نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت يۈكسەك ئىستېداتقا ئىگە ئالىم ، تالانتلىق شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيە ۋە ئەدەبىياتى تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ .
نەزەر غوجىنىڭ ئاتا – ئانىسى ئوقۇمۇشلۇق كىلشەر بولۇپ ، ئىلى ۋىلايتىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ياشىغان. نەزەر غوجىنىڭ دادىسى ئابدۇسەمەت 1864- يىلى كۆتۈرۈلگەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمتىگە قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان . 1871-، 1881- يىللىرى چاررۇسىيە قوشۇنى ئىلى ۋىلايتىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ، ئىلىنى بېسىۋالدى . ھەم چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قاتتىق ئېكىسپىلاتسىيسى ، ھەم يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ تالان – تاراج قىلىشىغا ئۇچراپ ھالسىزلانغان ئىلى دەريا ساھىلىدىكى ئۇيغۇرلار يەتتە سۇ تەۋەسىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى . ئەنە شۇ كۆچمەنلەر ئىچىدە ئابدۇسەمەت ئائىلىسىمۇ بار ئىدى .
نەزەر غوجا 1887- يىلى ھازىرقى قازاقسىتانغا قاراشلىق غالجات يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئائىلىسى نەزەر غوجىنىڭ تەربىيسىگە كۆڭۈل بۆلگەن . ئابدۇسەمەت ئۇنى موللىلارغا بېرىپ ئوقۇتقان ، تارىخىي ۋەقەلەر، ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ، ئۇيغۇر تارىخىدىن خەۋەردار قىلغان . ئەسلى يۇرتىنىڭ ئىلى دەريا بويىدا ئىكەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ بېرىپ ، ئوغلىنىڭ قەلبىدە ئانا يۇرتىغا كۈچلۈك مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغاتقان . شۇڭا ، نەزەر غوجا بالىلىق دەۋىرىدىن تارتىپلا سادىر پالۋان ، نۇزۇگۇم ھەققىدىكى قوشاقلارنى يادلىۋالغانىدى . ئۇ مەكتەپكە كىرىپ تىرشىپ رۇس تىلىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۋالغان . ئۇ ئالمۇتادىكى زاۋۇت مەكتىپىدە بىر يىلغا يېقىن ئوقۇغاندىن كېيىن ، بىلىم تەشنالىقىنى تېخىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن تاتارستاندىكى قازان ئۇنۋېرستېتىغا ئوقۇشقا بارغان ، كېينىرەك مىللى مەدەنىيەت تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن رادىلوف ، مالوفتەك ئالىملار بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىپ ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيتى ھەققىدە كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئىگىلىگەن . يالقۇنلۇق ئىنقىلابچى ئابدۇللا روزىباقىيوۋ بىلەن چوڭقۇر دوسلتۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان . ئۇلار بىر – بىرىنى ھۆرمەتلىگەن ، قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن .
1917- يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، نەزەر غوجا ئۇيغۇر بالىسى يەتتە سۇ رايونىدا سوۋېت ھاكىميتىنى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان . يېڭى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، سوۋېت ھاكىميتىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش جەھەتلەردىكى ئىجتىمائي – سىياسى پائالىيەتلەردە ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغان . ئۇ لېنىن يولىنىڭ تەرغىباتچىسى بولۇپ قالغان . شۇڭا، ئابدۇللا روزىباقىيوۋ : «نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت» (ئۇيغۇر بالىسى ) خەلقىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان پىشقەدەم ئەدىب، دېموكرات ، شورالار ھۆكۈمىتىگە دوست، ئۇنىڭ يولىغا كىرگەنلەرنىڭ بىرىنچىسىدۇر >> دېگەن .
نەزەر غوجا 1923- يىلى كېيىنكى بىر مەزگىللىك ھاياتىنى غالجات يېزىسىدىكى كولخوزچىلار ئىچىدە ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزگەن . غالجاتلىق ئاسىم قاسىموۋ مۇنداق يازغان :« 1923-، 1930- يىللاردا غالجاتتىكى سودا كوپېراتىپغا يىتەكچىلىك قىلىپ ، خەلىق ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈشكە بىۋاستە غەمخورلۇق قىلغان، ھەم دېھقانلارغا ئۈلگە كۆرستىش ئۈچۈن قولىغا كەتمەن ئېلىپ ، غالجات غولىدىكى سۈيى ئوڭاي چىقىدىغان جايلاردىن ئەمەس ، بەلكى ئەڭ قىيىن، ئېدىر- قاپتاللارنى ئايلاندۇرۇپ ئۆستەڭ تارتىپ ، مۇشەققەتلىك ئىشقا باش بولغان . ھازىرقى بۇ ئۆستەڭنى ‹ نەزەر غوجا ئۆستىڭى› دەپ ئاتىشىدۇ.»
1928- يىلى ستالىن « بۇرژۇئا مىللەتچىلىرىنى تازىلاش» دەيدىغان سولچىل سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ ، زور تۈركۈمدىكى تاتار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە كوممۇنىستلارنى تۇتقۇن قىلغان ، باستۇرغان .«بۇ قىسىم پۇرسەتپەرەسلەر نەزەر غوجىنىڭ ئىلگىرى تاتار زىيالىيلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ، ئۇنىمۇ تارتىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان . ئۇنىڭ (تەييارتاپلار ) ناملىق شئېرىغىمۇ تەنقىدلەر يېزىلىپ ، ئۇنىڭغا تار مەزھەپچى ، تاقابىلچى ، دېگەن ۋە باشقا تامامەن ئاساسسىز تۆھمەتلەر چاپلانغان . ھەتتا ئۇنىڭ ھاياتىمۇ تەھدىتكە ئۇچىرىغان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، شۇ چاغدا ئابۇدللا روزىباقيوۋ ئۇنىڭغا ئىنىسى ئابدۇغۇپۇر روزىباقيوۋ (سولۇن )دىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش توغرۇلۇق ئۇچۇر يەتكۈزگەنىكەن . دەرۋەقە ، ئۇ 1929- يىلى ئىلى تەۋەسىگە كۆچۈپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا قادىرى(جۇلقۇنباي) ، ئابدۇللا روزىباقىيوۋ ، نۇر ئسرائىل … قاتارلىقلار قاتتىق باستۇرۇلغان ».
نەزەر غوجا 1929- يىلى كۈزدە خوتۇن – بالىلىرىنى ئېلىپ ئىلى ۋىلايتىنىڭ جاغىستاي يېزىسىغا ماكانلاشقان . بۇ يەردىمۇ «غالجات مەھەللىسى» دېگەن بىر مەھەللە بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مالىمانچىلىقلاردا كۆچۈپ كەتكەن غالجاتلىقلار ، شۇنداقلا نەزەر غوجىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان ، تونۇش- بىلىشلىرى ئولتۇراقلاشقان .
جاغىستاي مائارىپ ۋە مەدەنىيەتتە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان يېزا ئىدى . بۇ يەردە 1900- يىللاردىلا دىني مەكتەپلەر بار بولۇپ ، پەننى دەرسلەر قوشۇمچە ئۆتۈلەتتى. 1910- يىلىدىن كېيىن ، قازان ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن مىرزا مۇئەللىم ، مىسرىدىكى ئەزھەر دارىلفونۇنىنى پۈتتۈرگەن ناسۇھا داموللام ، ئەيسا داموللاملار مەسچىت يېنىغا پەننىي ۋە دىنني مەكتەپلەر قۇرغانىدى . نەزەر غوجا بۇ يەردە مۇنتىزىم بىرپەنني مەكتەپنىڭ يوقلۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن بىر پەننىي مەكتەپ سېلىشنى تەشەببۇس قىلغان . نەتىجىدە 1933- يىلى «بىرلىك»مەكتىپى سېلىنغان . نەزەر غوجا بۇ مەكتەپكە ئىقتسادىي جەھەتتىلا ياردەم بېرىپ قالماي ، يەنە قازان شەھىردىن دەرسلىكلەرنى ئالدۇرۇپ بەرگەن . ئوقۇغۇچىلار بىر خىل مەكتەپ فورمىسى كىيىپ تەنتەربىيە ئويناشنى يولغا قويغان . 1934- يىلى بىر كۇلۇب سېلىنىپ ، ئارتىسلار ئويۇن قويۇپ ، يېزا خەلقىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇپ ، مەنىۋيتىنى بېيتقان . شۇ مەزگىللەردە، بۇ كۇلۇبتا «خىيالى تېۋىپ»، «نۇزۇگۇم»، «پەرھاد – شېرىن»، «نامەرد باي»قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ئوينالغان . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى«نۇزۇگۇم»بىلەن «نامەرد باي»نى نەزەر غوجا يېزىپ بەرگەن . ئۇ يەنە ئارتىسلارغا كۆپلىگەن ناخشا تېكستىلىرىنىمۇ يېزىپ بەرگەن . ئۇ مەكتەپتىكى بىر ئاممىۋى يىغىلىشتا سەنئەتنىڭ رولى ئۈستىدە توختىلىپ :«خەلقنىڭ كاللىسىنى ئېچىشتا دورىدىنمۇ كۆرە سەنئەت مۇھىم» دېگەن مەشھۇر سۆزنى قىلغان . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە نەزەر غوجا يازغان شئېر ۋە ماقالىلىرىنى «ئالغا » ، «ئىتتىپاق»قاتارلىق گېزىت- ژورناللارغا ئەۋەتىپ ، ئېلان قىلدۇرغان .«خۇشتىرخان»ناملىق داستاننى ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا «دىلموك تېغى باغىرىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرى»ناملىق ماقالىسىنى يېزىپ چىققان. 1948- يىلى ۋە 1949- يىللىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ، غېنى باتۇر قاتارلىقلار نەزەر غوجىنى يوقلاپ چىقىپ ، ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ، سۆھبەتلەردە بولغان . ئەخمەتجان قاسىمى كىشلەرنىڭ ئالدىدا نەزەر غوجىنى «ئۇستازىم» دەپ ھۆرمەتلىگەن. «1951- يىلى شائىر ئەلقەم ئەختەم ، يازغۇچى ماناپ قەدىرىلار جاغىستاي يېزىسىغا يەر ئىسلاھات كادىرى بولۇپ چىققاندا، نەزەر غوجا بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىر قىسىم قوليازمىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن». بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمى بار
نەزەر غوجا ھاياتنىڭ ھەر خىل قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ، ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچراپ ، ياشانغاندا كېسەلچان بولۇپ قالغان . 1952- يىلى كەچ كۈزدە ، كېسلى قوزغىلىپ دورا ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان .<< ئۆز زامانىسىدىكى يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ بىرى >>، << مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىللتىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئەڭ كۆپ ئويلانغان ۋە ئازابلانغان زىيالىيلرىمىزنىڭ بىرى>>، ئەل جامائەت ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ مەرىپەتچىنىڭ مېيتى << بىرلىك>>-ھازىرقى جاغىستاي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى قەبىرستانلىققا دەپنە قىلىنغان . ( نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ھەققىدىكى مەلۇمات ئۇيغۇر ئەجداد تارىخ تورىدىن ئېلىندى)