندۇرۇشنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە يىپەك يولى ۋادىسىغا جايلىشىشتەك ئەۋزەل جۇغراپىيلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ شەرق-غەرب مەدەنىيىتىدىن ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى بىيىتىدىغان، تولۇقلايدىغان ئامىللارنى ھەر ۋاقىت قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىشنى تاشلاپ قويمىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. فىلىپ ھېتتى ئۇيغۇرلارنىڭ شىرتقى مەدەنىيەتكە ھىرىسمەن ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىرلىقىدەك مىللىي پىسخىكىسىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «بۇ تۆت تېمىنىڭ ھەممە يېرىگە دېرىزە ئېچىلغان ئۆيگە، گۈللەرنىڭ رەڭگى، پۇرىقى بىلەن ھىسابلاشماي شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ.»①
ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا جۇغراپىيلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ دۇنياۋىيلىققا ۋە مىللىيلىققا ئىگە بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياراتقان. كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئالاھىدە بىر قاتلامدۇر. ئۇيغۇرلار ئۇزاق قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا قەغەزچىلىك ۋە مەتبەئەچىلىك تارىخىغا قەدەم قويۇپ، ھەر خىل كىتابلارنى بېسىپ چىقارغان . فىرانسىيىلىك ئالىم پائول پىللىئوت دۇنخۇاڭدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى يېزىش ئۈچۈن تەييارلانغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ كۆپلىگەن نۇسخىلىرىنى ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىپ گۇيمىت موزىيىغا ساقلاشقا بەرگەن، بۇ مىخ مەتبەئە نۇسخىلىرى دۇنيادا نىسبەتەن بالدۇر قوللىنىلغان ۋە كىتاب تىزىشقا ئىشلىتىلگەن مەتبەئە بويۇملىرى سۈپىتىدە ئەتىۋارلانماقتا. تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن ياسىن ھوشۇر فرانسىيىگە بارغاندا ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش شەرىپىگە ئىگە بولغان ۋە بۇ ھەقتە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان. مىلادى 869-يىلى مىخ مەتبەئەدە يېزىلغان «ئالتۇن يارۇق» ناملىق ئەسەر بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبەتەن بۇرۇنراق يېزىق ئىشلىتىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇتەخەسىسلىرىمىزدىن تۇرسۇن ئايۇپ، ئابدۇقېيوم خوجا ۋە ئىسراپىل يۈسۈپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىنىڭ 2000 يىلدىن ئاشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان② بۇنىڭدىن باشقا تارىخشۇناس قۇربان ۋەلى « تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار مىلادى 5-ئەسىردە سوغدى ھەرپلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈرك- ئۇيغۇر تىلىنى يازىدىغان يېزىق ئىجاد قىلغان»③دەپ يازىدۇ . ئۇيغۇرلار نىسبەتەن بۇرۇنراق يېزىق ئىشلىتىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى ۋە مەتبەئە تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا ھەر خىل كىتابلارنى بىسىپ چىققان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئە مەدەنىيىتى يالدامىلىرى نىسبەتەن كۆپرەك جايلاشقان جاي- تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭ بولۇپ، ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە مەتبەئەچىلىك ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولۇپ، بۇ دەۋردە ھەر خىل كىتابلار بىسىلىپ چىققان. بۇ ھەقتە تۈركىيە ئالىمى يېلىماز ئۆزتۇنا مۇنداق يازىدۇ: « شۇ ۋاقىتتا ئېدىقۇتتا بىسىلغان كىتابلارنىڭ سەۋىيىسى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى .»④
ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئۇستازى دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە يەنە تارىخىمىزدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلاردىن ئاپاق خوجا، ياقۇپ بەگ، شىڭ شېسەي قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنىڭ ئاڭ- سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈپ، ھاكىمىيىتىگە زىيان سالىدىغان خەۋپلىك كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكى، تارىخىمىزدىكى كۆپ قېتىملىق دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىش ۋە مۇشۇ ئاساستا بارلىققا كەلگەن دىنىي ئىنكارچىلىقمۇ مەدەنىيەت تارىخىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان كەلتۈرىدىغان ئېچىنىشلىق پاجىئە – كىتاب كۆيدۈرۈشكە ئوت پىلتىسى بولۇپ بەرگەن. شۇ ئارقىلىق مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن خەۋەر بىرەلەيدىغان ئەڭ موھىم كىتابلىرىمىز ئاشۇنداق ئەشەددىي كاززاپلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولغان.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق مەدەنىيىتى مول بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بۇ يېزىقلاردا قالدۇرۇلغان يادىكارلىقلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ساقلانماقتا. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا قەدىمكى تۈرك يېزىقى، سوغدى يېزىقى، مانى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى دېگەندەك بىر قاتار يېزىقلارنى ئىشلەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلىپ قالدۇرۇلغان يازمىلار نىسبەتەن كۆپ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۆز دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى بولۇشى بىلەن بىرگە يەنە مۇڭغۇل يېزىقى، مانجۇ يېزىقى. شىبە يېزىقلىرىنىڭ شەكىللىنىشلىرىگە زور ئاساس سالغان. چاغاتاي يېزىقىمۇ 600 يىل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تىللىق مىللەتلىرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى ۋە يېزىقى بولۇپ قوللىنىش داۋامىدا ئىلىم پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ئائىت كىتابلار يېزىپ قالدۇرۇلغان. تارىخى مەلۇماتلاردا كۆرسىتلىشىچە، ئەرەب قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى ئەمىر قۇتەيبە ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ سەمەرقەندكە بېسىپ كىرگەندە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. ئۇنىڭ شىتات باشلىقى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلارنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن باش قوماندان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان .⑤
ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى- ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى موھىم دەۋرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ دەۋردە يارىتىلغان مەدەنىيەت نەمۇنىلىرى كۆپلۈكى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. 840- يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى خانلىق ئىچىدىكى ئىچكى نىزا، تەبىئىي ئاپەت ۋە 100 مىڭ كىشىلىك قىرغىز قوشۇنىنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن يىمىرلىشكە قاراپ يۈزلىنىپ، ئاھالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى غەربكە قاراپ كۆچۈپ يەتتە سۇ ۋادىسى، پامىرنىڭ غەربى، گەنسۇ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە قەشقەر ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ كىلىپ بۇ يەرلەردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ خانلىقنى قۇرۇپ چىققان. ئۆگە تېكىن باشچىلىقىدىكى بىر قېسىم ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چىگرىسىغا كىلىپ، قاغانلىقنىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەردە پاناھلانغان ۋە 841- يىلى ئۆگە تېكىن قاغان دەپ ئېلان قىلىنغان.
ئۆگە تېكىن، ۋەزىر چىشىن، ناسىرچۇر، ئورمۇزد ۋە بۆگۈ تېكىن تەرەپدارلىرى 840- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چىگرىسىغا يىتىپ كەلگەن. خەلق كۆچۈشتىن ئىبارەت مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيت، ئاچارچىلىق ۋە باشقا پاتپاراقچىلىقتا تۇرغاندا، بۇلار قىيىنچىلىقنى يىڭىشنىڭ ئورنىغا ئۆز-ئارا دۈشمەنلەشكەن. چىشىن، ناسىرچۇر ۋە بۆگۈ تېكىنلەر قاغانغا ئېتائەت قىلماي، خەلقنى ئۆگە قاغاننى ئېتىراپ قىلماسلىققا قۇتراتقان .⑥بۇنى سەزگەن ئۆگە قاغان ئۇلارنى قاتتىق جازالىغان. ناسىرچۇر ئۆز ئالدىغا ھەركەت قىلىپ چىشىننىڭ 7000 چىدىرلىق ئاھالىسىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ۋە مال-چارۋىلىرى ئاز قالغانلىقتىن، تاڭ سۇلالىسى چىگرىسىغا تېخىمۇ يىقىنلاشقان. شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوماندانى جاڭ چۈنجى ئەسكەر چىقىرىپ ناسىرچۇرغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ ۋاقىتتا خۇاڭخى ۋادىسىنىڭ ھىراۋۇلى لىيۇ مىيەن ۋە يۈجۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەربى مەمۇرىي ئەمەلدارى جاڭ چۈنۋۇ پادىشاھنىڭ سەددىچىننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقى تەرەپلىرىدە كۆچۈپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنى تىنچلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى تاپشۇرۋالغان.
ئۆگە قاغان تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىناق ئۆتۈشنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزدىگەن . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۆز خەلقىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلاتتى. تاڭ سۇلالىسى ئۆگەنى ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھىچقانداق ياردەم بەرمىگەن .⑦ مانا مۇشۇنداق پەيتتە ، ئۆگە قاغاننىڭ ئەسكەرلىرى يۈجۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ لىيۇمىيەننىڭ ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلغان. بۇ چاغدا ئۆگە قاغان يەنە ئادەم ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ يۇرتى ئۇرخۇن ۋادىسىغا كېتىۋىلىش ئۈچۈن ياردەم بىرىشنى ھەمدە تىيەندى شەھىرىدە ۋاقىتلىق تۇرۇشنى ئېلتىماس قىلغان. بۇ تاڭ سۇلالسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان . ⑧بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاچارچىلىق، ئۆي- ماكانسىزلىق ۋە 843-844 يىللىرىدىكى قاتتىق سوغۇق قاتارلىقلار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىگە بويسۇنۇشقا باشلىغان . ⑨
جىنۋۇ قەلئەسىدە ئورمۇزد تېكىن ئۆزىگە قاراشلىق ئۈچ قەبىلە ۋە 2000 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن تاڭ ھاكىمىيىتىگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆتۈپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن.⑩ ئورمۇزد تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن « ئوڭ قانات قورۇقچى سانغۇن »ۋە «ئىككىنجى دەرىجىلىك ۋاڭ»دېگەن مەنسەپ- ئۇنۋانلارنى ئېلىپ ، گۈيبىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي جەنۇنىي چىگرىسىدا ئۆگە قاغانغا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
ئۆگە قاغان 847- يىلى جىڭۋۇ قەلئەسى يىنىدا بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ، ئامان قالغان ئەسكەرلىرى بىلەن شاخۇشەن تاغلىرىغا قاراپ چىكىنگەن ۋە شىرۋىيلارنىڭ (室韦) لارنىڭ ئىچىدە تۇرغان، كېيىن سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كىچىك ئىنىسى ئىنەننى قاغان دەپ ئېلان قىلغان. ئىنەن ئۆزىنىڭ بەش مېڭدەك ئادىمى بىلەن شى (奚) قەبىلىسىدىن ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان تاڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇب قىلغان. ئىنەن بەش يۈزچە ئادىمى بىلەن شىرۋىيلارنىڭ يىنىغا بىرىۋالغان. تاڭ سۇلالىسى سەركەردىسى جاڭ جۈنۋۇ شىرۋىيلارغا ئادەم ئەۋەتىپ ئىنەن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۇتۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىنەن غەربكە قاراپ قاچقان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قىرغىزلار شىرۋىيلارنىڭ قولىدىن بۇ ئۇيغۇرلار تارتىۋىلىپ گوبى چۆللۈكىنىڭ شىمالىغا ئەۋەتىۋەتكەن .⑪ قالغان ئۇيغۇرلار بالا- چاقىلىرى بىلەن تاغ ۋە ئورمان ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ تەدىرىجىي ھالدا پان تېكىن تەرەپكە قاراپ يىقىنلاشقان ، پان تېكىن بۇ چاغدا (848-849-يىللار) گەنجۇدا ياشاۋاتقان ۋە ئۆزىنى يېڭى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قاغانى دەپ ئېلان قىلغان ۋاقىتلار ئىدى .⑫
ئىنەن قاغاننىڭ تەرەپدارلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن ، ئورمۇزدنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئەسكەرلەرنى چىگرا ياقىلىرىدىكى بىر قېسىم ئۆلكىلەرگە بۆلۈپ جايلاشتۇرغان، يەنى تاڭ ھاكىمىيىتى خەنزۇدىن بولمىغان ئەسكەرلەرنىڭ بىر يەردە تۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى پارچىلىۋەتتى. بۇ خىل ئەھۋال ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەر بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خۇتۇخې دەرياسى ۋادىسىنى بىسىۋالغان، تاڭ ئەسكەرلىرى بۇنى قاتتىق باستۇرۇپ، لىيۇمىيەننىڭ بۇيرۇقى بويىچە 3000 ئەسكەرنى تېرىك كۆمگەن، ھۆكۈمەت تەرەپ ئادەملىرى مانى دىنىي كىتابلىرىنى ۋە ھەر خىل دىنىي سۈرەتلەرنى يىغىپ كۆيدۈرگەن ⑬
نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئىككى قېتىم كىتاب كۆيدۈرۈپ كۈتۈپخانىلارنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتقان مۇستەبىتلەرنىڭ بىرى . ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭ يۈكسەلگەن دەۋرلەرنىڭ بىرى. بۇ دەۋردە خانلىق دائىرىسىدە ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان. مەشھۇر ئەسەرلەر يېزىلىپ، داڭلىق مەدرىسلەر ۋە كۈتۈپخانىلار قۇرۇلغان. نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ساجىيە مەدرىسى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئوردا كۈتۈپخانىسى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا ۋە ئىز-دىرەكسىز يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. كېيىن چاغاتايخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋالىيىسى مەسئۇد بەگ 1260-يىلى بۇ مەدرىسىنىڭ خارابىسى ئورنىغا « مەسئۇدىيە مەدرىسى » ۋە « سائادەت كۇتۇپخانىسى»نى سالدۇرغان.
كۈچلۈكنىڭ يەنە بىر قېتىملىق كىتاب كۆيدۈرۈشى خوتەندە يۈز بەرگەن. كۈچلۈك خوتەن، يەكەن ۋە قەشقەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش جەريانىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىپ، نىستۇرىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا زورلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىسلام دىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ ئەلالىدىن مۇھەممەد خوتەنى باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن دىنىي بەس-مۇنازىرىگە چۈشىكەن، بۇ مۇنازىرىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان كۈچلۈك ئاچچىقىغا پايلىماي 3000 نەپەر ئىسلام دىنى مۇرتىنى ۋەھشىيلەرچە قەتلە قىلغان. ئەلالىدىن مۇھەممەد خوتەنى ھەزرەتلىرىنى مەسجىت دەرۋازىسىغا چاھار مىخ (ئىككى پۇت ۋە قولىدىن مىخلاپ قويۇش) قېقىپ ئازابلىغان. ئەللامە ئاستا-ئاستا قانسىراپ شىھىت بولغان ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئېتىقادىدىن يانمىغان. زالىم جاللات كۈچلۈك بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن ئەللامىنىڭ ئېسىل كۇتۇپخانىسى ۋە بارلىق مەسجىدلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. شۇ قېتىملىق كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار ئىچىدە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك » ۋە « قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ قوليازمىلىرىمۇ بار ئىكەن دەپ قەيت قىلىنىدۇ.»⑭
نايمان شاھزادىسى كۈچلۈكتىن كېيىن تارىخىمىزدا كىتاب كۆيدۈرگەن مۇستەبىت ئاپاق خوجىدۇر. ئاپاق خوجا- ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا ئەڭ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن ئەشەددىي سىياسى مەلئۇن ۋە مەدەنىيەت قاراقچىسى . ئۇ بىر پۈتۈن سەئىدىيە خانلىقىنى جۇڭغارلارنىڭ ئاياغ- ئاستى قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بىلەنلا قالماي ، يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا 15 يىلغا يەتمىگەن ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە 150 مىڭ دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىنى قىرىپ تاشلاپ ۋە كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە چىكىندۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ دىيارىدا ساقلانغان كىتابلارنىڭ (قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا) ھەممىسىنى دېگۈدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. بەزى تارىخى ماتېرىيال ۋە چوڭلارنىڭ ئاغزاكى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئاپاق خوجا كۆيدۈرۈش ئۈچۈن يىغقان كىتابلارنى تۈمەن دەرياسىغا تاشلىغاندا كىتابلارنىڭ كۆپلۈكىدىن تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيى توسۇلۇپ ئىككى تەرەپتىكى ئېتىزلىقلارنى بويلاپ ئاققان . بۇنىڭدىن قارىغاندا، شۇ ۋاقىتتا كۆيدۈرۈلگەن كىتابلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا ، ئۇ يەنە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئوردا كۇتۇپخانىسىدىكى بارلىق كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان.
شېڭ شىسەي – ئاپاق خوجىدىن كېيىن مەدەنىيەت تارىخىمىزغا ئەڭ ئېغىر زىيانلارنى سالغان سىياسى سىھرىگەر ۋە ئىككى قولى خەلقنىڭ قېنى بىلەن بويالغان ئەشەددىي جاللات. ئۇ 1929-يىلى شىنجاڭغا كەلگەن، 1933-يىلى «12-ئاپېرىل سىياسى ئۆزگىرىشى» دە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ شىنجاڭنىڭ دۇبەنى بولغان.
1931- يىلى قۇمۇل ۋە تۇرپاندا دىھقانلار قوزغىلىڭى يۈز بەرگەن. شۇ ۋاقىتتىكى ئىقتىدارسىز ئەمەلدار جىن شۇرىن بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن شېڭ شىسەينى ئەۋەتكەن. بۇ شېڭ شىسەي ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا قۇمۇل ۋاڭلىقى ئوردا كۇتۇپخانىسى ۋە لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىدىكى بارلىق كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان.
1 . لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىدىكى كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى: لۈكچۈن خانلىق مەدرىسى ئۆز دەۋرىدە خېلى مۇكەممەل ئوقۇتۇش تۈزۈمى ۋە تەجىرىبىسىگە ئىگە بولغان مەدرىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شەرقى چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە قۇرۇلغان. ئىمىن خوجا 1763- يىلى بۇ مەدرىسىنى ۋە « ئېگىز ئوردا»نى ئومۇميۈزلۈك رېمۇنت قىلدۇرغان . خانلىق مەدرىسە كېيىن كىشىلەرنىڭ ياردەم بىرىشى نەتىجىسىدە گۈللەپ – ياشنىغان. بۇ مەدرىستە ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق مۇتەپەككۇرى ئەھمەد خوجامنىياز قۇسۇرى باش مۇدەررىسلىك قىلغان. مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر ھۆكۈمران زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ، مۇھەممەد سەئىد خوجا، ئەفىردۇن خوجا، داڭلىق شائىر مۇھەممەتنىياز، قىزىقچى، ئۇيغۇر تەنقىدىي رىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى موللا زەيدىن، ئىنقىلابچى، جامائەت ئەربابى ،شائىر نەمەت خەلپەت قاتارلىقلار ئوقۇپ يېتىشىپ چىققان. ئىمىن خوجا مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغاچقا ئىلىم- مەرىپەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئەفىردۇن خوجا دەۋرىگە كەلگەندە بۇ مەدرىس راسا گۈللىنىپ ئوردىدا مەخسۇس كۈتۈپخانىلار قۇرۇلغان. شۇ چاغدا ئوردا كۈتۈپخانىسىدا كىتابلارنىڭ سانى نەچچە مىڭ پارچىغا يەتكەن .⑮ بۇ كىتابلارمۇ جاللات شېڭ شىسەي تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.
2 . تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلىنىشى: تاشاخۇنۇم – شائىر، يازغۇچى ۋە دۆلەت ئەربابى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دادىسى بولۇپ، ئۆز زامانىسىنىڭ دىنىي ئالىمى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خېلى يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئاسترونومىيە تەتقىقاتچىسى ئىدى. ئۇ باشتىن- ئاخىرى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ، دىنىي بىلىمدە خېلى كامالەتكە يەتكەن. ئۇ ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىل- يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، كونا تۈرك يېزىقى ۋە تاتار تىل- يېزىقىنى بىلەتتى.
ئۇنىڭ ئاسترونومىيە تەتقىقاتى ئاتا- بوۋىلىرىدىن قالغان كونا كىتابخانىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كىتابخانا ئۆيىنىڭ 36 تەكچىسىگە لىق كىتاب تىزىلغان. ئۇنىڭ كۆپ ساندىكىسى دىنىي كىتاب بولغاندىن سىرت، يەنە دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى ئىلىم-پەن تېخنىكىسىغا ئائىت پەننىي كىتاب ۋە كىتاب- ژۇرناللارمۇ بارئىكەن. كېيىن تاشاخۇنۇم قەشقەر شەھىرىدىكى ئۆيىدە بىر زامانىۋى كىتابخانا سالدۇرغان. ئۇمۇ ئاتۇشتىكىگە ئوخشاش بولۇپ، كىتابخانا ئۆيىنىڭ تۆت تېمىغا توققۇزدىن 36 تەكچە پۈتكەن. بۇ كىتابخانىغىمۇ ھەر خىل كىتابلار، ئوخشاش بىلىم ئۈستىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە ھەر خىل تەتقىقاتلار بايان قىلىنغان مەجمۇئەلەر بىلەن تولغان.
تاشاخۇنۇم 1927- يىلى قەشقەردىن غۇلجىغا كۆچۈپ كېتىش ئالدىدا ئاتۇش ۋاق- ۋاق ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى كۇتۇپخانا، رەسەتخانا تەتقىقاتى ئىشخانىسىنى تام ئىشكابى ئورنىتىپ ئېتىۋەتكەن. 1934- يىلى شېڭ شىسەينىڭ تەكشۈرۈپ، مۇسادىر قىلىشى بىلەن بۇ كىتابلار ئاشكارىلىنىپ ، قەشقەر ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان .⑯ تارىخىي ماتېرىياللاردا 36 تەكچە كىتابنىڭ (بىزنىڭ كونا ئۆينىڭ تەكچىلىرىنىڭ چوڭ -كىچىكلىكىگە قاراپ بۇ كىتابلارنىڭ سانىنى 3-4 مېڭدىن كەم ئەمەس دەپ پەرەز قىلدىم) كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكى ياكى بىرەر تەتقىقات ئورۇنلىرىغا بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز ، بۇلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ تۈگىتىلگەنلىكى ئىھتىمالغا ئەڭ يىقىن.
3. قۇمۇل ۋاڭلىقى ئوردىسىدىكى كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى: قۇمۇل ۋاڭلىقىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ، 1697- يىلى ئەبەيدۇللادىن باشلاپ 1931- يىلىغىچە بولغان جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىخى ماتېرياللاردا بايان قىلىنىشىچە، بۇ 300 نەچچە يىللىق تارىخىي جەرياندا قۇمۇل ۋاڭلىقى ئوردا كۇتۇپخانىسىدا نەچچە مىڭ پارچە ھەر خىل يېزىقتىكى قوليازما كىتاب ۋە باشقا ئەسەرلەر ساقلانغان. 1933- يىلى شېڭ شىسەي قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا ئوردا كۇتۇپخانىسىدىكى بارلىق كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان.
بۇ دەۋردە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كىتاب كۆيدۈرۈشى توغرۇلۇق تارىخچى شېرىپ خۇشتار « ئېلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ كۇتۇپخانىچىلىقى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق يازغان : «بۇ ۋاقىتتا (شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىنى دېمەكچى) ئۇيغۇرلارنىڭ كۇتۇپخانىچىلىقىدىمۇ زور تەرەققىياتلار بولغان . مەسىلەن ، غۇلجا شەھىرىدە ئابدۇرۇسۇل مۇتائالى خەلپىتىمنىڭلا 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتابى، بەيتۇللا مەسچىتى، نۇرئاخۇن ئاقساقال مەسچىدى، تاختون مەھەلىسى مەسچىدى ، سۇ دەرۋازا مەسچىدلىرىنىڭ ھەر بىرىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 5- 6 مىڭدىن ئارتۇق دىنى كىتاب بولغان . شۇنداقلا مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر مۇسابايوفلار توققۇز مەسچىد، تۆت خۇسۇسىي مەكتەپكە كىتاب ئېلىپ بەرگەن ۋە كۇتۇپخانا ئېچىپ بەرگەن . كېيىن بۇ كىتابلار ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن ، بۇ كىتابلار سان جەھەتتە ناھايىتى زور بولسىمۇ كۆپ ساندىكى كىتابلار ئەرەب، پارس تىللىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن كىتابخانلار بەھرىمان بولالمىغان بولسىمۇ ئېلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدە ئۇيغۇر كۇتۇپخانىچىلىقى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان. غۇلجا شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ 1934-يىلى 11 -،10-ئايلاردىكى كىتاب سانى (خەلق ئىئانە قىلغان) 6 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ % 60 ى ھەدىيە قىلىنغان پەننى كىتاب،% 40 ى دىنىي كىتابلار ئىكەن، دىنىي كىتابلارنىڭ %15 ى ئەرەب، پارس تىللىرىدا، % 25 ى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان كىتابلار ئىكەن. 1937-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن مۇسادىر قىلىنغان كىتابلاردىن 20 مىڭدەك كىتابنى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى ئېلىپ كېتىپ بۇنىڭ 4000 نى كۈتۈپخانىغا بىرىپ قالغىنىنى كۆيدۈرۋەتكەن. 1942-يىلى 9- ئايدا جىياڭ جىيېشىنىڭ ئايالى سۇڭ مېيلىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن كۇتۇپخانىدىكى ئىلغار كىتابلار بىر- بىرلەپ يوقىلىشقا باشلىغان. 1943- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ گومىنداڭ پىرقە بايرىقى ئېلىدا قادىلىش بىلەن كۈتۈپخانىدىكى كىتابلار ئاشكارا ھالدا كۆيدۈرۈلگەن.»⑰
بۇ يەردە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئۆتۈشتەك ئۆتكۈنچى دەۋردە ياشىغان ئالىم تەجەللىنىڭ كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلىشىمۇ مەدەنىيەت تارىخىمىزغا يەنە بىر قېتىملىق ئەجەللىك پاجىئە ئېلىپ كەلگەن.
مەشھۇر ئالىم ، ئاتاقلىق شائىر، كۆزگە كۆرۈنگەن تېۋىپ ، مائارىپچى ۋە خىمىيە ئالىمى سەئىد ئەۋلادى ھۈسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى 1856- يىلى قاغىلىقتا دىنىي ئالىم، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئاتا- ئانىسى ئۇنى مەككىگە ئېلىپ بارغان ۋە باشلانغۇچ مەلۇماتنى مەككىدە ئالغان. كېيىن ئۇنى ھېندىستانغا ئېلىپ بىرىپ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن ئۆتكەندىن كېيىن دېھلى شەھىرىدىكى دېھلى دارىلئولۇم مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ ئىسپاھان دارىلفۇنى ۋە ئافانىستاننىڭ كابول دارىلفۇنىدا ئوقۇغان . ئۇ بۇ جەرياندا خىمىيە، تىبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۈگۈنۈش بىلەنلا قالماي يەنە ئەرەب، پارس، ئوردۇ ۋە ھېندى تىللىرىنى پىششىق ئىگىلەپ دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەنمۇ ناھايىتى پىششىق تونۇشقان ۋە ئاشۇ دەۋردىكى پىشىۋالارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئۈستىدىمۇ مەلۇم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن مەۋلىۋىلىككە (شۇ ۋاقىتتا ھېندىستان ئىلىم ساھىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنۋان) ئىرىشكەندىن كېيىن زامانداشلىرى ئۇنىڭغا تەجەللى-مۇجەللى دېگەن تەخەللۇسنى ھەدىيە قىلغان. ئۇ چەتئەللەردىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ كەلگەندىن كېيىن يەكەندىكى يېشىل مەدرىسىگە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەن. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تالىپلار ئۇنىڭغا تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان. شائىرنىڭ شۇ چاغدا يازغان بەزى شېئىرلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئۆلىمالار، زىيالىيلار ئارىسىدا قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئوقۇلغان ۋە تارقالغان. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردىلا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي تىبابەتچىلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىمىيە تەتقىقاتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا يۈرەك، ئۆپكە كىسەللىكلىرىنى ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاسى تېپىلمايۋاتقان راك (سەرتان) كېسىلىنى يىلان گۆشى (زەھىرى) بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك ساقايتالىغان. ئۇنىڭ تىبابەتچىلىك جەھەتتە قالدۇرغان مىراسلىرىدىن بىرى «تەجەللى رىتسىپلىرى» ناملىق تىبابەتچىلىك ئەسىرىدۇر، ئۇ بۇ ئەسەردە 7000 خىل دورىنىڭ نامىنى بىلگەن ۋە 500 نەچچە خىل دورىنى ياساپ چىققان.
مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن ئۇ يەكەندىكى مۇدەررىسلىكىنى تاشلاپ قاغىلىققا كېلىپ قاغىلىق مەدرىسىدە مۇدەررىس بولغان ۋە بۇ جەرياندا 12-ئەسىردە ياشىغان خۇراسانلىق مەشھۇر ئالىم ئەللامە زەمەخشەرىنىڭ «تەپسىرى كەششاپ» ناملىق كىتابىنى يېڭىلاپ يېزىپ ، «تەجدىدى كەششاپ» نامى بىلەن ئىشلەپ چىققان.
ئالىم يەنە دىننىڭ زامان تەرەققىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە بەزى ئىلغار قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىننىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە مەزمۇنىنى چۈشەندۈرمەيدىغان، ئۇنى زامان تەرەققىياتى بىلەن قارمۇ-قارشى قويۇپ، ھەممە نەرسىگە مۇتەئەسسىپلىك بىلەن قارايدىغان بىر قېسىم نادان، جاھىل كۈچلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىغىنى ئۈچۈن ئۇلار تەجەللىگە نىسبەتەن دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ ئوچۇق ۋە ئاشكارا ھالدا ھەر قايسى يەرلەگە ئۆز ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ئەسەر، كىتابلىرىنى يىغىپ يەكەندە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن» ⑱، مۇشۇ دەۋرلەردىلا چەتئەللەردە ئوقۇپ بىلىم ئالغان ۋە خىلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان ئادەمنىڭ كىتابلىرىنىڭ ھەققىقەتەن كۆپ بولۇشى ھەممەيلەنگە ئايان بىر پاكىتتۇر.
20-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق يىللارنىڭ بىرى بولۇپ، سىياسى سىھرىگەر ياڭ زىڭشىن ، جىن شۇرىن قاتارلىىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن «خەلق قانچە نادان بولسا، ئۇلارنى باشقۇرۇش شۇنچە ئوڭاي» دەيدىغان ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ شىنجاڭدا بىرەر گىزىتخانا، نەشىرىيات ئورگىنى ياكى مەكتەپ سالدۇرمىغان. (ئۆزىگە ياراملىق ئەسكەرلەر ۋە ئەمەلدارلارنى تەربىيلەيدىغان روسچە سىياسى-قانۇن تېخنىكومىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن بىرەر مەكتەپمۇ ئىچىپ بەرمىگەن، مەكتەپ ئاچقانلارنى بولسا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق يوقاتقان) . بۇ دەۋردىمۇ كىتاب كۆيدۈرۈش داۋاملىق بولۇپ تۇرغان. بۇ ھەقتە تارىخشۇناس موللا نىياز 1921-يىلى يېزىپ قالدۇرغان « كۆيدۈرۈلگەن جاۋاھىراتلار» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: بۇنىڭدىن يەتتە يىل مۇقەددەم مەن خوتەن شەھىرىنىڭ گۈلباغ مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلىپ كىتاب سېتىش ، خەتتاتلىق قىلىش بىلەن روزىغارىمنى تەۋرىتەتتىم. كۆپرەك مەشھۇر تۈرك ئەدىبلىرىنىڭ داڭلىق داستانلىرى، ھىكايە-قىسسەلىرىنى تېپىپ ئۇلارنى كۆچۈرۈپ خىردارلارغا ساتاتتىم، ئەرەب، پارس تىلىدىكى داڭلىق داستانلارنى تېپىپ كۆچۈرۈپ ھاجەتمەنلەرنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقاتتىم. بۇنىڭدىن سىرت مېنىڭ كىتاب دۇككېنىمدا خوجا ھاپىز، ئۆمەر ھەييام، ئابدۇقادىر بېدىل، شەيخ سەئىدى ئەسەرلىرى بىلەن بىللە يەنە «شاھنامە»، «كەلىلە ۋە دېمىنە»، «مىڭ بىر كېچە»گە ئوخشاش ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئارىمىزدىن چىققان مۇتەئەسسىپ، مۇناپىق ۋە بەتخەجلەر مانجۇ، شېۋىت، ئېنگىلىز ۋە باشقا قارا نىيەتلەرنىڭ يوليۇرۇقىدا قۇترىغان خوجا- ئىشانلار كىتابلارنى يىغىۋىلىپ ئوتتا كۆيدۈردى. بۇ ھال خوتەندىلا يۈز بىرىپ قالماي يەكەن، قەشقەر ۋە كۇچالاردىمۇ يۈز بەرگەن .⑲
بۇلاردىن باشقا ، دىيارىمىزغا كەلگەن ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇماتلار ساقلانغان. 1914- يىلى تۇرپانغا كەلگەن لېكوك بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «مېنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغىنى، بۇلار (يەرلىك خەلقنى دېمەكچى) قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دېگەننىڭ قىممىتىنى، بىز ئېلىپ كېتىپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە تەئەللۇق قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى » دېدى . لېكوك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ : «شۇ ۋەجىدىن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك يادىكارلىقلار توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن. بىر ئىش مېنى ئەڭ ئېچىندۇرىدۇ. بىر دىھقان بىزگە بىرىنچى قېتىملىق يىراققا يۈرۈش قىلغان ئەترەت بۇ يەرگە كەلگەندە تۈزلەپ زېرائەت تېرىش ئۈچۈن بىر بۇتخانىنى بۇزغاندا ئويلىمىغان يەردىن توپتوغرا بەش ھارۋا كەلگۈدەك مانىي دىنىغا ئائىت قوليازمىلارنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلار بىز ئارزۇ قىلىۋاتقان تەتقىقات ئوبيېكتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىستۇرما بېتى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قىستۇرما رەسىملەر بولاتتى. لېكىن ، دىھقانلار بۇلارنى بىدئەتلىك دەپ قورقۇپ، شۇنداقلا مەنچىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ نۇرغۇن نەرسە تەلەپ قىلىشىدىن قورقۇپ ، بۇ قوليازمىلارنىڭ ھەممىسىنى دەرياغا تۆكۈۋەتكەن.»⑳ گەرچە بۇ كىتابلار كۆيدۈرۈلۈپ تۈگىتىلمىگەن بولسىمۇ ئوخشاشلا كۆيدۈرۈلۈشتەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى جۇڭگو تارىخىدا سولچىل سىياسەت ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن بىر دەۋر بولۇپ، بۇ مەزگىلدە پۈتكۈل جوڭگۇ مىقياسىدا قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كونىلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈپ تۈگىتىلگەن.
مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە قەشقەر ھىيتگاھ جامەسى ئالدىدا كۆيدۈرۈلگەن كىتابلارنىڭ سانىمۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغان. بۇ ھەقتە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە زەمىن يېزىسىدىكى 100 ياشلىق مۇھەممەت بوۋاي ئۆز يېزىسىدا تۇرۇپ قەشقەر ھىيتگاھ ئالدىدىكى نەچچە قەۋەتلىك بىنا ھالىتىدە تېزىلغان كىتابلارنى ۋە بۇ كىتابلارنى كۆيدۈرۈشتىن چىققان ئىسنىڭ قەشقەر ئاسمىنىنى قاپلىغانلىقىنى ۋە ئەتراپتىكى بىر قانچە يېزا- مەھەللىگە تارالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا ، ئۆيمۇ – ئۆي يۈرۈپ كىتاب يىغىپ كۆيدۈرۈشتەك بۇ خىل دولقۇندا كىتابلىرى كۆپرەك بولغان ئائىلىلەرنىڭ كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشى بۇ چاغدا نورمال بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئەدىب مىجىت ھەسەن ئۆزىنىڭ «كروران» ژورنىلىنىڭ 2005- يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلغان «ئاھ، مېنىڭ كىتابلىرىم» ناملىق ئەسلىمىسىدە 3000 نەچچە يۈز پارچە كىتابىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن قارا كۈچلەرنىڭ قولىدا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھويلىسىدىلا كۆيدۈرۈلۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقىنى ئازاب بىلەن خاتىرىلىگەن.»(21)
بۇ مەزگىلدە يەنە ئەھمەتخان ئىبراھىم كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ ، بۇ مەزگىلدە ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ كىتاب يىغىۋېلىش ئادەتكە ئايلانغان. چۈنكى قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى كونىلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىغان. ئەھمەتخان ئىبراھىم كىتابلىرىمۇ مۇشۇنداق تەقدىرگە ئۇچرىغان.
ئەھمەتخان ئىبراھىم 1889- يىلى جىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى ئىلىم- مەرىپەتنى سۆيىدىغان كىشى بولغاچقا ، غۇلجىلىق قۇربان خەلپىتىمنى ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان. 1917- يىلى ناسۇھا داموللا چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندە ئۇ ئادەمنىڭ قولىدا ئوقۇغان ۋە ئەرەب، پارس، تۈرك تىللىرىنى ئىگىلەپ بولغان. 1924- يىلى ناسۇھا داموللا ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سوۋىت ئىتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىلىم ئىلىش ئازۇسىدا 1931-يىلى قەشقەرگە بارغان ۋە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كىتاب يىغىش، ساقلاش ۋە كىتاب تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1958-يىلى «يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1969- يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئېلىپ بىرىلغان . يەنە يەتتە يىلدىن كېيىن مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى 3000 پارچىدىن ئارتۇق كىتابى ئاختۇرۇلۇپ ئاللىبۇرۇن كۆيدۈرۈۋىتىلگەن. بۇ كىتابلار ئىچىدە موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە»، «تارىخى ھەمىدى» قاتارلىق كىتابلىرىنىڭ قوليازما نۇسخىلىرى، مۇسا جارۇللا، قازى رىزائىدىن ئىبنى پەخىردىن، ئەھمەت پەرىنىڭ ئەسەرلىرى ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تارىخ، ئەدەبىياتقا ئائىت نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنىدۇ.»(22)
ئۇيغۇرلار گەرچە مەدەنىيەت دەۋرىگە بالدۇرراق قەدەم قويۇپ شەھەرلەرنى قۇرۇپ، باسمىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەر خىل يېزىقتىكى ئەسەرلەرنى تارقىتىش شەرىپىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ زالىم ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن مەدەنىيەت تارىخىمىزنى يۇرۇتۇپ بىرىدىغان ھەر خىل تۈردىكى موھىم ئەسەرلەر بۇ دولقۇندا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. شۇڭا دەۋرىمىزگە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلەر ئىنتايىن ئاز ساندا. مەدەنىيلىكنىڭ موھىم بەلگىلىرىدىن بىرى -كىتاب ئوقۇش، ساقلاش ۋە ئۇنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋام قىلدۇرۇپ ئۇنى بىر مەدەنىيەت گىنىغا ئايلاندۇرۇشتۇر.
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە : « <دىۋان>دا سۆزلەرنىڭ بىرلىك، كۆپلۈك، ئاشۇرۇش، سىلىشتۇرۇش، كىچىكلىتىش ۋە تۈرلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر سۆزلەنمەيدۇ ، لېكىن مەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن <تۈركىي تىللارنىڭ نەھۋىگە ئائىت جەۋھەرلەر> ناملىق يەنە بىر كىتاب يازدىم»(23) دەپ يازىدۇ . ئالىم «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى يېزىپ مىڭ يىلىدىن كېيىن (1072 – 1074 يىللاردىن 1981- يىلى قولىمىزغا يېتىپ كەلگۈچە بولغان ۋاقىت) قولىمىزغا يېتىپ كەلدى. لېكىن ئاپتور ئېيتقان «تۈركىي تىللارنىڭ نەھۋىگە ئائىت جەۋھەرلەر» ناملىق ئەسەر ھەققىدە بىز بۈگۈنگىچە ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز. ئىھتىمال بۇ تارىخىمىزدا يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق كىتاب كۆيدۈرۈشتەك ۋەھشىيلىكنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى بىر ئېچىنىشلىق پاجىئە. بۇ كىتاب ئېنىقكى ئالىمنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىگە ئوخشاشلا ئىلىم ساھەسىدىكى بوشلۇقلارنى تۇلدۇرىدىغان موھىم ئەسەر بولۇشى مۇقەررەر. ناۋادا بۇ ئەسەر قولىمىزغا يىتىپ كىلەلىگەن بولسا تىلشۇناسلىق ۋە باشقا ئىلىم ساھەلىرىگە ئائىت مەسىلىلەر بالدۇرراق ھەل بولغان بولاتتى.بۇنىڭدىن باشقا ئاپتورنىڭ ئەسىرىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن
كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،
كەنتلەرنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق،
بۇتخانىنى يىقىتتۇق،
بۇت ئۈستىگە چىچتۇق(24).
دېگەن بايانلىرىدىن شۇنى بىلىۋالايمىزكى، قەدىمكى دەۋرلەردە بۇتخانىدا ياكى مېڭئۆيلەردە تۈركۈم-تۈركۈملەپ كىتاب ساقلىنىدىغان ئادەت بار ئىدى، قاراخانىيلار ئىسلام ئېچىش بىلەن دىنىي ئېدىئولوگىيىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك مانا مۇشۇنداق شەكىللەر ئارقىلىقمۇ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن مول ئۇچۇر بىرىدىغان ئەسەرلەرنى ۋە تارىخى يالدامىلارنى بۇزۇش، كۆيدۈرۈش ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ۋەيران قىلغان. قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر تەرەپ قاراخانىيلار دەۋرىدەك ئىلىم-پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە زور گۈللىنىشتەك ۋەزىيەتتە پەقەت ساناقلىقلا كىتابلارنىڭ مەسىلەن مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ « دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك » ، « تۈركىي تىللارنىڭ نەھۋىگە ئائىت جەۋھەرلەر » ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، ئابدغاپپار ئالمائىنىڭ «قەشقەر تارىخى» قاتارلىق ساناقلىقلا ئەسەرلەرنىڭ بولۇشىلا مومكىن ئەمەس، ھەتتا بۇلاردىنمۇ سان ۋە سۈپەت جەھەتتە يۇقىرى بولغان ئەسەرلەرنىڭ بولۇشى ئەمەلىيەتكە يىقىن. ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇدھىش قارا جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەتنى چەتكە قىقىشى، مىللىتىمىز ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىملىق دىنى ئېتىقاد ۋە دىنىي ئىنكارچىلىق، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلقنى بىخۇدلۇقتا قويۇشتەك ئەشەددىي سىياسەتلىرى ۋە باشقا ھەر خىل(چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ ھەر خىل ماتېرياللارنى ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىشى دېگەندەك) سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قولىمىزغا يىتىپ كىلەلمىگەن.
بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئۇنىڭ ماددى بايلىقىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى نەچچە مىڭ يىللىق ئەجداد-ئەۋلاد مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرمال ساقلىنىپ ، كېيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن ياد ئېتىلىپ ۋە ۋارىسلىق قىلغۇدەك مەنىۋىي بايلىقلىرىمۇ بىر مىللەتنىڭ ئەڭ موھىم ئەنگۈشتەرىدۇر. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كىتاب ۋە ئۇ ئارقىلىق يارىتىلغان مەدەنىيەت يالدامىلىرى بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنىڭ ئەينەن خاتىرىسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تارىخ ئۈزۈلۈپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى ۋە تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرى توغرۇلۇق مەلۇماتلارنى ناھايىتى ئاز قالدۇرغان. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەلۇماتلار كىتاب كۆيدۈرۈشتەك مۇدھىش قارا بوراندا كۈلگە ئايلىنىپ زور يوقىتىش خارەكتىرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تارىخىمىزدا يۈز بەرگەن مانا مۇشۇنداق كىتاب كۆيدۈرۈشلەر جەريانىدا كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار بىزنى ئىلىم ساھەسىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرغان. بۇ پاجىئەلەر كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس جاراھەتلەرنى قالدۇرغان بولۇپ كۆپلىگەن ئاپتۇرلارنى قەلەم تەۋرىتىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماس قىلىپ قويغان. ئاشۇ كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار بىزنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە بىر مەھەل چىكىنىشمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدەك ئاپەتلىك يىللاردا كىتاب ساقلاش ۋە ئوقۇش كونىلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىپ خەلقىمىز ئۆزىنىڭ قىممەتلىك كىتابلىرىنى ساقلاشتىنمۇ قورقىدىغان پىسخىك ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋاقىتتا كۆپلىگەن مەتبەئە ئورۇنلىرىمۇ تاقىلىپ قالغان. قېسقىسى مۇشۇ پاجىئەدە كىشىلەر قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىقىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، بۇ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى غايەت زور يوقىتىش ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈنكى كۈندە ئەجدادلىرىمىز ياراتقان مول مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە ئىجادى ۋارىسلىق قىلىپ كىتاب ئوقۇيدىغان، ساقلايدىغان ۋە ئۇنى مىللەتنىڭ ئەڭ موھىم مەنىۋىي ساپاسى سۈپىتىدە كۆرىدىغان ئاڭنى يىتىلدۈرۈشمىز ھەم پەرز ھەم قەرزىمىزدۇر.
————-
ئىزاھلار:
⑤① ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى نەشرى، 4-27-بەتلەر.
② ئابدۇقىيوم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپلەر تۈزگەن: «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1984-يىلى نەشرى، 23-بەت.
③ قۇربان ۋەلى : «بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى نەشرى، 8-بەت.
④ شىناسى تېكىن : «قەدىمكى تۈركلەردە كىتاب، قەغەز ۋە تامغىلار»، تۈركىيە ئىستانبۇل نەشرىياتى، 1993-يىلى نەشرى، 13-بەت(يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ۋە ئابدۇبەسىر شۈكۈرىلەر يازغان «مەدەنىيەت كارۋانلىرى» ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك سېتاتا ئېلىندى ) .
⑥ ئا. گ. مالياۋكىن : «9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ماتېرياللار توپلىمى»، 1974-يىلى نەشرى ، نوۋوسىبىرسىك، 28-بەت ، (ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك ستاتا ئېلىندى) .
⑦ «كونا تاڭنامە»، 18-جىلىد، 4-بەت، ئا. گ. مالياۋكىن : «9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ماتېرياللار توپلىمى»، 1974-يىلى نەشرى، نوۋوسىبىرسىك، 28-بەت،(ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك سىتاتا ئېلىندى).
⑧ ئا. گ. مالياۋكىن : «9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى»، 1974-يىلى نەشرى، نوۋوسىبىرسىك، 28-بەت،(ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك سىتاتا ئېلىندى).
⑨ ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان: « ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى نەشرى، 211-بەت.
⑩«كونا تاڭنامە»، 18-جىلىد، 4-بەت، ئا. گ. مالياۋكىن : « 9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ماتېرياللار توپلىمى»، 1974-يىلى نەشرى، نوۋوسىبىرسىك، 28-بەت،(ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان«ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك سىتاتا ئېلىندى).
⑬⑫⑪ «يېڭى تاڭنامە»، 217-جىلىد، 1-4-بەتلەر، ئا. گ. مالياۋكىن : « 9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ماتېرياللار توپلىمى»، 1974-يىلى نەشرى، نوۋوسىبىرسىك، 28-بەت،(ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان « ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك سىتاتا ئېلىندى) .
⑭ رەجەپ يۈسۈپ : «ئەللامە مۇھەممەت ئەلالىدىن خوتەنى ھەققىدە»، «يېڭى قاشتېىشى» ژورنىلى، 1997-يىللىق 4-سان، 93-بەت.
⑮ ئۆمەرجان سىدىق : «سېھىرلىك زېمىن تۇرپان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىلى نەشرى، 141-بەت.
⑯ دىلدار ئەزىزى : «تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلادلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1999-يىلى نەشرى، 30-31-بەتلەر.
⑰ شىرىپ خۇشتار : « ئېلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ كۈتۈپخانىچىلىقى »، «شىنجاڭ تەزكىرىسى»، 1994-يىللىق 2-سان، 43-بەت.
⑱ مۇختەر مامۇت مۇھەممىدىن نەشىرگە تەييارلىغان: «تەجەللى شېئىرلىرىدىن»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2000-يىلى نەشرى، 9-بەت.
⑲ روزى قادىر : «ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، ئۆزبىكىستان س س ر نەشرىياتى، تاشكەنت، 1971-يىلى، 25-بەت.
⑳ لېكوك [گىرمانىيە]: «شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»(مۇھەممەت ئىلى، مەھمۇد ۋەلىلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2003-يىلى نەشرى، 88-بەت.
(21) مىجىت ھەسەن : «كىروران»ژۇرنىلى، 2005-يىللىق 3-سان، «ئاھ، مېنىڭ كىتابلىرىم»،67-بەت.
(22) ئابدۇلھاپىز ئابدۇرەھىم ئېلتەبىر : «ھازىرقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى كىتابچى- ئەھمەتخان ئىبراھىم»، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى ئىلمىي ژورنىلى»، 2000-يىللىق 4-سان، 108-بەت.
(24)(23) مەھمۇد كاشغەرى : « دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981-يىلى نەشرى، 1-توم، 3- 448 بەتلەر.
————–
ئاپتورلار : ئىمىن تاجى تۈرگۈن – شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى ؛
تۇتىگۈل تۇرسۇن – شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ 2005 – يىللىق 5 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى