ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ
نەسىردىن ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باتۇرانە جاسارىتىنى، ئۆتكۈر زىھنى قۇۋۋىتى بىلەن يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىنى، مۇھەببەت ۋە نەپرىتىنى، ئاق كۆڭۈل ۋە ئەمگەكچانلىقىنى، خۇشچاقچاق، ھەققانىيەتچى، ۋە ئالىيجاناپ خىسلەتلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن مەڭگۈلۈك ئوبرازدۇر. شۇڭا ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپى نەسىردىن ئەپەندى نامىغا توقۇلغان.
نەسىردىن ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئۇنىڭ نامىغا توقۇلغان نەتىجىلەر ئۇيغۇرلاردىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك، قازاق، تۈركمەن، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە،ئانادولۇ، ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرق ئەللىرىگە، قىسقىسى، ئىسلام دىنى مۇھىتىدىكى خەلقلەرگە ۋە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن چاغلاردا، قەدىمى يەتكەن شەرقىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقا ئەللىرىگىچە تارقالغان نەسىردىن ئەپەندى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تەتقىقاتچىلار قىزىقىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەسىردىن ئەپەندى تارىختا ئۆتكەنمۇ يوق؟ ئەپەندى لەتىپىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ بىرلا شەخىسنىڭ ئىجادىيىتىمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار مۇنازىرە تېمىسى بولغان. ئەينى چاغدا تۈركىيىلىك تەتقىقاتچىلار نەسىردىن ئەپەندى 13-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان، شۇ يەردە دەپنە قىلىنغان، تۈركىيىنىڭ ئاقشەھىر دېگەن يېرىدە ئۇنىڭ قەبرىسى بار… دەپ مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن. «نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ل.ۋ سولۇيۇف ئۆز ئەسىردە: نەسىردىن ئەپەندى بۇخارالىق بولۇپ، ئۇ شۇ يەردىكى شىر مۇھەممەد ئىسىملىك بىر كوزىچىنىڭ بېقىۋالغان بالىسى ئىدى، ئۇ ئۆز ھاياتىدا دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىغا بارغان، ئۇ بارغانلا يېرىدە پۇقرالارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ھۆكۈمالارغا قارشى ئىش تۇتۇپ كەلگەچكە، ھۆكۈمرانلار ئۇنىڭغا چىش- تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان، شۇ سەۋەبتىن نەسرىدىن ئەل ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلۈپتۇ دېگەن خەۋەرنى پەيدا قىلغان…شۇڭا دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭلىرىدا سەككىز يەردە ئۇنىڭ قەبرىسى پەيدا بولغان، لېكىن ھېچكىم شۇ قەبرىلەرنىڭ قايسىبىرىنىڭ نەسىردىن ئەپەندىنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ، بەلكىم ئۇنىڭ ئىچىدىمۇ نەسىردىننىڭ قەبرىسى يوقتۇر. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەل ئىچىدە ناھايىتى يوشۇرۇن ياشىغان، ئۇنىڭ قاچان ۋە قەيەردە قانداق ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق دەپ يازىدۇ.
يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت بۇ شەخسنىڭ دۇنيادىن ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكى تېخى ئىسپاتلانغىنى يوق. بەلكىم ئۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا يارىتىلغان ئوبراز بولسا كېرەك دەپ قارايدۇ. رۇس شەرقشۇناسى بۇرۇكنىكىي: بىزمۇ بۇ ئوبرازنىڭ پەيدا بولۇشىنى چوقۇم مۇشۇ رايوننىڭ دائىرىسىدە دەپ چەكلەپ قويالمايمىز، بۇ ئوبراز ئوخشاش تارىخىي شارائىتتا، ئوخشاش بولمىغان جايلاردا ئەرەبلەردىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە ئوخشاش پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئاتالمىش مۇسۇلمان شەرقىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزائارا مۇناسىۋىتى ۋە ئۆز ئارا مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بۇ ئوبراز تېخىمۇ بېيىدى ۋە تولۇقلاندى ھەمدە بارلىق مىللەتلەر بۇ ئوبرازغا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشتى. يەنى بۇ ئوبراز ئەرەبلەر،تۈركلەر، پارسلار، كافكازىيىدىكى ھەر مىللەت خەلقى، ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر مىللەت خەلقى، ئالبانىيىلىكلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا راۋاجلاندى ۋە مۇكەممەللەشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوبراز ھەر قايسى ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر بىلەن جانلاندۇرۇپ كۆرسىتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا خوجا نەسىردىن ياكى نەسىردىن ئەپەندى، ئەپەندى، موللا نەسىردىن دەپ ئاتالدى دەيدۇ.
دۇنيادا لەتىپە بابىدا نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدەك بۇنداق كۆپ دۆلەت ۋە كۆپ مىللەت ئىچىگە تارقالغان لەتىپىلەر تۈركۈمى ۋە نەسىردىن ئەپەندىدەك ئۆلمەس خىلمۇ-خىل خاراكتېرگە ئىگە لەتىپە ئوبرازى يوق دېيەرلىك. شۇنداق بولغاچقا، تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مانا مۇشۇ چىگىش مەسىلىنى ھەل قىلالماي ئۇنى بىر غايىۋى ئوبراز دەپ يەكۈن چىقىرىشقا ئادەتلىنىپ قالغان، ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق بىر ئوبرازنى يارىتىشتا رېئال بىر تارىخىي شەخسنىڭ ئەمەلىي رول ئوينىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. نەسىردىن ئەپەندىدەك بۇنداق سۆيۈملۈك ئوبرازىنى ئۇنىڭ لەتىپىلىرى تارقالغانلىكى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزىدىن يېتىشىپ چىققان ۋە ئۆز يۇرتىدا ياشاپ ئۆتكەن دەپ يەكۈن چىقارغۇسى بار بولسىمۇ، ئەمما ئىلىمگە ۋە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش ئەخلاق جۈملىسىدىن بولغاچقا، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتۇق.