قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى[تەرجىمە]
قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى
مەيلى مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى ماتېرىياللىرى ياكى خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللار ۋەياكى باشقا تىللاردىكى تارىخى ماتېرىياللاردا بولسۇن ھازىرغا قەدەر قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرسىدا بىۋاستە مۇناسىۋەت يۈز بەرگەنلىك توغرىسىدىكى ماتېرىياللار تېخى بايقالمىدى.بىراق،بىز خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللاردىن بۇ مەسلە ھەققىدىكى بەزى ۋاستىلىك ماتېرىياللارنى رەتلەپ چىقالايمىز.
<<يېڭى تاڭنامە . ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى>> دە :»تاڭ يىزوڭ(مىلادىيە 860-874) دەۋردە چوڭ سەردار بۆگۈتېكىن (仆固俊) بېشىبالىقتىن چىقىپ تۈبۈتلەرنى مەغلۇب قىلدى ھەم تۈبۈت سەركەردىسى شاڭ كوڭرې(尚恐热)نى ئۆلتۈردى،شۇنىڭ پۈتكۈل قوچو دىيارى(بەش ناھىيە-ت) ۋە لۈنتەي(ئۈرۈمچى ئەتراپى-ت) لەرگە قاتارلىق ئىگە بولدى.»دەپ خاتىرلەنگەن. <<ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمى تەدبىرلىرى>>(资治通鉴)دا بۇ ۋەقەنى شيەنتوڭنىڭ يەتتىنجى يىلى(مىلادىيە 866-يىلى) يۈز بەرگەن دەپ قارىغان:»باھاردا، گۈييى ھىراۋۇلى (归义节度使) جاڭ يىچاۋدىن كەلگەن مەلۇمات: بېشىبالىقلىق بۆگۈتېكىن قوچو،لۈنتەي(轮台، ئۈرۈمچى ئەتراپى-ت)،چىڭجېن(清镇) قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇردى>> دەپ خاتىرلەنگەن.»
ئۇنداقتا بۆگۈتېكىن مىلادىيە 840-يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى قايسى تارماق ئۇيغۇرلارغا تەۋە؟ فەن ۋېنلەن(范文澜) ئەپەندى ئۇلار پانتېكىن تارمىقىغا تەۋە دەپ قارايدىكەن،بىز ئىككىنجى بابتا ئۇنىڭ كۆزقارىشىنى نەقىل ئالغان،بۇنىڭ تارىخى ئاساسى بار.قارىغاندا،بۆگۈتېكىن ئەسلى پانتېكىننىڭ قول ئاستىدىكى بىر چوڭ سەردار(大酋) ئىكەن.پانتېكىن يەتتەسۇ رايونىدا قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن ،ئۇ بىر تارماق قوشۇننى باشلاپ شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلىپ جۇڭغار ئويمانلىقىغا كىرگەن ھەم ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چىڭجېن(بۈگۈنكى شىخو بىلەن ماناسنىڭ ئوتتۇرسىدا)،بېشىبالىق،لۈنتەي(ئۈرۈمچى ئەتراپى-ت)لەرنى ئىگەللىگەن،كېيىن تەڭرىتاغدىن ھالقىپ قوچوغا كىرگەن.دەسلەپتە،بۆگۈتېكىن قاراخانىلار سۇلالىسىغا تەۋە بولغان چوڭ سۈيۈرغال بەگ بولغان،كېيىن كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مىلادىيە 981-يىلى ئۆزلىرىنى «ئارسلانخان» دەپ ئاتاشقا باشلاپ قاراخانىلار سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ رەسمى مۇستەقىل بولغان،بۇ دەل تارىخى كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان «قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى»دۇر.بۇ كېيىن مىلادىيە 1041-يىلى يەتتەسۇ رايونىنىڭ ھۆكۈمرانىمۇ قاراخانىلار سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولىغىنىغا ئوخشايدۇ.
قوچو ئۇيغۇرلىرنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىدا يەنە دىنى جەھەتتىكى سەۋەبمۇ بولۇشى مۇمكىن.قاراخانىلار سۇلالىسىدىكى تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا ئارسلانخان تەختكە ۋارسلىق قىلغاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ دىنى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرسىدە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتكەن.مىلادىيە 960-يىلى 200 مىڭ چېدېر تۈركى تىللىق كۆچمەن چارۋىچىلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.ئەمما، قوچو ئەينى ۋاقىتتىكى بۇددا دىنىنىڭ مەركىزى بولۇپ بۇددا دىنىنىڭ بۇ يەردىكى تەسىرى ئىنتايىن زور ئىدى.ئۇلارنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن زىدىيەت يۈز بەرگەنلىكى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ،شۇڭلاشقا ئۇلار مىلادىيە 981-يىلى مۇستەقىلىق جاكارلىغان.
ناھايىتى ئەپسۇس،ماتېرىياللارنىمۇ بىز ھەتتا قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرسىدىكى بېرىش-كېلىش توغرىسىدىكى ۋاستىلىك ماتېرىياللارنىمۇ تېخى ئىگەللىمىدۇق.قارىغاندا،بۇ ئىككى خاندانلىقنىڭ دىنى-ئېتىقادى گەرچە ئوخشاشمىسىمۇ،بىراق ئۇلار ئوتتۇرسىدا زور كۆلەملىك قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ باقمىغان،چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى ماتېرىياللىردىمۇ بۇ جەھەتتىكى بىۋاستە تارىخى خاتىرلەر يوق.
مەنبە: ۋېي لياڭتاۋنىڭ <<قاراخانىلار سۇلالىسى تارىخى ماقالىلىرى>>(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986-يىل خەنزۇچە نەشرى،152-بەت)
تەرجىمە قىلغۇچى:ياغلاقار.
ئاپتور ھەققىدە: ۋېي لىياڭتاۋ(魏良弢) نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى تەتقىقاتچىسى،1933-يىل 3-ئاۋغۇست شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ چاڭيى شەھىرى (昌邑市)دە تۇغۇلغان،خەنزۇ.1949-يىلى مارتتا خىزمەتكە قاتنىشىپ جوڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھەر (潍坊市)لىك تارماق بانكىسىدا بوغالتىر بولغان.1956-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسىگە تەقسىم قىلىنىپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتىتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتچىلىق قىلغان ھەم فاكۇلتېت مۇدىرى بولغان.1985-يىلى نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىغا يۆتكەلگەن،1987-يىلى تەتقىقاتچىلىققا ئۆسكەن.ئۇ ھازىر جوڭگو مىللەتلەر تارىخى ئىلمى جەمئىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى.
ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىردىن <<قاراخانىلار سۇلالىسى تارىخى ماقالىلىرى>>، <<مىڭ سۇلالىسى دەۋرى ۋە چىڭ سۇلالىسنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تۇرپان ھۆكۈمرانلىرنىڭ شەجەرىسى– قوشۇمچە شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى>>، <<تارىخى تەتقىقات>>، <<قاراقىتان خانلىقى تارىخى تەتقىقاتى>>، <<يەكەن خانلىقىنىڭ شەرقى زېمىنىنى ئىسپاتلاپ چۈشەندۈرۈش>>، <<تارىخى جۇغراپىيە>> ۋە <<بالا پادىشاھ>>قاتارلىق ئەسەلىرى نەشىر قىلىنغان. نۆۋەتتە ئۇ <<جوڭگو قەدىمقى دەۋر غەربى يۇرت تارىخى>> ۋە <<يەكەن خانلىقى تارىخى>>نى يېزىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.