بۇ ماقالە ئىزدىنىش تورىدىن كۆچۈرۈلدى، سۈپىتى تەكشۈرۈلۈپ باھالىنىشى لازىم، ئاكادىمىك مەنبە سۈپىتىدە ئشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىسنى ئشلىتىڭ
(لىن گەن گاۋزىخو)
دوكتۇر مۇزەپپەر ئابدۇرۇسۇل تەرجىمىسى
ئۇيغۇرلار پۈتۈن مىللەت بويىچە غەربكە كۆچكەنمۇ يوق؟ ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەنمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇيغۇر تارىخىدا «غەربكە كۆچۈش دەۋرى» بولغانمۇ يوق؟ غەربكە كۆچۈش ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تارىخىي تەرەققىياتىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشىگە ئالاقىدار بىر قاتار مەسىللەر تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى تالاش تارتىش كۆپ بولغان، مۇنازىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭرى بولغان مەسىللەردۇر.
Ⅰ.ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى «سەرگەردانلىق باسىقۇچى»
مىلادى 840- يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن كېيىن، سېلىنگا ۋە ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرەپ تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. بەزىلىرى جەنۇبقا قاچسا، بەزىلىرى غەربكە كۆچتى، شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تارىخى بۆلۈنۈش ۋە قاراملىق دەۋرىگە كىردى. بۇ مەزگىل، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمران بولۇش ۋە كۆچۈشىدىن تارتىپ كېينكى قايتا گۈللىنىشى ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقى ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىياسىي ھاكىمىيەتنى قۇرۇشقىچە بولغان مەزگىل «سەرگەردانلىق دەۋرى» دەپ ئاتالدى. بۇ دەۋىر ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن باشلاپ (840- يىلى) ئۇيغۇرلارنىڭ يولباشچىسى پانتېكىن، ئۆگى قاغان قاتارلىقلار كۆچمەن ئۇيغۇرلارنى باشلاپ چۆللۈكتىن ئايرىلىپ، يېڭىدىن ئۈچ چوڭ ھاكىمىيەتنى تىكلىشىگىچە داۋاملاشتى. (تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن بەش دەۋىرگىچە بولغان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ)، بۇ دەۋىر تەخمىنەن يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشتى.
تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشچە، «سەرگەردانلىق مەزگىلى» دە ئۇيغۇرلار پۈتۈن مىللەت بويىچە غەربكە كۆچمىگەن. چۈنكى ئۇرخۇن ۋە سېلىنگا دەريا ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ ياشىغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تۆۋەندىكى بىر قانچە قەبىلە ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبلىك غەربكە كۆچكەن ئەمەس.
1.ئوتتۇرا ئاسىيا چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى
«توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى» نىڭ خەنزۇچىسىدە خاتىرىلىنىشچە، مىلادى 805- 821- يىللىرى ئارىلىقىدا ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش قۇتلۇق بىلگە خاقان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە خاقان (بەزى تارىخ كىتابلىرىدە ئاي تەڭرىخان دەپمۇ ئاتىلىدۇ-ت) تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى زورىيىپ كۈسەن، قارا شەھەر رايۇنلىرىغىچە يەتكەن. مەڭگۈ تاشتا مۇنداق دەپ خاتىرىلەنگەن: «تىبەت قۇشۇنى كۈسەنگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى، ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە خاقان ئەسكەر باشلاپ ياردەمگە باردى، تىبەتلار مەغلۇپ بولۇپ ، شۇ شەھىرىگە (بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدۇ) قېچىپ كىرىۋالدى، تۆت تەرەپتىن قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلدۇق.» شۇنىڭدەك ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە خاقاننىڭ ئوغلى كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش قۇتلۈق بىلگە خاقان تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (مىلادى 821-824) ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە ۋادىسىغىچە يەتتى. مەڭگۈ تاشتا مۇنداق دېيىلگەن: «قارلۇقلارغا، تىبەتلارغا ھۇجۇم قىلدۇق، قورغانلىرىنى ئىگەللىدۇق، شىمالغا قوغلىۋەتتۇق، غەربتە پەرغانە ، كۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ۋە مال- چارۋىسىنى ئولجا ئالدۇق.» ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى قارلۇقلار يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان. قارلۇقلار ئەسلىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ «تاشقى توققۇز قەبىلە»(توققۇز ئوغۇزلار) سىگە تەۋە بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى ھۈكۈمران گوروھ بىلەن زىددىيىتى بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئازراق ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋېتى بار ئىدى. قارلۇقلار بۇ قېتىم قايتىدىن ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغاندا، بۇ بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ گۇمران بولىشى بىلەن ئۆز زىمىنىنى تاشلاپ چىقىپ كەتمىدى.
2.تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى
ئۇيغۇرلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالىدا چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگىنىگە ئۇزۇن زامانلار بولغان ئىدى. جەنۇبى- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ۋۇخېلار تېلىلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەڭرىتاغ ئەتىراپلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 7- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، يولباشچىسى پورۇن تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ بەشبالىقنى قولىغا ئالغان. (بۈگۈنكى جىمىسارغا توغرا كېلىدۇ). ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرى تاغ ئەتىراپىدىكى كۈچى بارغانسىرى زورايغان. كېيىن تىبەتلار بېيتىڭغا ھۇجۇم قىلغان، قۇتلۇق خاقان (785- 805-)تەخىتتىكى چاغدا بېيتىڭنى قايتىدىن قولىغا ئالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بەشبالىقنىڭ ئەتىراپىدىكى رايۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىگە ئايلانغان. بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبلىك غەربكە كۆچكەن ئەمەس.
3. خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى
خېشى كارىدورىدا ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇر تاشقى توققۇز قەبىلىسىدىن بولغان چىبنىلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، يىۋۇنىڭ غەربىدە، قارا شەھەرنىڭ شىمالىدا، ئاق تاغنىڭ يېنىدا (تەڭرى تاغ) ياشىغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، قەبىلە باشلىقى چېبنىخىل قەبىلىنى باشلاپ شەرققە كۆچكەن. تاڭ سۇلالىسى ئۇلارنى ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيې ۋە ۋۇۋىي ئەتىراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ۋۇزىتىيەن دەۋرىدە(7- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا) شەرقىي تۈركلەر شەرقىي تاغدا قايتىدىن گۈللىنىپ، كېينكى تۈرك ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى يەنە بىر قېتىم تۈركلەرنىڭ قۇلدارلىق ھاكىمىيتى ئاستىدا بولغان. ئېچىنىشلىق ئېزىلىش بىر قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى گەنجۇ، لىياڭجۇ قاتارلىق جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. «يېڭى تاڭنامە، ئۇيغۇرلار قىسىسى» دا خاتىرىلىنىشچە، «ۋۇزىتىيەننىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، تۈركلەرنىڭ مويۇنچۇر خاقانى كۈچۈيۈپ، تېلىلارنىڭ زىمىنىنى قولىغا ئالدى، ئۇيغۇر، چىبىنى، ئىزگىل قاتارلىق ئۈچ قەبىلە قۇملۇقنى كىسىپ ئۆتۈپ، گەنجۇ، لىياڭجۇ ئەتىراپىغا ماكانلاشتى.» بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كېيىن تاڭ سۇلالىسگە ياردەملىشىپ «ئۆڭلۈك، سۆيگۈن» توپىلىڭىنى باستۇرغان. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل خېشى كارىدورىدا ياشىغان. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن غەربكە كۆچكەن ئەمەس.
دىمەك، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن چۆللۈكنىڭ شىمالدىكى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەن( بىر قىسمى جەنۇبقا كۆچكەن) باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز زىمىنىدىن يۆتكەلمىگەن. شۇڭا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى تارىخىي دەۋىرنى «غەربكە كۆچۈش دەۋرى» دەپ ئاتىماستىن، «سەرگەردانلىق دەۋرى» دەپ ئاتاش كېرەك. بۇ دەۋىرنى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى چوڭ بىرلىكتىن بۆلۈنۈش دەۋرىگە قاراپ ماڭغان ئۆتكۈنچى دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ.
Ⅱ.سەرگەردانلىق جەريانىدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى
ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇرخۇن ۋە سىلىنگا دەريا بويلىرىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۇمۇمىي جەھەتتىن تۆۋەندىكى بىر قانچە تارماققا بۆلۈنىدى:
1. ئۆگى قاغاننىڭ جەنۇبقا كۆچكەن ئون ئۈچ قەبىلىسى.
خانلىق يىمىرىلىپ ئىككىنچى يىلى(مىلادى 841-يىلى) تاڭ سۇلالىسى خۇيچاڭنىڭ بىرىنچى يىلى 2- ئايدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 13 قەبىلە ئۆگى تېكىننىڭ يولباشچىلىقىدا جەنۇبقا كۆچۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ چىگرىسىدىكى سوزىشەنگە يىتىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنى خاقان دەپ ئېلان قىلدى. ئۆگى قاغان جەنۇبقا كۆچۈش جەريانىدا، تاڭ تەيخېنىڭ مەلىكىسىنى ئالدى. مەلىكە تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ خانلىقنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئەمەل ئىنئام قىلىشنى ئۆتۈندى. تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى»نى باستۇرۇشقا كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەرھال ئەلچى ئەۋەتىپ قۇتلۇقلىدى. ئاشلىق توپلاپ، ئۇيغۇرلاردىن ئات سېتىۋالغاندا قايتۇرمىغان قەرزلىرىنى قايتۇردى. ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇرات ئايمىقىنىڭ شىمالىدا چارۋىچىلىق قىلىشىغا قوشۇلدى ھەمدە ئۇنىڭغا خاقانلىق ئەمەلىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسى يەنە يوجۇ ئايمىغىنىڭ تۇتۇق بېگى جاڭ جوڭۋۇ، خېدۇڭ تۇتۇق بېگى ليۇميەننى شەرق-غەرب تەرەپتىكى ئۇيغۇرلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ، جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى يىغىپ ئەكېلىپ جايلاشتۇردى.
تاڭ سۇلالىسى ئۆگى قاغانغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى. چۈنكى ئۇ چاغدا خانلىق يىمىرىلىپ ھەرقايسى قەبىلىلەر تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن، مەركىزىي سىياسىي ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولۇشتىن قالغان ئىدى. تاڭ سۇلالىسى ئۆگى قاغاننى يۆلەپ، ئۇيغۇر خان قايتىلىقىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېروتىرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋېتىنى قايتىدىن ياخشىلاشنى خالايتى. شۇ مەزگىلدە تاڭ سۇلالىسى نەچچە قېتىم مەكتۇپ يوللاپ ئۆگى قاغاننى ئۇيغۇر خانلىقىنى قايتىدىن قۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. تاڭ سۇلالىسى يەنە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋەزىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۆگى خاقانغا ياردەملىشىپ خانلىقنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، سەرگەردان بولۇشتىن ساقلىنىپ، ئەۋلادلارغا يۈز كېلىپ، خەلىق ئۈمىدىنى ئاقلاشقا دەۋەت قىلدى. تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن، ئۆگى قاغاننىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمايدىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگىمۇ مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنى ئۆز خان ئۆز بەگ بولۇۋالماسلىققا، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىماسلىققا، خاقان بىلەن بىرلىشىپ، قايتىدىن كۈچلىنىشكە دەۋەت قىلدى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئۆگى قاغاننىڭ دۆلەتنى قايتا گۈللەندۈرگۈدەك مادارى يوق ئىدى. پەقەت چېگرىدا پۇرسەت كۈتۈپ يېتىپ، تاڭ سۇلالىسىغا ئاشلىق ئۆتنە بېرىش ۋە تۇرغۇدەك شەھەر بېرىپ تۇرۇش تەكلىپىنى قويدى. تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ ئاشلىق ئۆتنە ئېلىش قاتارلىق يوللۇق تەلەپلىرىنى قاندۇردى. شەھەر ۋە قوشۇن ئۆتنە ئېلىشتەك يولسىز تەلىپىنى رەت قىلدى.
ئۆگى قاغان چېگرىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان بولسىمۇ، چۆللۈكنىڭ شىمالىغا قايتىپ كېتەلمىدى، ئەكسىچە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆز تەلىپىنى قاندۇرمىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ، بارا-بارا چېگرىدا ئەسكىلىك قىلىپ، خەلقنى بۇلاپ-تالىدى. تارىخي مەنبەلەردە «خاقان ئاۋال داتۇڭچۈنگە ھۇجۇم قىلدى، ئارقىدىن يۈن جوۋغا(بۈگۈنكى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ داتۇڭ شەھىرى) ھۇجۇم قىلدى.» «خۇيچاڭنىڭ 2-يىلى (مىلادى 842-يىلى) كۈزدە، ئۆگى قاغان قول ئاستىدىكى ئون تۈمەندىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ لۈمېنشەننىڭ شىمالىغا( يۈن جوۋغا) ئورۇنلاشتى. شەنشىنىڭ شەرقىي شىمالى، تىيەن دې، جېن ۋۇ، يۈنسۇ قاتارلىق جايلاردا پات-پات بۇلاڭچىلىق قىلدى.» دەپ خاتىرىلەنگەن. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تاڭ سۇلالىسى يەنىلا ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى مۇھىم بىلىپ، ئۇنىڭغا تالان-تاراج قىلىشنى توختىتىپ، تېزلىكتە قۇملۇقنىڭ شىمالىغا قايتىپ قايتىدىن سەلتەنەت قۇرۇش توغرىسىدا قايتا-قايتا نەسىھەت قىلدى. ئەمما ئۆگى قاغان بۇلارغا پىسەنت قىلماي، يەنىلا «چېگرىنى قالايمىقان قىلىپ يۈردى.» شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئامالسىزلىقتىن ئەسكەر باشلاپ، خۇيچاڭنىڭ 3-يىلى ئەتىيازدا بىر قېتىمدىلا ئۆگى قاغاننىڭ قالدۇق قوشۇنىنى تارمار قىلىپ مەلىكە تەيخېنى قايتۇرۇپ كەلدى، ئۆگى قاغان شەرققە قاچتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆگى قاغان چىگرىغا قايتا قەدەم باسالمىدى. ئۇ شەرقتىكى شىرۋىيغا تەسلىم بولدى. قول ئاستىدا ئۈچ مىڭچە ئادەم بار ئىدى. خۇيچاڭنىڭ 6-يىلى(مىلادى846-يىلى) كۈزدە پىستىرمىغا ئۇچىراپ ئۆلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆگى قاغاننىڭ ئىنىسى ئىنەن تېكىن خاقانلىققا تەيىنلەندى. ئىنەن تېكىننىڭ بەش مىڭدىن ئارتۇق قوشۇنى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەم-خەشىكى ئاساسى جەھەتتىن شىرۋىي پادىشاھىدىن كېلەتتى. داجۇڭنىڭ 1-يىلى (مىلادى847-يىلى) تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى شىرۋىي قەبىلىسىنى تارمار قىلدى، ئىنەن تېكىننىڭ قوشۇنىنىڭ يەم-خەشىكى ئۆكسۈپ، بارا-بارا تارىلىپ كەتتى. خان جەمەتىدىن پەقەت بەش يۈزلا ئادەم قالغان بولۇپ، شىرۋېيغا بويسۇناتتى. تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى ئىنەن تېكىننى تۇتماقچى بولدى، بۇنى ئاڭلىغان ئىنەن تېكىن كېچىلەپ غەربكە قاراپ قاچتى، قالدۇق قوشۇنى شىرۋېيلار تەرىپىدىن يەتتە فامىلىلىك شىرۋېيلارغا بۆلۈپ بېرىلدى. كېيىن، قىرغىزلار شىرۋېينىڭ قولىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى تارتىۋالدى. ئۆگى قاغاننىڭ جەنۇبقا كۆچكەن 13 قەبىلىسى تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ تۈگىدى.
2. تاڭ سۇلالىسىگە بېقىنغان ئۇيغۇر ھورمۇز قەبىلىلىرى
خانلىق يىمىرىلگەن، ئۆگى قاغان قەبىلىنى باشلاپ جەنۇبقا كۆچكەن مەزگىلدە ھورموزتېكىنمۇ ئۈچ قەبىلىنى باشلاپ جەنۇبقا كۆچتى. ئۇلار گەرچە ئۆگى قاغان بىلەن بىرلا ۋاقىتتا جەنۇبقا كۆچكەن بولسىمۇ، ئۆگى قاغان بىلەن ئوخشىمىغان يول تۇتتى. شۇ سەۋەبتىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇلارغا قوللانغان سىياسىتىمۇ ئوخشاش بولمىدى.
كەيچېڭنىڭ 5-يىلى(مىلادى 840-يىلى) خانلىق يىمىرىلگەندە، ھورموز تېكىن خەلقنى باشلاپ تىيەندېغا كېلىپ، ماكانلاشتى. «ئاشلىق سودىسى قىلىپ، تاڭ سۇلالىسىگە يېقىنلاشتى.» خۇيچاڭنىڭ 2-يىلى(مىلادى 842-يىلى) ياز تۆتىنچى ئايدا ،ھورمۇز تېكىن تاڭ سۇلالىسىغا بېقىندى. تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە مۇئامىلە قىلدى. ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا لى فامىلىسىنى ئىنئام قىلدى، ھورموز تېكىنگە لى سىجۇڭ، ئاروچىغا لى سىجېن، سارۋۇچۇرغا لى سىيى،ئاياۋىر تارقانغا لى خۇڭشۈن دېگەن ئاتلارنى ئىنئام قىلدى. ئارقىدىن ئەمەل-مەنسەپ بەردى. تاڭ سۇلالىسى بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە پەرمان چۈشۈرۈپ، ھورموز تېكىن قاتارلىقلارنىڭ ساداقىتىنى مۇكاپاتلىدى. ھورموز تېكىن باشچىلىقىدىكى 2618 كىشىلىك «قايتقان قۇشۇن» قۇردى. ھورمۇز تېكىن سانغۇن، ئاياۋىر تارقان مۇئاۋىن سانغۇن بولدى. كېيىن تاڭ سۇلالىسى تۇگۇخۇن، شادپىتلاردىن تەشكىللەنگەن ئازسانلىق مىللەت قۇشۇنلىرى ۋە چىبشىنلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى «قايتقان قۇشۇن»غا قوشۇپ بېرىپ، ھورمۇز تېكىننىڭ باشقۇرىشىغا بەردى. كېيىن ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى بىلەن تۇگۇخۇن ئەسكەرلىرىنىڭ مۇناسىۋېتى ياخشى بولمىغانلىقتىن، تاڭ سۇلالىسى «قايتقان قۇشۇن»نىڭ قۇرۇلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئەمما ھورمۇز تېكىن شىمالنى ئۇزۇن مەزگىلگىچە كونتىرول قىلدى. تاڭ سۇلالىسى ھورمۇز تېكىننىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار قىلدى، ئۇلارغا ساراي سېلىپ بېرىپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلىدى.
ھورمۇز تېكىن تاڭ سۇلالىسىغا سادىق بولغاچقا ۋە تاڭ سۇلالىسىمۇ ئۇلارنىڭ بېقىندىلىقىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاچقا، ھورمۇز تېكىن تاڭ سۇلالىسىغا ناھايتى ياخشى خىزمەت قىلدى. كېيىن تاڭ سۇلالىسى قۇشۇنىنىڭ كاتىۋى لى دېيۈ ھورمۇز تېكىنگە ئاتاپ تەرجىمىھال يېزىپ، ئۇنى «قوغدىغۇچى بۈيۈك تۇتۇق، تۆھپىسى ئارتۇق» دەپ ماختىدى.
جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدە يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۆگى تېكىن ۋە ھورمۇز تېكىندىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئاق سۆڭەڭلەر بار ئىدى. ئۇرخۇن خانلىقى يىمىرىلگەندە ئۇلار ئۆز جەمەتىنى باشلاپ جەنۇبقا كۆچۈپ، تاڭ سۇلالىسىگە بېقىنغان ۋە تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاق ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. خاتىرىلىنىشچە ئادىز قاتارلىق ئۇرۇقلاردىن بولۇپ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوۋجۇ قاتارلىق جايلارغا ماكانلاشقان.
3.قىرغىزلارغا بېقىنغان ھەرقايسى قەبىلىلەر
قىرغىزلار ئۇيغۇر خانلىقىنى يىمىرگەندىن كېيىن ئورخۇن دەريا ۋادىسىنى ئىگەللىدى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قىرغىزلارغا بېقىندى . مەسىلەن، قىرغىزلارنى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلاپ كەلگەن ۋەزىر جۇملۇغنىڭ قەبىلىسى جەنۇبقا قاچماي، غەربكىمۇ كۆچمەي قىرغىزلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئەسلىدىكى جايىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. شۇڭا خانلىق يىمىرىلىپ 3-يىلى، يەنى خۇيچاڭنىڭ 3-يىلى(مىلادى 843-يىلى) 2-ئايدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن دەريا ۋادىسىدىكى پايتەختى تېخى بۇزۇلمىغان بولۇپ، ئاز بولمىغان ئۇيغۇرلار بار ئىدى. بۇ چاغدا ئۆگى قاغان تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان بولۇپ، قايتا گۈللىنىشتىن ئۈمىد قالمىغان ئىدى. خۇيچاڭنىڭ 2-يىلى كۈزدىن باشلاپ، ئۆگى قاغان توختىماستىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرىسىدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن تاڭ قوشۇنى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما ئۆگى قاغان شەرققە قاچقانلىقتىن، يوشۇرۇن خەۋپ تېخى تۈگىمىگەن ئىدى. شۇ سەۋەبلىك تاڭ سۇلالىسى ئۆگى قاغانغا ياردەم بېرىپ چۆللۈكنىڭ شىمالىدا دۆلىتىنى قايتا قۇرۇشتىن ئىبارەت دەسلەپكى قارارىنى ئۆزگەرتىپ، قىرغىزلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆگى قاغاننى ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلماقچى بولدى. شۇڭا تاڭ سۇلالىسى قىرغىز خاقانىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، قىرغىزلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىنى يوقىتىپ، ئۆگى قاغان قوشۇنىنىڭ شىمالدىن بۆسۈپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەكتۇپتا: «خالۇچۈەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى تېخى ۋايران قىلىنمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ماكانىغا قايتىپ كەلگۈسى بار، شۇڭا بۇ رايۇننى تېزلىك بىلەن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- ئەۋلادىنى قىرىپ تاشلىماق زۈرۈر، بۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ، ئىككىلا تەرەپ شاتلانغاي» دېيىلىدۇ. خالوچۈەن، ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىدىكى ئەرگۈنە دەرياسى دەپ قارىلىدۇ، ئەمما تېكستتىن قارىغاندا، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئورخۇن دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا تارىخىي كىتابلاردا خۇيچاڭنىڭ 4-يىلى قىرغىزلار خالوچۈەن «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى دۆلىتى» گە كۆچۈپ بارغانلىقى ھەققىدىكى خاتىرىلەردە «قىرغىزلار خالوچۈەنگە كۆچۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى دۆلىتىگە ماكانلاشتى» دېگەن مەزمۇنلار كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردىكى «خالوچۈەنگە كۆچۈش» «بايانچۇر مەڭگۈ تېشى» نىڭ بىرىنچى قۇرىدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىگە كەلدىم» دېگەن مەزمۇنلار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، خالوچۈەننىڭ ئورخۇن دەريا ۋادىسىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، قىرغىزلار داجۇڭنىڭ 2-يىلىغىچە (مىلادى 848-يىلى) شىرۋېينى مەغلۇب قىلىپ، يەتتە فامىلىلىك شىرۋېي تەرىپىدىن ئىگەللىنىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قالدۇق قىسمىنى شىمالغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىرغىزلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكۈزدى. «كونا تاڭنامە، ئۇيغۇرلارقىسسىسى» دە بۇ ۋەقە مۇنداق خاتىرىلەنگەن :«قىرغىزلاردىن ئابو يەتتە تۈمەن قوشۇن باشلاپ، تېيەندېنىڭ غەربىي جەنۇبى چېگرىسىدىن (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى ئۇراتنىڭ غەربىي شىمالى) ئىنەن تېكىن ۋە قالغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ، شىرۋېينى تارمار قىلدى. شىرۋېينىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ شىمالىغا جايلاشتۇردى.» شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار بۇرۇنقىدىن كۆپەيدى.
4.پانتېكىن باشچىلىقىدىكى غەربكە كۆچكەن 15 قەبىلە
خانلىق يىمىرىلگەندىن كېيىن، جەنۇبقا كۆچكەن ۋە قىرغىزلارغا بېقىنغاندىن باشقا، 15 ئۇيغۇر قەبىلىسى پانتېكىننىڭ باشچىلىقىدا غەربكە كۆچتى. تارىخىي مەنبەلەردە :«ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچىسى پانتېكىن باشچىلىقىدا 15 قەبىلە قارلۇقلارغا قوشۇلدى. بىر تارمىقى تىبەتكە، بىر تارمىقى ئەنشىگە ماكانلاشتى» دەپ يېزىلغان.
پانتېكىن 15 ئۇيغۇر قەبىلىسىنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر بۆلۈك كىشىلەر جەنۇبقا قاراپ ماڭدى. ئۇلار بۈگۈنكى ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ غەربى قىسمىدىكى ئەرگۈنە ئايمىقىدىكى جۈيەنخەيدىن ئۆتۈپ، خېشى كارىدورىغا باردى ۋە خېشى كارىدورىدا ياشايدىغان ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلەشتى. بۇ ئىككى «تاڭنامە»دە ئېيتىلغاندەك «تىبەتكە ماكانلاشكانلار»نىڭ بىر تارمىقىدۇر. چۈنكى ئەينى چاغدا تىبەت خېشى كارىدورىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولۇپ، خېشى رايۇنى تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمىرانلىقى ئاستىدا ئىدى. شۇڭا كېيىن تىبەتكە كۆچۈپ كەلگە بۇ بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار «تىبەتكە كەلگەنلەر» دەپ ئاتالدى. كېيىن خېشىدىكى يەرلىك كۈچلەرنىڭ باشلىقى خەنزۇ جاڭ يىچاۋ تىبەتلارنى مەغلۇپ قىلدى. گۇا، شا قاتارلىق ئون بىر ئايماقنى تاڭ سۇلالىسىگە قارام قىلدى. خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇرلار يەنە تاڭ سۇلالىسىگە قارايدىغان بولدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىن بەش دەۋرگىچە بولغان ئارىلىقتا «ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگەردانلىق دەۋرى» ئاخىرلاشتى. خېشى رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار گەنجۇنى قولىغا ئېلىپ، گەنجۇنى مەركەز قىلغان خېشى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنى قۇردى.
پانتىكىن باشچىلىق قىلغان ئون بەش قەبىلىنىڭ بىر قىسمى جەنۇبقا كۆچۈپ خېشى كارىدورىغا كەلگەندىن باشقا، كۆپ قىسمى داۋاملىق غەربكە كۆچۈپ، قۇمۇل، لۈكچۈندىن ئۆتۈپ، تەڭرىتاغلىرىنى ھالقىپ كۈسەن، قارا شەھەر قاتارلىق جايلارغا يىتىپ باردى ۋە شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلەشتى. بۇ دەل ئىككى «تاڭنامە» دە ئېيتىلغان «ئەنشىدە(بىشبالىق) ئولتۇراقلاشقان» ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. «ئەنشى» تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنشى تۇتۇق مەھكىمىسىنى(كۈسەننى باشقۇرىدۇ) كۆزدە تۇتىدۇ ، دائىرىسى تەڭرى تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىپايان زېمىننى، قارا شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پان تېكىن غەربكە كۆچكەندىن كېيىن قارا شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. «يېڭى تاڭنامە.تۈركلەر ھەققىدە قىسسە»دە: «ئۇلار(ئۇيغۇر خاقانلىقى)پارچىلاندى، پان تېكىن باشچىلىقىدا قارا شەھەرگە جايلىشىپ، ئۆزىنى يابغۇ دەپ ئاتىدى، قالغان خەلقى 200 مىڭگە يېقىن بولۇپ، جىنشالىڭنى قوغدىدى.» بۇ رايوندا ئەسلىدىن ئۇيغۇرلار بولغاچقا، ھەم پانتېكىن باشچىلىقىدىكى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئۇلارغا قوشۇلغان بولغاچقا، داجۇڭنىڭ 2-يىلى (مىلادى 848-يىلى) 1-ئايدا پانتېكىن ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىدى.
پانتېكىن ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسى دەرھال قۇتلۇقلاشقا ئەلچى ئەۋەتتى، پانتېكىنمۇ تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ نام ئىنئام قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئەلچىلىرى لىڭ ۋۇ (ھازىرقى نىڭ شىيانىڭ لىڭ ۋۇ ناھىيىسى) دە ئۇچرىشىپ، بىرلىكتە تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە قايتىپ باردى. داجۇڭنىڭ 10-يىلى(مىلادى 856-يىلى) 3-ئايدا تاڭ سۇلالىسى ۋاڭ رۇيجاڭنى ئالاھىدە ئەلچىلىككە تەيىنلەپ، پانتېكىنغا ئىنانچى قاغان دەپ نام بېرىشكە ئەۋەتتى. بۇ «سەرگەردانلىق باسقۇچى» دا بىردىنبىر تاڭ سۇلالىسىنىڭ نام بېرىشىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر قاغانىدۇر. بىراق ۋاڭ رۇيجاڭنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. سەۋەبى «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» دە كۆرسىتىلىشىچە:« قارا ھارۋىلىقلار يولنى توسۇۋېلىپ، يىراققا ئۆتكىلى بولمىغان»، لېكىن، قارا ھارۋىلىقلار ۋېي شىلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، شەرقىي شىمالدا چارۋىچىلىق قىلاتتى. ۋاڭ رۇيجاڭ غەربكە سەپەر قىلغاندا، قارا ھارۋىلىقلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدىمۇ قانداق؟ دۇنخۇاڭدىكى خاتىرىلەردە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. «مەنكى ۋاڭ رۇيجاڭ، پەرمانغا بىنائەن ئەلچى بولۇپ، تەڭرىقۇتنىڭ ماكانىغا كېلىپ، ئەلچىلىكىمنى ئادا قىلماقچى بولدۇم. تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا مىڭدىن ئارتۇق ئاتلىق ئۇيغۇرلارغا ئۇچرىدىم، ئۇلار يول خېتىمنى ۋە ئەمەلنامەمنى بۇلاپ كەتتى» دېيىلگەن. بۇ بىر تۈركۈم ئاتلىق ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئەمەس. چۈنكى بۇ چاغدا خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان جاڭ يىچاۋغا بويسۇنغان. جاڭ يىچاۋ بولسا تاڭ سۇلالىسىغا چېگرا ساقلاپ بەرگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، جاڭ يىچاۋنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئەمەلنامىسىنى ۋە يول خېتىنى بۇلىشى مۈمكىن ئەمەس. شۇنداقلا، پانتېكىننىڭ قول ئاستىدىكىلەر بولىشى مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆز خاقانىغا نام بېرىش ئۈچۈن ماڭغان ئەلچىنى بۇلىمايدۇ. بۇ بىر تۈركۈم ئاتلىق ئۇيغۇرلار دەل ۋاڭ رۇيجاڭ ئاتىغان «قارا ھارۋىلىقلار»دۇر. قارىماققا بۇلار ئۆگى قاغان بىلەن غەربكە كۆچكەن خەلقلەر بولىشى مۈمكىن. چۈنكى خۇيچاڭنىڭ 3-يىلى ئۆگى قاغان تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەنشىگە (بىشبالىق) ماكانلاشقۇسى بار ئىدى. ئەمما كېيىن ئۇ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئىنىسى ئىنەن تېكىن غەربكە ماڭدى. تاكى قىرغىزلار شىرۋېينى مەغلۇب قىلغۇچە، قالدۇق ئۇيغۇرلار «بىرلىكتە غەربكە قاراپ ماڭدى.» ئۇلار غەربكە قاراپ مېڭىپ شاجۇغا كەلگەندە، يەنىلا تاڭ سۇلالىسى چېگراسى ئىچىدە بولغاچقا، ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاشقا جۈرئەت قىلالماي، «قارا ھارۋىلىقلار» دېگەن نام بىلەن ئۆزىنى پەردازلىدى. ۋاڭ رۇيجاڭ ئەھۋالنى بىلمەي، ئۇلارنى راستىنلا قارا ھارۋىلىقلار ئوخشايدۇ دەپ قالدى. شۇنداقلا «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» مۇ ۋاڭ رۇيجاڭنىڭ ئاغزاكى ماتېرىيالىنى ئاساس قىلىپ، خاتانى خاتا پېتى تارقاتتى. ئەپسۇس يەرلىك خەلقلەر ئۇنىڭ راست يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيتى، شۇڭا بۇ ئاتلىقلارنى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قوشماي «خائىن ئۇيغۇرلار» دەپ ئاتايتتى. بۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆگى خاقاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى «خائىنلار» دەپ ئاتىغىنى بىلەن بىردەك ئىدى.
5.كېيىن باش كۆتۈرگەن بۆكۆ قەبىلىسى
پانتېكىن ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىغان ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ نام ئىنئام قىلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى تارىخنامىلەردە قايتا كۆرۈلمىدى. خەنتۇڭنىڭ 7- يىلى (مىلادى 866-يىلى) ئۇيغۇرلارنىڭ بۆكۆ قەبىلىسى تەڭرىتاغ ئەتىراپلىرىدا باش كۆتۈرۈپ تىبەتلەر ئىگەللىۋالغان شىجۇ، شىمالىي يەن قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلدى. تارىخنامىلەردە «خەنتۇڭنىڭ 7-يىلى 10-ئايدا، كەڭسۇنىڭ جاڭيىدا چوڭ ئۇرۇش بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى بۆكۆ تېكىن تىبەتلەرنىڭ خاقانى ساڭكۇڭرىنىڭ بېشىنى ئالدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھىكايىلەر تارقالدى»، «خەنتۇڭنىڭ 7- يىلى، شىمالىي يەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى بۆكۆتىكىن كەڭسۇغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ جايلارنى ئۆز قولىغا ئالدى» دەپ خاتىرىلەنگەن.
بۆكۆ تېكىن كەڭسۇنى ئالغاندىن كېيىن تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆزىگە نام ئىنئام قىلىشنى تەلەپ قىلدى. تاڭ سۇلالىسى ئۇنى «غەربنى تىچلاندۇرۇپ، ئەلنى تىنچىتقۇچى» دەپ ماختىدى ۋە سولقانات تۇتۇقچى سانغۇنلۇق ئۈنىۋانىنى بەردى.
بۆكۆ تېكىن بىلەن پانتىكىننىڭ مۇناسىۋېتى قانداق ئېدى؟ تارىخىي مەنبەلەردە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق. نۇرغۇن ئالىملار «بۆكۆ» بىر نەسەپ فامىلىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىسى ئىچىدىكى بىر قەبىلىنىڭ ئەۋلادلىرىنى يەنى غەربكە كۆچكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، پانتېكىن بىلەن ۋارسلىق مۇناسىۋېتى بار دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى ئانچە چىڭ بولمىغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋېتى ۋە «سەرگەردانلىق دەۋرى»دىكى ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن بېرىككەنلىكى نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، پانتېكىن گوروھى بىلەن بۆكۆتېكىن گوروھى ئارىسىدا مەلۇم ۋارىسلىق مۇناسىۋېتىنىڭ بولۇش ئېھتىمالى ئاز. شۇڭا بىز ئۇلارنى «كېيىن كۈچەيگەن بۆكۆ قەبىلىسى» دەپ ئاتىدۇق. بۆكۆ تېكىننىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرىمۇ تارىخ نامىلاردا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ. ئەمما ئۇمۇ غەربكە كۆچۈش مەسلىسىگە چېتىشلىق بولغاچقا بۇ يەردە مۇشۇنچىلىك توختىلىپ ئۆتىمىز.
Ⅲ.ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچكەن قەبىلىلىرى ۋە پانتىكىن مەسىلىسى
ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشىگە قارىتا خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردىن باشقا يەنە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي رىۋايەتلىرىدىنمۇ ئۇلارنىڭ ئەجدادىنىڭ ئۇرخۇن ۋە سىلىنگا دەريا بويلىرىدىن بەشبالىققا كۆچۈپ كەلگەنلىكىگە ئائىت بايانلارنى ئۇچىراتلىقى بولىدۇ. «دوسان مۇڭغۇل تارىخى» دە «ئۇيغۇرلار بۇرۇن بارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ياۋيى ھايۋانلارنىڭ ۋە بوۋاق بالىلارنىڭ ئاۋازىنى ‹كۆچ، كۆچ› دېگەن ئاۋازغا ئوخشىتاتتى. مەنىسى ‹ماڭدى، كۆچتى› دېگەنلىك بولاتتى. ئۇيغۇرلاردا بۇ گەپ ھازىرمۇ بار. ئۇلار باشقا بىر يەردىن كۆچكەن ئىكەن. ھەربىر ماڭغاندا ئاشۇنداق ئاۋاز چىقىرىدىكەن. كېيىن بىر تۈزلەڭگە يىتىپ كەپتۇ. ئاۋازمۇ توختاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ يەردە بەش شەھەر بەرپا قىلىپتۇ. كېيىن بۇلار بىشبالىق دەپ ئاتىلىپتۇ. ‹بىشبالىق› بەش شەھەر دېگەن مەنىدىدۇر» دەپ خاتىرىلەنگەن.
پانتېكىن باشچىلىقىدىكى غەربكە كۆچكەن قەبىلىلەر شۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بېرىكىپ، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. ھەمدە نەچچە ئون يىللىق قايتا بېرىكىش ۋە ئىگىلىكنى ياخشىلاش نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چۇ دەرياسى ۋادىسىدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدا ۋە خېشى كارىدورىدا ھەيۋەتلىك ئۈچ چوڭ ئۇيغۇر گوروھىنى بەرپا قىلىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، قاراخانىيلار سۇلالىسى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچ چوڭ ھاكىمىيىتىنى قۇردى. بۇ ئۈچ چوڭ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىدە غەربكە كۆچۈشنىڭ ساقىندىلىرى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ. غەربكە كۆچۈشنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇ ئۈچ چوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ غەربكە يۆتكەلدى. بۇ كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى، ئىجتىمائىي قىياپىتى ۋە پىسخىك ساپاسىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.
غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچىلىك زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تارىخىي تەرەققىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتەلىشىدە پەقەت پانتىكىننىڭ 15 قەبىلىنى باشلاپ غەربكە كۆچكەنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ رولىنىمۇ كۆرىشىمىز كېرەك. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندە تاڭ سۇلالىسى ۋە تىبەتلەر ئۇمۇمىيۈزلۈك ئاجىزلاشقان، خېشى كارىدورىنى ساقلاپ ياتقان جاڭيىچاۋنىڭ قىسىملىرىمۇ ئۇزاق بەرداشلىق بىرەلمىگەن، ئىسلام ئىستىلاچىلىرىنىڭ كۈچى شەرققە سىلجىغان بولسمۇ تېخى شىنجاڭ ۋە گەنسۇ رايۇنىغا يىتىپ بارالمىغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە بىر تارىخىي مۇھىتتا، ئىدىقۇت ۋە كەڭسۇ رايۇنلىرى تەبىئىي ھالدا سىياسىي بوش رايۇنغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ بۇ رايۇنغا ھۆكۈمىرانلىق قىلىشىنى ۋە تەرەققىي قىلدۇرىشىنى كۈتتى. بۇ غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىنى پايدىلىق ئامىللار بىلەن تەمىن ئەتتى. سوبيېكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار يېتىپ بارغان جايلاردا ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كۈچلۈك بولۇپ، بۇ كۆچمەن ئۇيغۇرلار ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەپلىك ھۇجۇمغا ئۇچىرىمىدى. شۇڭا تەرەپ- تەرەپلەرگە پىتىراپ كەتمىدى،ھەيۋىسى تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ھالبۇكى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە تېكىن، ۋەزىر قاتارلىق ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكىلەرمۇ خېلى كۆپ ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئىچىدە خېلى يۈكسەك ئابرويغا ۋە تەشكىللەش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىدى. شۇڭا كۆچمەن ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك ئۇيغۇرلار بىرىككەندىن كېيىن، تىنچ يول ياكى قورال كۈچى بىلەن بولمىسۇن، ئاخىر يېڭى بىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر گوروھىنى قۇرۇپ چىقىپ، بۇ گوروھنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسىي كۈچىنى ئالغا سىلجىتتى. فېڭ جىياشىڭ ئەپەندى قاتارلىقلار كۆچمەن ئۇيغۇرلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋېتى ھەققىدە سۆزلىگەندە «ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئەسلىدە ئۇرخۇن ۋە سېلىگا دەريا بويلىرىدا ياشايتتى. ئايرىم بىر قىسمى بولسا تەڭرىتاغ، كەڭسۇ ۋە لىياڭجۇ ئەتىراپلىرىدا ماكانلاشقاندى. ئۇرخۇن ۋە سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىدىكىلىرى بولسا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، تەڭرىتاغ ئەتىراپىدىكىلىرى بولسا كېيىنكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى ئىدى. كەڭسۇ، لىياڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىغا يول ئاچتى.» دەيدۇ. مانا بۇ دەل جايىدا ئېيتىلغان گەپ،
ئۇنداقتا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچكە بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچۈشى»دېگەن قاراش يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟ بۇ قاراش «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار قىسسىسى»دىكى «غەربتىكى قارلۇقلارنىڭ قېشىغا قاچتى، بىر قىسىمى خېشىغا، بىر قىسمى ئەنشىگە (بىشبالىق) ماكانلاشتى» دېگەن باياندىن كەلگەن بولۇپ، تارىخىي پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇرخۇن ۋە سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىدىنى مەركەز قىلىپ ياشىغان ۋە كېيىن غەربكە كۆچكەن 15 قەبىلە پەقەت ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىلا بولۇپ، ئۇمۇمىي گەۋدىسى ئەمەس. «ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەن»مۇ ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، غەربكە كۆچكەن 15 قەبىلە ئىچىدە، باشلىنىش بىلەنلا ئۈچكە بۆلىنىش يۈز بەرمىگەن. پەقەت كۆچۈش جەريانىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قارلۇق(چۇ دەرياسى)، تىبەت (خېشى)، ئەنشى (تەڭرىتاغ) قاتارلىق ئۈچ جايغا بېرىپ، شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلەشكەن. ئاندىن نەچچە ئون يىللىق قايتا بىرىكىش ئارقىلىق يۇقۇرىقى ئۈچ جايدا بىر قەدەر مەركەزلىشىپ، ئۈچ چوڭ ئۇيغۇر گوروھىنى شەكىللەندۈرگەن، «كونا تاڭنامە»دىكى خاتىرىلەردە مانا مۇشۇ نەچچە ئون يىللىق سەرگەردانلىق ۋە قايتا بېرىكىش جەريانى چۈشۈرۈپ قۇيۇلغان. ئەكسىچە كېيىن شەكىللەنگەن ئۈچ چوڭ ئۇيغۇر گوروھى باشتىلا شەكىللگەنگەن قىلىپ قويۇلغان. بۇ خاتالىقلار چوقۇم تۈزىتىلىشى كېرەك.
ئەڭ ئاخىرىدا پان تېكىن مەسىلىسىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. يۇقۇرىقى بايانلاردا پانتېكىننىڭ قاراشەھەرنى ماكان تۇتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. ئەمما ئىككى تاڭنامىنىڭ «ئۇيغۇرلار قىسسىلىرى» دە ئۇنى قارلۇقلارغا قاچقان»، «گەنجۇدا ماكانلاشقان» دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇنداقتا بىز زادى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇندىن باشقا پانتېكىن زادى قايسى قەبىلىدىن ئىدى؟ تارىخىي مەنبەلەردە «قارلۇق ئىدى»، «ئەنشىلىك ئىدى» ،« گەنجۇلۇق ئىدى» دېگەندەك ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل قاراش بولغاچقا، ھەركىمنىڭ دېگەنلىرىدە ھەرخىل ئوخشىماسلىقلار ساقلانماقتا. ئەمما پاكىتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ سۆزلىگەندە، پانتېكىن «سەرگەردانلىق دەۋرى»دىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى ئىدى ياكى غەربكە كۆچكەن بارلىق كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى ئېدى دېيىش كېرەك. پانتېكىننىڭ غەربكە كۆچكەن 15قەبىلىنى باشلاپ ھەريەرلەرگە چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ كېينكى ئۈچ چوڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىشىغا ئاساس سالغان ، شۇنداقلا پانتىكىننىڭ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ ئەتىراپىدىكى ئۇيغۇرلارغا خاقان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن. بۇ باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بولغان. شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ يەردىكى«قايتىدىن بىرلىككە كېلىش جەريانى» دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچ چوڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلىش جەريانىدۇر. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىن قۇرۇلغان ئۈچ چوڭ ھاكىميىتىنىڭ ھەممىسى پانتېكىننى ئۆزىنىڭ ئەجدادى دەپ قارىدى. يۈەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن خۇسەنشىڭ ئىلگىرى بەش دەۋر مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ «ئۇيغۇرلار بەش دەۋردە تۆھپە كۆرسەتتى. پانتىكىن شۇلاردىن ئىدى» دەيدۇ. بۇ يەردىكى «پانتېكىن شۇلاردىن ئېدى» دېگىنى ھەرگىزمۇ ئۇلار پانتىكىن بىلەن قانداش ئۇرۇغ- تۇغقانلار ئىدى دېگەننىلا كۆرسەتمەستىن بەلكى پانكىتىن رەھبەرلىكىدە غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرستىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە گەرچە غەربكە كۆچمىسىمۇ ئەمما پانتىكىننى خاقانىمىز دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمۇ بار. بۇ «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» قارىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. شۇڭا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچ چوڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خاقانلار نەسەبىگە پانتىكىننى قۇشۇپ قۇيىشى تامامەن توغرا.
پانتىكىن گەرچە ئۈچ چوڭ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنىڭ ئورتاق ئەجدادى بولسىمۇ، ئەمما ئۈچ چوڭ ھاكىمىيەتنىڭ بىۋاستە قۇرغۇچىسى ۋە ھۈكۈمرانى ئەمەس. شۇڭا نۇرغۇن ئالىملارنىڭ «چۇ دەريا ۋادىسى، تەڭرىتاغ ئىتەكلىرى ۋە خېشى كادىرورى بىر بىرىدىن كۆپ يىراقتا تۇرسا، پانتىكىن قانداقمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ ھاكىمىيەتكە خاقان بولالايدۇ» دېگەن گۇمانىمۇ تەبئىيلا يوقالدى.
«كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار قىسسىسى»دە غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچكە بۆلۈنگەن دەپ خاتا چۈشەنگەنلىكىگە كەلسەك، بۇنىڭدىكى بىر بۆلۈك خاتىرىلەر تارىخىي پاكىتقا ھەقىقەتەن ئۇيغۇن. بولۇپمۇ «پانتىكىن ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىدى. قۇملۇقنىڭ غەربىدە شەھەرلەرنى ئىستىلا قىلدى. كېيىن ۋەزىرى كۈچىيىپ، كەڭسۇنى ئالدى، ۋاقتىنچە گۈللەندى» دېگەن بايانلار. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، «كونا تاڭنامە»نىڭ ئاپتۇرىمۇ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پانتىكىننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن.