دېكابىر 27, 2024
شۆھرەت زاكىر-Shohret Zakir

شۆھرەت زاكىر-Shohret Zakir

ئەسلى ئادېرسى:

https://uygur.xinjiang.gov.cn/xj_ww/zfgzbg/201703/8ac7e2ec48904dbc99af1e0eabb31081.shtml

 ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:
  ھازىر مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىمەن، مۇزاكىرە قىلىشىڭلارنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىرتتىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

    1. 2016- يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

  ئۆتكەن بىر يىل 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان باشلانغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا ئاتلانغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرغان مۇھىم بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى باشتىن- ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىنجاڭنى زور دەرىجىدە قوللاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىمىزنى قۇدرەتلىك كۈچ ۋە پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەسسىلەپ غەيرەتكە كېلىپ ۋە چوڭقۇر سۆيۈنۈپ، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى. پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز يەنىمۇ چىڭىدى.
  ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ، 4- ، 5- ، 6- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈردۇق، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلاشتۇق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى باشلىۋالدۇق.
  − ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولدى. مۆلچەرىمىزچە، رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 955 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %7.6 ئاشىدۇ؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 281 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %8.2 ئاشىدۇ. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇپ، سالماقلىق ئاساسىدا مۇقىم بولۇۋاتقان، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىۋاتقان ئومۇمىي ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
  − ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشى تەڭشىدۇق. 1- كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.5 ئاشۇردۇق، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇردۇق. ئاشلىقنى 15 مىليون 350 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، ھوسۇلنى ئۇدا توققۇز يىل ئاشۇردۇق. كېۋەز تېرىقچىلىقىنى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەھسۇلاتنى 4 مىليون 200 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇپ، %2.6 كۆپەيتتۇق. 2- كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.6 ئاشۇردۇق، پولات- تۆمۈر، سېمونت، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئەتراپلىق تەڭشىدۇق، نېفىت سانائىتىدىن باشقا سانائەت، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ نىسبىتىنى سالماقلىق بىلەن ئاشۇردۇق. 3- كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %9.9 ئاشۇردۇق، بۇنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنىڭ نىسبىتى %58.9 بولدى. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك بولدى.
  − خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلىدۇق. ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، مالىيەدە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئەھۋالدىمۇ، خەلق تۇرمۇشى چىقىمى ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىنىڭ %74.7 ىنى ئىگىلىدى. شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى 28 مىڭ 240 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %7.5 ئاشۇردۇق؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى 10 مىڭ 180 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %8 ئاشۇردۇق. 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق.
  − ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردۇق. يېزا بالىلىرىنى ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى بويىچە ئاساسەن تولۇق تەربىيەلىدۇق. شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق ئىشقا ئاشۇردۇق. 400 مىڭ ئائىلىگە رادىيو- تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدۇق. مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق.
  − ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. مۇھىت ئاسراش قانۇن- نىزام سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. 17 ناھىيە(شەھەر)نى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيە رايونى دائىرىسىگە يېڭىدىن كىرگۈزدۇق. ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشتا كۆزلىگەن نىشانغا تولۇق يەتتۇق، رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يارىتىش داۋامىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %2.44، ھەر بىرلىك بويىچە كاربون Ⅳ ئوكسىد قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى %2.52 تۆۋەنلەتتۇق.
  بىر يىلدىن بۇيان، بىز ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاساسلىقى، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:
  1) ئىجتىمائىي ئومۇمىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدىدۇق
  خاتىرجەم، تەرتىپلىك، گۈللەنگەن، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتىدا ياشاش ئاۋامنىڭ ئارزۇسى ۋە ئارمىنى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى» دېگەن تەلىپىنى باشتىن- ئاخىر پۇختا ئىگىلىدۇق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت ئاممىنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىدۇق. چېگرادىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇشنى ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتۇق، شەھەر- بازارلارنى بۆلەككە ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە كەسپىي چارلاش- تىزگىنلەش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق، تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇردۇق، جەمئىيەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈردۇق. مەركىزىي شەھەر، ناھىيە بازىرى، يېزا- بازارلاردا خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قۇردۇق. بۇنىڭ بىلەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يەنىمۇ ئاشتى. كەنتتە تۇرۇپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئىجتىمائىي ئاساسىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدۇق. نەتىجىدە، ھەر مىللەت ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى چىن يۈرىكىدىن تېخىمۇ ھىمايە قىلىدىغان ۋە قوللايدىغان بولدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئەمەلىيىتى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئۇقتۇردىكى، خەلق ئاممىسى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي قوشۇن. ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ۋە ئۇلارغا تايىنىدىغانلا بولساق، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ!
  2) ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولدۇقخەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، مەركەزنىڭ «مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەمتۈكلۈكنى تۈگىتىش، خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، كەسكىن تۈردە بىر قاتار سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، ئىقتىسادنى تەكشى، ساغلام يۈرۈشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. دۆلەتنىڭ «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»قا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى پائال كېمەيتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنى قەتئىي شاللىدۇق؛ يەر خېتى بېجىغا مالىيەدىن تولۇق سوممىلىق ياردەم بېرىش، پەرقلىق تۇرالغۇ كىرېدىتى بويىچە باج سىياسىتىنى يولغا قويۇش، كەپىلىك رايوندىكىلەرنى پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سېتىلمىغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردۇق؛ پۇل مۇئامىلىسى خەتىرىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك خەتەرلەرنى سالماق، تەرتىپلىك تۈگەتتۇق؛ دۆلەتنىڭ باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق، مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلار ئالىدىغان ۋە ھۆكۈمەت فوندى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەق تۈرلىرىدىن 27 نى بىكار قىلدۇق، كېمەيتتۇق ياكى ئېلىشنى كېچىكتۈردۇق، كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرى تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتۇق، توك ھەققى ۋە تۆمۈريول تىرانسپورت باھاسىنى يەنىمۇ چۈشۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىزچىل ئالدىنقى نىشان قىلىپ، تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەر ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ يوللار ئارقىلىق كۆپرەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق. ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتىش جەريانىدا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاساسەن ساقلىدۇق. توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىدىن 300 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. بازار ئىجازىتىنىڭ ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتتۇق، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردۇق. شەھەر- بازارلاردا 455 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، يېزىلاردىكى 2 مىليون 750 مىڭ (قېتىم)دىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق.
  نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق، تۇراقلىق مۈلۈككە تەخمىنەن 998 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدۇق (دېھقان ئائىلىسىنى ئۆزى ئىچىگە ئالمايدۇ). بېيتۇن- ئالتاي تۆمۈريولى، ئىلى- كۇچا 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 62 قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق؛ كورلا- گېرمو تۆمۈريولى، مىڭشۈي- قومۇل يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئۈرۈمچى شەھىرى رېلىسلىق قاتنىشىنىڭ بىرىنچى لىنىيەسى، يەكەن ئايرودۇرۇمى، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلارنى داۋاملاشتۇردۇق؛ ئۈرۈمچى- كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىش- كېڭەيتىش، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شەرقىي جۇڭغار- شەرقىي جۇڭگو 1100± كىلوۋولتلۇق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، سارتوقاي سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق 72 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى باشلىدۇق. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى يەنىمۇ ياخشىلاندى.
  مالىيە كىرىم- چىقىم بېسىمى ئېغىر بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، مالىيە- باج خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق، مالىيە چىقىمىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتتۇق، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈپ، خىزمەتلەرنى نورمال يۈرۈشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچلۈك تىرەك بولدۇق. مالىيەنىڭ مەبلەغ غەملەش شەكلىدە پائال يېڭىلىق ياراتتۇق، كاپىتال سېلىنمىسى، ئۆسۈم ياردىمى، PPP ئەندىزىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىغا جەلپ قىلىپ، PPP تۈرىگە جەمئىي 236 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ زايوم سوممىسىنى نورمىغا يەتكۈزۈپ، جەمئىي 106 مىليارد 520 مىليون يۈەن قىممىتىدە تۈرلۈك زايوم تارقاتتۇق؛ مۆلچەرىمىزچە، بۇ يىل ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 129 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، %2.4 تۆۋەنلەيدۇ؛ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى 414 مىليارد 140 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، %8.9 ئاشىدۇ.
  3) ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇردۇق
  بىز مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ئاچقۇچلۇق، يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدۇق. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى بىلەن شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردۇق. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە شىنجاڭدىكى مەركەز كارخانىلىرىنى يەرلىكتە رويخەتكە ئېلىشنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقىنى باشلىدۇق. پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسىنى ئىسلاھ قىلىش سىنىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردۇق. يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۈچ خىل تولۇقلىما سىياسىتى» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈردۇق. 32 ناھىيەدە يېزا يەرلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش سىنىقىنى يولغا قويدۇق. قومۇل ۋىلايىتىنى قومۇل شەھىرىگە ئۆزگەرتتۇق.
  بىز دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئېلىپ كەلگەن زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، كونتېينېر مەركىزىي پونكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سىنىقىنى رەسمىي باشلىدۇق، ئۈرۈمچى تاموژنىسىدا بىرلەشمە تىرانسپورتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق. ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ئۈرۈمچى مەركىزىي ئۆتىڭىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردۇق. چېگرا ھالقىغان يېڭى ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئاچتۇق. چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسىپلىرىنى پائال سىناق قىلدۇق. 5- نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق.
  4) خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلدۇق
  «13- بەش يىل» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بىز مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئالتە دەل جايىدا بولۇش» تەلىپى ۋە «بەش بىر تۈركۈم» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، چېگرا رايونلار ۋە ئېغىر قىيىنچىلىقى بار تاغلىق رايونلاردا نامراتلارنى يۆلەپ روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى قايتا ئىگىلەپ، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى تېخىمۇ جايىدا تاللاشقا ۋە ئارخىپ ئۇچۇرلىرىنىڭ تېخىمۇ چىن ۋە تەپسىلىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت تۈزۈمى بىلەن نامراتلارنى يۆلەپ روناق تاپقۇزۇش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى قىسمەن يوقاتقان نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا قۇربى يەتمەيدىغانلارنى سىياسەت بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈردۇق. چېگرا رايونلارنىڭ بىرىنچى سېپىدە ياشايدىغان ئاھالىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ۋە چېگرا قوغداش ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرانى قوغداۋاتقان نامرات ئائىلىلەردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. 1 مىليارد 560 مىليون يۈەن مەبلەغ غەملەپ، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە 7665 ئائىلىدىكى 26 مىڭ كىشىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق. ئىككى ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئاساسىدا، يەنە بەش ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، 810 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، «13- بەش يىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى باشلىدۇق.
  بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇشلارنى پائال يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردۇق. 13 مىليارد 890 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 300 مىڭ يۈرۈش ئۆي سالدۇق، 191 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدۇق(مەبلەغ غەملىدۇق)؛ 6 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 11 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى ياسىدۇق؛ يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدۇق. شەھەر، يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، قۇربى يەتمەيدىغانلارنىڭ داۋالىنىشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇمىي خەلقنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويدۇق، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخمە سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورناتتۇق. داۋالاش ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ياردەم راسخوتىنى «بىر كۆزنەك»تىلا دەرھال راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئېغىر مېيىپلەرگە كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئورناتتۇق. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش نىسبىتى %100كە يەتتى. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە ساغلاملىق بويىچە مۇلازىمەت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. بۇ تارىختىن بۇيان تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئىش بولدى.
  ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان پەن- تېخنىكا ھەمراھلىق پىلانىنى يولغا قويدۇق. پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىنى يېڭىلىق يارىتىشقا ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن- تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردۇق. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق، نادىر مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى قوللاش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتتۇق. نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. مائارىپنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قۇرۇلۇشى ۋە كەسپىي مائارىپقا يار- يۆلەك بولۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق. شارائىتى ناچار مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق، شەھەر، يېزىلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئورگان كادىرلىرىنى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىش، يېزىلاردا يەسلى مائارىپىنى جىددىي يولغا قويۇش قاتارلىق ئالاھىدە تەدبىرلەر ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدا يەسلى يېشىدىكى بارلىق بالىلارنى مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇن «قوش تىل» بويىچە تەربىيەلەشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ھەممىدىن بۇرۇن يولغا قويۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇردۇق. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالدۇق.
  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى سىجىل ياخشىلاپ كەلدۇق. يېمەكلىك، دورا، نۇقتىلىق مەھسۇلاتلار ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىز ۋە تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەندە ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەر ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق ھەم ئۇنى بىر تەرەپ قىلدۇق. «چىگىش، مۇرەككەپ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى ھەل قىلىش يىلى» پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق.
  5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق
  باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭدىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىدۇر، دەپ تەكىتلىدى.
  بىز مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ماركسىزملىق «بەش قاراش» تەربىيەسى، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» تەربىيەسى ۋە «بەشنى تونۇش» تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تەشۋىق- تەربىيە ۋە ئۈلگە يارىتىش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يېزىلارغا بېرىپ تۇغقانلىشىش، يوقلاش، ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردۇق.
  بىز مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردۇق. مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە ئائىت تەربىيەلەش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق ياراتتۇق ۋە ئۇنى كۈچەيتتۇق، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش- يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلىدۇق.
  6) پاكىز، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلدۇق
  «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. قوغداش داۋامىدا تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات داۋامىدا ئۈنۈملۈك قوغداشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇردۇق. ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇق. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون، دۇنياۋى تەبىئىي مىراس رايونى، داڭلىق سەيلىگاھلار ۋە ئاھالىسى زىچ رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق. كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش، ئورمان يېتىشتۈرۈش ۋە قۇملاشقان يەرلەرنى دائىرىلەپ قوغداش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردۇق. تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا- ئوتلاققا قايتۇرۇش، پاراۋانلىق ئورمانلىرىنى، ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويدۇق. تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىقنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ھەرىكىتىنى باشلىدۇق.
  مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، بۇلغىمىلارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قويۇپ بەرگەن كارخانىلارنى ۋە مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سالدۇق. بۇلغىما قويۇپ بەرگەن نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش سەمىمىيىتىنى باھالاش ۋە ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. «ئاتموسفېراغا دائىر ئون تۈرلۈك تەدبىر» ۋە «سۇغا دائىر ئون تۈرلۈك تەدبىر»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە رايونلىرىنىڭ مۇھىتىنى بىرلىكتە تۈزەش، ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق. سۇ بايلىقلىرىنى نازارەت قىلىش- تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىككىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە كۆپ ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى چىڭىتتۇق. يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى بىرلەشتۈرۈپ تۈزەش ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ بۇلغىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەشنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئەۋلادتىن ئەۋلادقا بەخت يارىتىدىغان چوڭ ئىش. شۇڭا، بىز ياشاش مۇھىتىمىزنى، كۆك ئاسمىنىمىزنى، تاغ- دەريالىرىمىزنى، باغۇ- بوستانلىرىمىزنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشىمىز شەرت! 

7) جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن تېزلەتتۇق
  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست شىنجاڭ خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا. بىز مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، قۇرۇلۇش، مەبلەغ، كەسىپ ۋە ئىختىساسلىقلارغا يار- يۆلەك بولىدىغان بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدۇق. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاراتاش ۋە قارابەل سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى، گۇما ناھىيەسىدىكى ئاقشور سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى، يەكەن- قەشقەر 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، قەشقەر- قەشقەر يېڭىشەھەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ فوتوۋولتلۇق توك چىقىرىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ- چوڭ سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈردۇق. توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى بويىچە «ئۇچقۇن قۇرۇلۇشى»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، باش زاۋۇت بىلەن تارماق زاۋۇتلارنىڭ ماسلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش ئەندىزىسىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئىقتىسادىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك 33 ناھىيە، شەھەر، رايوننى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 27 نامرات ناھىيەدە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدۇق. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىر قاتار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامرات، قالاق قىياپىتىنى تېز ئۆزگەرتىشكە كۈچلۈك تىرەك بولدى.
  8) شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە رولىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇردۇق
  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ خىزمىتىگە، تۇرمۇشىغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلدۇق ۋە غەمخورلۇق قىلدۇق. 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىدىن 1919 نى يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 1854 قۇرۇلۇش يېڭىدىن يولغا قويۇلدى، ياردەم مەبلىغىدىن 14 مىليارد 370 مىليون يۈەن ئەمەلىيلىشىپ، 3 مىليارد 350 مىليون يۈەن ئاشتى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرىدىن 2218 نى يولغا قويۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 218 مىليارد 940 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدۇق. ياردەمگە ئېرىشكەن جايدىكى ئىختىساسلىق كادىرلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، داۋالاش ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا ئۆمەك شەكلىدە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق، ئوخشاش بولمىغان قاتلام ۋە كۆپ خىل شەكىلدىكى باردى- كەلدى، ئالاقە، ئارىلىشىش پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇردۇق، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق.
  9) بىڭتۈەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدۇق
  بىڭتۈەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز بىڭتۈەننىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ۋە تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىنى ئاكتىپ قوللىدۇق. بىڭتۈەن شەھەر- بازارلاشتۇرۇش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مۆلچەرلىنىشىچە، بىڭتۈەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 212 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %9 ئۆپچۆرىسىدە ئاشىدۇ؛ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 180 مىليارد يۈەن ئۆپچۆرىسىدە بولۈپ، %0.8 ئاشىدۇ؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 62 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %13.5 ئاشىدۇ؛ شەھەر- بازارلاردىكى دائىملىق ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %8.5، ئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىدىكى دائىملىق ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %9 ئاشىدۇ؛ 30 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ.
  شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ 5700 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىنى قوغداۋاتىدۇ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى قوللاش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. بىز دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى ۋە ئارمىيە بىلەن خەلق سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇردۇق، دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش ۋە چېگرا مۇداپىئەسى، چېگرا خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىدۇق. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، خەتەردىن ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى.
  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق- كومىتېتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىشچىلارغا، دېھقانلارغا، كادىرلارغا ۋە زىيالىيلارغا، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارغا، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرىگە، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرگە، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر- ساقچىلىرىغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىغا، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق- كومىتېتلىرىغا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ۋە بارلىق كادىرلىرىغا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
  شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئىلگىرىلەش يولىمىزدا ھېلىھەم نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق جەھەتتە دۇچ كەلگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق قۇترىغان مەزگىل، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش كەسكىنلەشكەن مەزگىل، قول سېلىپ تۈزەش تەخىرسىز بولغان مەزگىلدىن ئىبارەت ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىش ۋەزىيىتى تېخى تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىمىز يەنىلا مۈشكۈل ۋە جاپالىق؛ شىنجاڭ مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا ئىقتىسادتا دۇچ كەلگەن سۈرئەتنى ئاشۇرۇشنىڭ خوت ئالماشتۇرۇش مەزگىلى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەخىرسىز مەزگىلى، ئالدىنقى باسقۇچلۇق قوزغىتىش سىياسىتىنى ھەزىم قىلىش مەزگىلىدىن ئىبارەت ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن ئالاھىدە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئىقتىسادنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىمىز جاپالىق ۋە ئېغىر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى- تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىدە، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ناھايىتى زور بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى: نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئېغىر قىيىنچىلىق يۈز بېرىپ، سانائەت سېلىنمىسى ۋە ئەلئارا سېلىنما كۆرۈنەرلىك ئازىيىۋاتىدۇ، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورتى سىجىل تۆۋەنلەۋاتىدۇ، مالىيە كىرىم- چىقىمىدا زىددىيەتلەر گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خىزمەتلىرىمىزدە نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھېلىمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇلار ئاساسلىقى: كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سالمىقى ئاستا، كونا- يېڭى خىزمەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى نىسبەتەن ئاستا، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى پۇختا ئەمەس؛ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇشى قىيىن بولۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى نىسبەتەن ئاستا بولۇۋاتىدۇ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ ۋە نامراتلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر ھېلىمۇ بىرقەدەر گەۋدىلىك؛ داۋالاش، تۇرالغۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت، يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى داۋاملىق كۈچەيتىشىمىزگە ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى ئاجىز بولۇش مەسىلىسى ۋە بىر قىسىم كادىرلارنىڭ ئىستىل جەھەتتە تەلەپچان، ئەمەلىيەتچان بولماسلىق مەسىلىلىرى تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنغىنى يوق. بىز مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلىشىمىز، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە جەزمەن غەلىبە قىلىش جاسارىتى بىلەن ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

   2. 2017- يىللىق خىزمەتلەر

  بۇ يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان يىل، شۇنداقلا 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويىدىغان، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىدىغان مۇھىم بىر يىل.
  بۇ يىلقى خىزمەتلەرگە قويۇلىدىغان ئومۇمىي تەلەپ: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ، 4- ، 5- ، 6- ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش يولغا قويۇش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش، سالماقلىق بىلەن ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن ۋە ھەمبەھرىلىك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ماكرو سىياسەتلەر مۇقىم، مىكرو سىياسەتلەر جانلىق، كەسىپ سىياسەتلىرى دەل، ئىسلاھات سىياسەتلىرى ئەمەلىي، جەمئىيەتكە دائىر سىياسەتلەر مۇكەممەل بولۇشتەك سىياسەت تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش، مۆلچەرلىگەن نىشانغا يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە پائال قاتنىشىش؛ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى سالماقلىق بىلەن ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، كەمتۈكلۈكنى تۈگىتىش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەش؛ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشتىن ئىبارەت.
  ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %50تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %10 ئاشۇرۇش، ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى %3 ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمىنى %5 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش، شەھەر- بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى % 3.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %7.5 ۋە %8 ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
  بۇ يىلقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك:
  بىرىنچىدىن، «بىر باش نىشان»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمىز. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە باشتىن- ئاخىر يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى بۇ باش نىشانغا ھەقىقىي بويسۇندۇرۇش ۋە خىزمەت قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خىزمەتلىرىمىزنى بۇ باش نىشان ئاساسىدا قانات يايدۇرىمىز، پىلانلايمىز ۋە ئىلگىرى سۈرىمىز.
  ئىككىنچىدىن، «بىر ئاساسىي رىتىم»دا چىڭ تۇرىمىز. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي رىتىمدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مۇھىم پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئىقتىسادىي خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلايمىز. جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە، ماكرولۇق سىياسەتتە، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە ۋە بازار كۆزلىمىسىدە مۇقىملىقنى ساقلاشقا كۈچەيمىز، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز، ئىقتىسادنى سالماقلىق بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات ئاساسىدا ياخشىلاپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشنى 1- ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىمىز.
  ئۈچىنچىدىن، «بىر ئاساسىي لىنىيە»نى ئىگىلەيمىز. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى ئاخىرقى نىشان، تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈپ يول قىلىمىز، ئۈنۈمسىز تەمىناتنى ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىناتنى كۆپەيتىمىز، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىمىز.
  تۆتىنچىدىن، «بىر تۇتقا»دىن ياخشى پايدىلىنىمىز. دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىن ئىبارەت تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۇتقىدىن ياخشى پايدىلىنىمىز، «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئىقتىسادنى تەبىئىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش ئاساسىدا سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلىمىز.
  بۇنىڭدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتىمىز:
  1) ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز
  باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش ۋە كۈچەش نۇقتىسى، دەپ كۆرسەتتى. بىز «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»تە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىمىز. قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ۋاقىت ۋە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرىمىز. نۇقتىلىق ساھە ۋە چېگرا رايونلىرىنىڭ مۇداپىئەلىنىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز، شەھەر- بازارلارنى بۆلەكلەرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تىنچ، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز. شەھەر- بازارلاردىكى خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش فۇنكسىيەمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئىللىقلىق ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىمىز.
  كەنتلەردە تۇرۇپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمىز، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز، نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنى تېزلىتىمىز، ئىشنى ئەمەلىي ۋە ياخشى قىلىمىز، ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنىڭ مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرىمىز، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ئورتاق قۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرىمىز!
  2) تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز
  «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش» ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش − ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تۈپ تەدبىرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى. بىز سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچەيمىز، ئۈنۈملۈك سېلىنما دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكنى تۈگىتىشكە تىرىشىمىز، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال ۋە يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئوتتۇراھال ۋە يۇقىرى سەۋىيەگە تېز يۈرۈش قىلىمىز.
  «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز. ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى پائال كېمەيتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى قەتئىي شاللاپ، ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ياخشىلايمىز ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز. ئۆي- مۈلۈك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن شەھەر- بازارلاشتۇرۇش، يېزىدىن يۆتكەلگەنلەرنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرىمىز، تۈرگە ئايرىپ تەڭشەپ ۋە تىزگىنلەپ، شەھەر ۋە جايلارنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئۆي- مۈلۈك بازارلىرىنىڭ سالماق، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. كارخانىلارنىڭ قەرزىنى بازار ۋە قانۇن ۋاسىتىسى بويىچە پايغا ئايلاندۇرۇشىنى قوللاپ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ جۇغلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مۈلكى بىلەن ئىگىدارلىقىدىكى كاپىتالىنىڭ نىسبىتىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىمىز. يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىسىدە سىستېمىلىق خەۋپ كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. باجنى كېمەيتىش، ھەق ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىمىز. تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەۋقە قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، نامراتلارنى يۆلەپ روناق تاپقۇزۇش، جامائەت مۇلازىمىتى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىكنى كۈچەپ تۈگىتىمىز.  

 كونا- يېڭى خىزمەت ئېنېرگىيەلىرىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئالمىشىشىنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ياخشىلايمىز، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى خىزمەت ئېنېرگىيەسىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. «جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ 2025- يىلغىچە بولغان شىنجاڭ ھەرىكەت لايىھەسى»نى يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاپ، ياساش كەسپى بىلەن ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى خىزمەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز. ئالاقە تورى ئاساسىدىكى داۋالاش، ساغلاملىق، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مائارىپ، ساياھەت، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق بەخت- سائادەت يارىتىدىغان كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى خىزمەت ئېنېرگىيەسىنى زورايتىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزنى سۈپەت ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، مەھسۇلات، قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى سالماقلىق بىلەن ئۆستۈرىمىز.
  يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىمىز. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش، تېخنىكا ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇش جەھەتلەردىكى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش فوندى تەسىس قىلىمىز. دۆلەت دەرىجىلىك تەكشۈرۈش مەركىزى، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، چوڭ- چوڭ پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىمىز.
  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتىمىز. مەركەز بېكىتكەن تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىق، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى، ئېنېرگىيە بايلىقى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىسى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ئىجتىمائىي كاپالەت، باھا مېخانىزمى، مەبلەغ سېلىش- مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا ئۇيغۇن بولغان كەسىپ، يەر، پۇل مۇئامىلىسى، مالىيە- باج، مۇھىت ئاسراش، باھا قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىمىز ھەم مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھوقۇقتا، پۇرسەتتە ۋە قائىدىدە باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇپ بېرىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن توسالغۇلارنى تۈگىتىشكە تىرىشىمىز. ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ئىسلاھ قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كۈچەيمىز. بايلىق ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە مەركەز كارخانىلىرىنى يەرلىكتە رويخەتكە ئېلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى قوشۇۋېتىش ۋە قايتا تەشكىللەشكە ئىلھام بېرىمىز. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ سودا سۇپىسى قۇرۇش، ئېلېكتىر سودا بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، توك تەقسىملەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئوخشاش توردا ئوخشاش باھانى يولغا قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەيمىز.
  3) ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز
  ئەمەلىي ئىقتىساد − ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۇلى، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئىقتىسادنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. بىز 1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2- كەسىپنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش، 3- كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى زورايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرىمىز ۋە زورايتىمىز.
  دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى 3- قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە ئائىت سىياسەتلەرنى ئىلمىي تۈزىمىز. ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز كۆلىمىنى تەڭشەش، باغۋەنچىلىك سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى تېزلىتىمىز. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 15 مىليون توننىدا تۇراقلاشتۇرىمىز، كېۋەز تېرىقچىلىقىنى ئەۋزەل رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز، مېۋە- چىۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرىمىز، كۆلەملەشكەن ۋە ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېزا ئىگىلىكىدە ئۇرۇقچىلىق بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. زىيانسىز، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئاشۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، داڭلىق ماركا يارىتىش ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنى كېڭەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى قوللايمىز. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز- ئېرىق ۋە سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى 2 مىليون 400 مىڭ موغا يەتكۈزىمىز.
  سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. نېفىت خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، رەڭلىك مېتال، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، تەييار مەھسۇلات كەسىپلىرى زەنجىرىنى ئۇزارتىمىز. توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، يېمەكلىك پىششىقلاش، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ۋە مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىگە 60 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 100 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز، توقۇمىچىلىق كەسپى بىلەن نېفىت خىمىيە كەسپىنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. يۇقىرى- يېڭى تېخنىكا، ئۇچۇر تېخنىكىسى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياساش، بىيو تېببىي دورىگەرلىك، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۆلەمدىن ئاشقان سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %6، سانائەت تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %5 ئاشۇرىمىز.
  مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. «ساياھەتچىلىكنى تىرىشىپ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش» نىشانى بويىچە، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزىمىز، سەيلىگاھلارنىڭ قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، ساياھەتچىلىكنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز، ئۆزگىچە ساياھەت ماركىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يارىتىمىز، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن 100 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز. ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە شەھەر، يېزىلارنىڭ بازار تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغىچە، مەھەللىلەرگىچە كېڭەيتىمىز. شىنجاڭ بانكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللايمىز، شىنجاڭ مال- مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تىجارىتىنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. كەشىپ قىلىش ۋە لايىھەلەش، ئۈچىنچى تەرەپ ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئىجارىگە ئېلىش، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش مۇلازىمىتى، تەكشۈرۈش، سىناش، دەلىللەش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، كەسىپلەرنىڭ قىممەت زەنجىرىدە يۇقىرى پەللىگە يېتىشىنى تېزلىتىمىز. ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك، ئائىلە مۇلازىمىتى، ساغلاملىق، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئاتچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز، ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىمىز.
  4) ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى زورايتىمىز
  ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى − شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق، شۇنداقلا ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچ. بىز ئىقتىسادنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىشنى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى نەزەردە تۇتۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، كەمتۈكلۈكنى تۈگىتىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سېلىنمىنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈككە 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز.
  قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى تۇتاشتۇرۇش ۋە راۋانلاشتۇرۇش، دۆلەت ۋە ئۆلكە غول يوللىرىنىڭ دەرىجىسىنى ھەم سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېزىلاردا تاشيول ياساپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش بىلەن چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈشنى بىرلىكتە كاپالەتلەندۈرۈش، تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت بەش چوڭ قۇرۇلۇشنى نۇقتىلىق يولغا قويىمىز. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ھەممە ناھىيەگە تۇتاشتۇرۇش، ھەممە يېزىلارنىڭ يوللىرىنى ئاسفالتلاشتۇرۇش، ھەممە كەنتلەرنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تاشيول قۇرۇلۇشىغا 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز. كورلا- گولمۇد تۆمۈريولى، ئاقسۇ- ئارال تارماق تۆمۈريولى، ئالتاي- كۆكتوقاي- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى، قاراماي- چۆچەك تۆمۈريولى قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، بۇنىڭغا 34 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش، شۇنداقلا تاشقورغان ئايرودۇرۇمى، موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى قاتارلىق خەلق ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بۇنىڭغا 14 مىليارد 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز. شىنجاڭدا كەڭ بەلباغلىق تور ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنى ھەرقايسى ساھەلەردە قوللىنىشقا تۈرتكە بولىمىز، چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى بويىچە ئۇنىۋېرسال سىناق رايونلىرىنى قۇرۇشقا 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز.
  سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدا يورۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى، شىمالىي شىنجاڭدا سۇ باشلاش ۋە سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشلىرىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتىمىز، چوڭ، ئوتتۇراھال سۇ ئامبارلىرى قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىمىز. نۇقتىلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى، نۇقتىلىق ئاپەتلىك ئېقىنلار ۋە ئوتتۇراھال، كىچىك ئېقىنلاردىكى مۇھىم بۆلەكلەرنى تۈزەش قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، چوڭ، ئوتتۇراھال سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، يانداش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش ۋە سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، 36 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز.
  شەھەرلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزىلارنى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. چوڭ، ئوتتۇراھال، كىچىك شەھەرلەر بىلەن كىچىك شەھەر- بازارلارنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، شەھەر- بازارلارنىڭ يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سەۋىيەدە تۈزۈپ چىقىمىز. ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، ئوتتۇراھال، كىچىك شەھەرلەرنى، چېگرادىكى پورت شەھەرلەرنى ۋە ئۆزگىچە كىچىك شەھەر- بازارلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرىمىز، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا- بازار قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىمىز. شەھەرلەردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ۋە كونا شەھەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ كوناشەھەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش، ياخشىلاش خىزمىتىنى نۇقتىلىق تېزلىتىمىز. شەھەرلەرنىڭ رېلىسلىق قاتنىشى، شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تونېلى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. شەھەر- بازارلارنىڭ سۇ، پار، گاز بىلەن تەمىنلەش ئۇل ئەسلىھەلىرى، جامائەت قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى، يۇندى ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەيمىز. يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ يېزا- قىشلاقلارغا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىمىز، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مۇھىتى گۈزەل، ئىناق- ئىتتىپاق، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، شىنجاڭچە سوتسىيالىسىتىك يېڭى يېزىلارنى قۇرۇپ چىقىمىز.
  «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. كۆمۈر ۋە نېفىت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى دەسسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ غول ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 750 كىلوۋولتلۇق توك تورىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تۇتاشتۇرىمىز، شەھەرلەرنىڭ توك تەقسىملەش تورى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز. يېزىلارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويىمىز، شامال ئېلېكتىر ۋە فوتوۋولتلۇق ئېلېكتىر قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەش ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشلىرىنى ۋە توكموبىلغا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە 181 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە توك يەتكۈزۈش، توك تەقسىملەش تەننەرخىنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىپ، توك باھاسى تۆۋەن بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكنى شەكىللەندۈرىمىز.
  مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، قاتناش، سۇچىلىق، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ساھەلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىمىز ھەم كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۈنۈملۈك مۈلۈكنى كۆپەيتىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىمىز. PPP ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، سېلىنما فوندلىرىنى كۆپەيتىپ ۋە پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ پىشاڭلىق رولى ۋە يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز. بازار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ توپلاپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، بازار ئارقىلىق يۈرۈشتۈرىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كوناشەھەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەرنى كېڭەيتىمىز.
  ئەل ئىچى مەبلىغىنى پائال زورايتىمىز. كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشىلايمىز، كارخانىلار مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇشلارنى باشقۇرۇشتا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز، بازار ئىجازىتىگە توغرا كەلمەيدىغان كەسىپلەر ۋە ساھەلەرنىڭ قارا تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش تۈزۈمىنى سىناق قىلىمىز، جەمئىيەت مەبلىغىنى جانلاندۇرىمىز ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. خىزمەت تەرتىپىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ھالقىلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈرلەرنى تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قوللاش سىياسىتىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شەرقىي رايونلاردىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئىچكىرىدىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە ئىلھام بېرىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشقا ۋە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىمىز ۋە مەدەت بېرىمىز.
  5) يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز
  قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مايىللاشتۇرۇش» تەلىپى بويىچە، «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ، مەخسۇس يىرىك پىلاننى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتىنى پائال يارىتىمىز. قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.
  قاتناش تۈگۈنى مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ۋە ئۇچۇر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى- سىرتىغا ۋە تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان ئىستېرېئولۇق قاتناش- تىرانسپورت سىستېمىسىنى قۇرۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالىمىز ۋە شارائىت ھازىرلايمىز. ئوتتۇرا ھالقىدىكى ئۆتەڭلىك ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرىمىز، جەنۇب بىلەن شىمالدىكى ئىككى ئۆتەڭ ۋە جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭ چوڭ ئۆتىڭىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. جۇڭگو − رۇسىيە، جۇڭگو − تاجىكىستان، جۇڭگو − قىرغىزىستان ئوپتىك كابېل قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، ئۆلكىلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
  سودا ۋە ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارالىق قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى يۈرۈشتۈرۈش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىمىز، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن سۇپا قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى پائال ئىلتىماس قىلىمىز، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. پورت ۋە باجدىن خالىي بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا سودىسىنى راۋاجلاندۇرىمىز. 2017- يىللىق ئاسىيا − ياۋروپا سودا يەرمەنكىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز.
  ھەرقايسى رايونلاردىكى پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرى، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، مائارىپ مەركەزلىرى ۋە داۋالاش مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز، پۇل مۇئامىلىسى بازىرىنى نۇقتىلىق يېتىلدۈرىمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى شىنجاڭدا تارماق ئاپپارات قۇرۇشقا جەلپ قىلىمىز، خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىغان كەسىپلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىمىز، جۇڭگو − قازاقىستان ساياھەت يىلى پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىمىز، 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى قاتارلىق تۈرلۈك ئالاقە پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرىمىز؛ داۋالاش ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى داۋالاش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىمىز، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.
   6) ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇشلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چىڭ تۇتىمىز
  «خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشقا تەلپۈنۈشى − بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز». ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز، ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، ئىناق ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز!
  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىمىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسىنى قۇرىمىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىمىز ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىنىڭ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان قۇرۇلۇشلارنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورۇنلىرىنى يارىتىمىز. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ تەرتىپلىك ھالدا شەھەردە، ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىچكىرىدە ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىمىز. كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىمىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ جامائەت مۇلازىمىتىنى يېزىلارغا كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىمىز. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان بىر قاتار ھەرىكەت پىلانلىرىنى ۋە سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. شەھەر- بازارلاردا بىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز، 440 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەردىن 2 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. 

مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنى «قوش تىل» بويىچە ئۈچ يىل ھەقسىز تەربىيەلەشنى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇپ، يەسلى يېشىدىكى ھەممە بالىنى ئىللىق، ئازادە مۇھىتتا بەختلىك، خۇشال- خۇرام ياشاش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەردىن ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلىرىنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى تولۇق ئومۇملاشتۇرىمىز. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىمىز. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز.
  داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز، ئاھالىنىڭ ساغلاملىق ئارخىپىنى تۇرغۇزىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېزا- كەنتلەردىكى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىلغان داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، يېزا- بازارلىق دوختۇرخانىلار ۋە كەنت شىپاخانىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، مەھەللىلەردىكى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە پىلانلىق ئېممۇنىتېتلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز، داۋالاش ساھەسىدە ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەيمىز.ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۈرلۈك سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %95تىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىمىز. ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ «ھەممىباب كارتا» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. ئۆلكە ھالقىپ داۋالىنىشتا بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىمىز. داۋالىنىش ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرىمىز. بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلار ئىچىدىكى ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلاردىن ئىختىيار قىلغانلارنى يىغىپ بېقىش- قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىمىز.
  ئەمىن ئۆي ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، 300 مىڭ دېھقان- چارۋىچىنى ماكانلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز. شەھەر- بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز، شەھەرلەردىكى ۋە زاۋۇت، كان- كارخانىلاردىكى كەپىلىك رايونلارنى، كونا شەھەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتىمىز، شەھەر- بازارلاردا 298 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئوتتۇراھال، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىمىز.
  مېھىر- شەپقەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىدىن 550 مىڭ كىشىنى تۇرۇبا سۈيى ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. كىچىك شەھەر- بازار(مەركىزىي كەنت)لارنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈچ فازىلىق توكنى ھەممە كەنتكە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. يېزىلاردا 15 مىڭ كىلومېتىر تاشيول ياسايمىز. 8634 كەنتتە پوچتا پونكىتى قۇرىمىز، %75 مەمۇرىي كەنتكە ئوپتىك كابېلنى تۇتاشتۇرىمىز.
  چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. مالىيە مەبلىغىنى چېگرا رايونلارغا يۆتكەپ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز، چېگرا رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايمىز. چېگرا رايونلاردىكى نامرات ئاھالىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز.
  بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، ياردەم بېرىش- قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، تاسادىپى ۋەقەلەرگە تېز تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرىمىز. يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش جەريانىنى تولۇق سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا چوڭ، زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قاتتىق توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
  7) نامراتلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز
  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىمىز، «ئالتىدە دەل بولۇش» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا «بەش بىر تۈركۈم» يولىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، سىياسەت، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 590 مىڭ نامرات نوپۇس ۋە 800 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئون نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك.
  نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئۇنى يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى، كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرىمىز، نامرات ئاھالىنى مەركىزىي شەھەرلەرگە، كىچىك شەھەر- بازارلارغا ۋە قاتناش قولاي رايونلارغا كۆچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆچۈپ چىقىشىغا، بارغان يېرىدە مۇقىم ئولتۇراقلىشىشىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ۋە بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان 83 مىڭ 900 نامرات نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنى تاماملاپ، يىرىك پىلاندىكى ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئورۇندايمىز.
  نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلارغا يار- يۆلەك بولۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋە مۇقىم بولغان بېيىش يوللىرىنى ئېچىپ بېرىشتە نامايان قىلىمىز. ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شەكىلۋازلىقتىن، ساختىپەزلىكتىن ۋە نامراتلارنى «سان بىلەنلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇۋېتىش»تىن قەتئىي ساقلىنىمىز. ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن نامراتلارنى يۆلەشكە ئاجرىتىلىدىغان مەخسۇس مەبلەغ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مالىيە مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشىگە مەدەت بېرىمىز. نامراتلارغا يار- يۆلەك بولۇش بىلەن ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بېيىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، نامراتلارغا يار- يۆلەك بولۇشنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز.
  8) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز
  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدۇر»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى» دەپ كۆرسەتتى. بىز مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن- ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىلگىرىلىشى ۋە ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر تەشۋىق- تەربىيەنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەشكە، «بەشنى تونۇش» ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە يېتەكلەيمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە بەرپا قىلىش، ئىلغارلارنى تەقدىرلەش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلار ۋە ئىش- ئىزلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلاردىن بولىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىمىز.
    باش شۇجى شى جىنپىڭ: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ئۆزئارا سىرداشلاردىن بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا سەمىمىي بولۇش ھەممىدىن مۇھىم»، دەپ تەكىتلىدى. بىز «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز، تۇغقانلىشىش، باردى- كەلدى قىلىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئارزۇ- ئىستەكلىرىنى ئىگىلەيمىز، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىمىز، قانۇن- نىزام بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يېتەكلەيمىز. ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئالاقىسى ۋە باردى- كەلدىسى ئارقىلىق، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، كۆڭۈل رىشتىمىزنى چىڭ باغلايمىز. پائال شارائىت ھازىرلاپ، مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز، مىللەتلەرنىڭ باردى- كەلدىسى، ئالاقىسى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆگىنىشتە، تۇرمۇشتا، خىزمەتتە بىللە بولىدىغان، بىر- بىرىنى سىغدۇرىدىغان، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان يېپيېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرىمىز.
  پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز، ئۆرپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىمىز، دىنىي بىلىملەرنى توغرا ئىگىلىشىنىڭ قانۇنلۇق يوللىرىنى پۇختا كېڭەيتىمىز. دىنىي پائالىيەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىمىز، دىننى سوتسىيالىزىم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەيمىز. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنىي قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تۈزەيمىز. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، دىنىي تونغا ئورۇنىۋېلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىمىز.
  9) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز
  «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش − ھازىرغا تۆھپە، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ». «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق − ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق − ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا ئېغىشماي ماڭىمىز، مۇھىت ئاسراشقا پارتكوم بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھەقىقىي قوغداپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىمىز.
  ئېكولوگىيەنى قوغداشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىمىز. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ يىرىك پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىشنى تېزلىتىمىز، ئېكولوگىيەنى قوغدايدىغان ۋە ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى تىزگىنلەيدىغان ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويىمىز. بازار ئىجازىتىگە توغرا كەلمەيدىغان كەسىپلەر ۋە ساھەلەرنىڭ قارا تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز. ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى بېكىتىپ، «كۆپ خىل يىرىك پىلاننى بىرلەشتۈرۈش»نى سىناق قىلىمىز. مەڭگۈلۈك قارلىقلار، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش مۇھىم رايونلىرى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونلىرى، دۇنياۋى تەبىئىي مىراس يەرلەر، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى ۋە مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنى مەجبۇرىي قوغدايمىز. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەبىئىي ئورمان بايلىقىنى قوغداش، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش، تېرىلغۇدىن ئورمان- ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز. قۇلۇستاي يايلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىبنۇر كۆلى، ئايدىڭكۆل، سايئوپا كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ۋە مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، باغ- باراڭلاشقان ۋە پاكىز شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ پاكىز، گۈزەل شەھەر، يېزا مۇھىتىنى يارىتىمىز.
  سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويىمىز. «سۇ بېشى تۈزۈمى»نى پائال يولغا قويۇپ، دەريالار، كۆللەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىمىز. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى «ئۈچ قىزىل سىزىق»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئىچىملىك سۇنى قوغداش تۈزۈمى ۋە سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىمىز، چوڭ- چوڭ يىرىك پىلان، قۇرۇلۇشلاردا سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە قوغداش بويىچە دەلىللەش تۈزۈمىنى كۈچەيتىمىز. سۇ باھاسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، سۇ ھوقۇقى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىش، سانائەت كېرەكسىز سۇلىرىدىن قايتا ۋە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش، شەھەر- بازارلاردىكى تازىلانما يۇندىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز. سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن رايونلاردا تېرىقچىلىقنى توختىتىش، سۇ تېجەش، بىنەم ئېچىشنى چەكلەش ۋە سۇ ئېلىش- ئېچىش قۇرۇلۇشلىرىنى يېڭىدىن تەستىقلاشقا چەك قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قەتئىي يولغا قويىمىز.
  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇلغىمىنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز. بۇلغىما چىقىرىشنى تىزگىنلەش بويىچە ئىجازەتنامە تۈزۈمى، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئىشلىتىش ۋە سودىلىشىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. قېزىلما بايلىق قازىدىغان كارخانىلارنىڭ مۇھىتنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويىمىز. ئۈرۈمچى- سانجى رايونلىرىنىڭ مۇھىتىنى بىرلىكتە تۈزەش، تەرتىپكە سېلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. تۇپراقنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، نۇقتىلىق بۇلغانغان ئورۇنلارنى بىرلىكتە تۈزەش ۋە تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى يولغا قويىمىز. بىيو ئېرىشچان يوپۇق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، سۇ بولغىنىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تىزگىنلەيمىز. كاربون سودا بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىش نورمىسىنى تەقسىملەش ۋە كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودىسىنى قانات يايدۇرىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات فوندىنى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كاربون Ⅳ ئوكسىدنى ئازايتىش ۋە يېشىل ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە نىشانلىق باھالاشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات بويىچە ئۇنىۋېرسال باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يارىتىش داۋامىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %2.1، ھەر بىرلىك بويىچە كاربون Ⅳ ئوكسىد قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى %2.5 تۆۋەنلىتىمىز. مۇھىت ئاسراشتا بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزۇش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. مۇھىتقا دائىر ئەرز- شىكايەت دېلولىرى ۋە زىددىيەت- ماجىرالارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ مۇھىت جەھەتتىكى ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز.
  10) جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتىمىز
  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھماتنىڭ كۆزى»، دەپ كۆرسەتتى. بىز جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ «شاھمات كۆزى»نى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرىمىز.
  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. سۇچىلىق مەركەز قىلىنغان ئېتىز- ئېرىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ ئامبارلىرى، چوڭ سۇغىرىش رايونلىرى، سۇ تېجەش قۇرۇلۇشلىرىنى ئۆزگەرتىش، دەريا ئېقىنلىرىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى سۇ بايلىقى قىس بولۇش ئەھۋالىنى ياخشىلايمىز؛ تېرىلغۇ يەرلەرنى رەتلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. قاتناش باشلامچى قىلىنغان چوڭ- چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىمىز. بىر تۈركۈم تاشيول، تۆمۈريول ۋە ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تۈرىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قاتناش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا توك قىس بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرىمىز.
  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. 2020- يىلىغا بارغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭدا 100 ئۆزگىچە كىچىك شەھەر- بازار يېتىلدۈرۈش، 1 مىليون دېھقان- چارۋىچىنى شەھەرلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش نىشانىغا ئاساسەن، سىناق قىلىنىدىغان 33 يېزا- بازارنىڭ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق تۇتىمىز، پىلانلاش، كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، ئاھالىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدا ۋىلايەتنى شەھەرگە، ناھىيەنى شەھەرگە، يېزىنى بازارغا ئۆزگەرتىش ھەمدە يېزا ئاھالىسىنى ناھىيە بازىرىغا، يېزا- بازارلارغا ۋە سانائەت رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پائال، سالماق ئىلگىرى سۈرىمىز.
  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. ئۆزگىچە سەيلىگاھ، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە يىپەك يولىدىكى مول مەدەنىيەت بايلىقىغا تايىنىپ، ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ساياھىتىنى ئاساس قىلغان شەھەر- بازارلارنى، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتىنى ئاساس قىلغان يېزا، كەنتلەرنى ۋە داڭلىق ساياھەت، مەنزىرە رايونلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى پەيدىنپەي ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە ساياھەت مەنزىلىگە ئايلاندۇرىمىز. ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكىمىزگە تايىنىپ، جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىنى مۇھىم سەھنە قىلىپ، كەسىپلەرنى توپلاش ۋە ئېچىۋېتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، قەشقەرنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تۈگۈن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىمىز ۋە تۈرتكە بولىمىز. توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئارال تەرەققىيات رايونى، ساۋخۇ كەسىپلەر رايونى قاتارلىق توقۇمىچىلىق رايونلىرىنى قۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرىمىز. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنى زورايتىمىز ۋە يۈكسەلدۈرىمىز، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئاچىمىز. مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى، ئۆزگىچە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. شەھەر، يېزىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. نەسىللىك قوي يېتىشتۈرۈش، ئوت- چۆپ تېرىش ۋە پىشىشقلاش ھەمدە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چارۋىچىلىقى ۋە ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرىمىز.
  كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تۈگىتىمىز. مائارىپ سۈپىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش − جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىدىكى ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 15 يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى بارلىق ياشلار، بالىلارنى ئوقۇتىمىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» مائارىپى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى پىلانىنى باشلايمىز؛ پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىدىن 2200نى ھەقسىز نىشانلىق تەربىيەلەيمىز. توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىدە «ئۇچقۇن قۇرۇلۇشى»نى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مىللىيچە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يۆلەيمىز. توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرى توپى ۋە كەسىپتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە كىچىك بازارلار سىنىقىنى قانات يايدۇرىمىز؛ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان قۇرۇلۇشلارنى ياخشى يولغا قويىمىز؛ مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى، ئۆزگىچە يېمەكلىك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئەمگەك كۈچلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ جاينىڭ ئۆزىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ۋە سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نامراتلارغا ھەمكارلىشىپ يار- يۆلەك بولۇش خىزمىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى تەشكىللىك ھالدا ئىچكىرىدە ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە، شەھەرلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىمىز. شەھەر، بازارلاردا 110 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 1 مىليون 500 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكى مەسىلىسىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئەڭ زور چەكتە يېنىكلىتىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا رايون تەرەققىيات پىلانى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىرىك پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىمىز. سۇ، توك، يول، گاز، ئۆي قاتارلىق جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىمىز.

 11) جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز
  جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش − جەمئىيەتنىڭ باراۋەر، ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى بەخت- سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. بىز يېڭى ۋەزىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچى قىلىپ، ئىدىيە، تۈزۈم، مېخانىزم ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.
  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى ھەققىدىكى تەشۋىق- تەربىيەنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنى، ۋەتەننى ۋە سوتسىيالىزمنى سۆيۈشكە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەيمىز. ھەر ساھەدە مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە كىشىلىك پەزىلەت قۇرۇلۇشىنى ئەتراپلىق ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، سودا ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز.
  مەمۇرىي كەنت(مەھەللە)لەرنىڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، ئاساسىي قاتلامدا مىللىي ئۆزگىچىلىككە ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايمىز. نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، «ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەتنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىل- يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى قانۇن بويىچە ئىلمىي قوغدايمىز. دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسى، مەدەنىيەت قورۇسى، يېزىلاردا كىنو قويۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىلىم- پەن ساپاسىنى ئۆستۈرىمىز. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرىمىز. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسى، ماھارەت تەنتەربىيەسى بىلەن تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
  7- بەش يىللىق قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز. كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئاساسىي قاتلامنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرىمىز. پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرغانلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالايدىغان ۋە ئىبرەت قىلىدىغان ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئورنىتىمىز. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. مەھەللىلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتتىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلار ھەمتۈرتكە بولۇش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللىلەرنىڭ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. تور باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە چىڭىتىپ، تور ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. كۆچمە ئاھالىگە ۋە ئاجىزلارغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز. ئامانلىق ساقلاش بويىچە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىمىز. ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئەتراپلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەسىدىن ئازايتىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز.
  12) بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز
  بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تىكلەپ، بىڭتۈەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاش − بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. بىز بىڭتۈەننىڭ خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئورۇنغا قويىمىز، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ۋە ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پائال شارائىت ھازىرلايمىز.
  بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىغا دائىر ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللاپ، تەرەققىياتتىكى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتىمىز. بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى، رولىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايمىز.
  بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىڭتۈەننىڭ شەھەر- بازارلاشتۇرۇش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قوللايمىز، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللايمىز، بىڭتۈەننىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللايمىز، شى، تۈەنلىرىنى شەھەر- بازارغا ئۆزگەرتىشىنى، شى بىلەن شەھەر بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللايمىز. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى ماسلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش ۋە چوڭ- چوڭ مەسىلىلەردە كېڭىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئىختىساسلىق كادىرلار ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتتىكى يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايوننى بىرلىكتە ساقلاش، ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئىلغارلىق بەرپا قىلىش، بايلىقتىن تەڭ پايدىلىنىش، ئۈستۈنلۈكنى ئۆزئارا تولۇقلاش، مەدەنىيەت جەھەتتە ئارىلىشىش ۋە ئورتاق گۈللىنىشتەك جانلىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز.
  بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى قوللايمىز. بىڭتۈەننىڭ يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايمىز.
  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر خىزمەتلەرنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بايلىقىدىن تولۇق ۋە ياخشى پايدىلىنىمىز، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى تۈرىنى ئاساسىي قاتلامغا، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مايىل قىلىپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. داۋالاش ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلار ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ «ئۆمەك شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى جايلارنىڭ ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باردى- كەلدىسى، ئالاقىسى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئۆزئارا پايدا- مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە پايدا ئېلىش ئاساسىدا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال قوللايمىز.
  دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز. دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىمىز، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز. قىسىمغا پائال ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمىز، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز. قوش ھىمايە قىلىش بويىچە ئورتاق ئۈلگە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرىمىز، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ قوش ھىمايە قىلىش بويىچە ئورتاق ئۈلگە بەرپا قىلىش ئىشلىرىدا بىرلىكتە يېڭى سەھىپە ئاچىمىز.

    3. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز

  ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلدۇق. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيە پائالىيىتىنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلىدۇق. تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىناۋىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنلۇق نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، يەرلىك نىزام لايىھەسىدىن يەتتىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق، ھۆكۈمەت قائىدىسىدىن تۆتنى ئېلان قىلدۇق. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق. مەمۇرىي مۇرەسسە دېلوسىدىن جەمئىي 87 مىڭنى بىر تەرەپ قىلدۇق، مۇرەسسەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %94.1 بولدى. «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئەتراپلىق ئىلگىرى سۈردۇق، ھوقۇق تىزىملىكى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈمى ھەمدە مەمۇرىي ئىجازەت ۋە مەمۇرىي جازا ئۇچۇرلىرىنى «قوش ئاشكارىلاش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق 52 تارماقنىڭ 2569 تۈرلۈك مەمۇرىي ھوقۇق تىزىملىكى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئېلان قىلدۇق، 1284 ھوقۇق تۈرىنى قىسقارتتۇق. مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇقىدىن يەنە 24نى بىكار قىلدۇق ۋە تۆۋەنگە بەردۇق. ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ جامائەت بايلىقى سودا سۇپىسىنىڭ 1- قارارلىق ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىشقا دائىر تۈرلەرنى توردا تەستىقلاشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئىستاتىستىكىلاش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتتۇق. كەسىپتىكى ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىش، قانۇن ئىجراسىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردۇق، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ تۈرلۈك تۈزەش» خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇردۇق. «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى» قاتارلىق جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى سۇپىسىغا تايىنىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان زور بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدۇق.
  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، خىزمەتلىرىمىزدە يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا تېخى تولۇق ماسلىشىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ، قىسمەن تارماقلاردا «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك، تەڭ قەدەمدە بولماسلىق، ماسلاشماسلىق مەسىلىلىرى ساقلانماقتا؛ بەزى جايلار، تارماقلاردا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە خىزمەت ئىستىلى جايىدا بولماسلىق، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىشلىمەسلىك مەسلىلىرى ھېلىھەم مەۋجۇت؛ ئايرىم تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس، خىزمەتنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز؛ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئاز ساندىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تۈپ مەقسەت ئېڭى ۋە ئاممىۋى قارىشى ئاجىز بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايدىغان، قالايمىقان ئىش قىلىدىغان، خىزمەتتە ھۇرۇنلۇق قىلىدىغان، سۇسلۇق قىلىدىغان ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. بۇ مەسىلىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر داۋامىدا نۇقتىلىق ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
  خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە خەلقنى رازى قىلىش − ھۆكۈمەت خىزمىتىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك چىن ئەقىدە. بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ۋە سەۋىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىمىز.
  1) پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بىز ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشتىكى يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى ۋە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىش كۆرىمىز، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قانات يايدۇرىمىز، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەتنى پۇختا تۇرغۇزىمىز، خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە نامايان قىلىمىز. ھەر مىللەت خەلقنى باشتىن- ئاخىر قەلب تۆرىمىزگە قويۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، قوغدايمىز ۋە زورايتىمىز.
  2) قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشقا كۈچەيمىز. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرىمىز، ئاڭلىق ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلايمىز، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز. مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە تەرتىپ بويىچە قاتتىق ئادا قىلىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن جەھەتتىكى نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىمىز، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز، خەلق ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا بېجىرىمىز. جامائەت پىكرى ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ نىزام چىقىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئىلمىي، دېموكراتىك ۋە قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ- چوڭ مەسىلىلەردە كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەش، مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراش، جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش ۋە ئىسپات ئاڭلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ئىزدەش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، قائىدە – نىزام، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت ۋە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايمىز.
  3) ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىمىز. «مەمۇرىي ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئەتراپلىق ئىلگىرى سۈرىمىز. بازار ۋە جەمئىيەتكە بېرىشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى تولۇق، جايىدا بېرىمىز، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جەزمەن ياخشى، جايىدا باشقۇرىمىز. ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، قاراشنى يەنىمۇ يېڭىلاپ، ئېچىۋېتىش ئېڭى، ئىسلاھ قىلىش ئېڭى ۋە بازار ئېڭىنى كۈچەيتىمىز، «ھۆكۈمەت ھەممىگە قادىر» دەيدىغان قاتمال قاراشنى قەتئىي تۈگىتىمىز. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىمىز. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەھۋالدا بازار مېخانىزمىغا تايىنىپ ھاياتىي كۈچىمىزنى ئۇرغۇتىمىز، تۈرتكىنى ئاشۇرىمىز. مەمۇرىي تەستىقلاش، مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش، كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش ۋە كېڭىشىش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تەستىق تۈرىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، تەستىق تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز. «كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر كىنىشكىدا بىر كود بولۇش»تەك تىزىملاش تۈزۈمى سىنىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «بەش گۇۋاھنامىنى بىرلەشتۈرۈش» دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. «ئىككىدە ئىختىيارىي بولۇش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىختىيارىي تەكشۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتتىن مۇلازىمەت سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سىنىقىنى يولغا قويىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە جامائەت بايلىقى سودا مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىمىز. كارخانا ۋە ئاممىغا «بىر كۆزنەكتە ئىش بېجىرىش»، پۈتۈن جەريان بويىچە مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويىمىز. «ئىسپات- رەسمىيەتلەرنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسپات ۋە رەسمىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىغا ۋە كارخانىلارغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىمىز.
  4) راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. مۇلازىمەت قىلىشتا، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشتا، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرىمىز. «ئەمەلىي ئىشلىگەنلەرنى قەدىرلەيدىغان، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان» كەيپىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئەۋج ئالدۇرىمىز. دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇل بولۇپ، قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، نۇقتىلىق خىزمەت ۋە چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قاتلاممۇ قاتلام تەقسىملەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىمىز. كەسپىي تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۈشىنىش، ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز. راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز، ئاساسىي قاتلامغا، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيمىز. ساختىپەزلىك، كۆپتۈرمىچىلىك، شەكىلۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىق، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپچىلىق، قۇرۇق گەپ سېتىش، قائىدە بويىچە ئىش قىلماسلىق، لەيلەپ يۈرۈش، ئىككى يۈزلىمىچىلىكنى قاتتىق تەرتىپكە سالىمىز. ئىستاتىستىكىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. نازارەت قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقايمىز ۋە ھەل قىلىمىز. نازارەت قىلىش جەريانىدا بايقالغان كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك مەسىلىلىرىدە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ھۇرۇنلۇق، سۇسلۇقنى قەتئىي تۈزەيمىز.
  5) قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتىمىز. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيە پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەيمىز. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئىقتىسادچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئىشلاردا ئاددىي- ساددا بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ تۈرلۈك خىراجىتىنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز، مەمۇرىيەت تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىمىز. مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشكە بولغان نازارەتچىلىك ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ۋە مەمۇرىي ھوقۇققا بولغان چەكلىمىنى كۈچەيتىمىز. ھوقۇق بولغان يەردە جەزمەن مەسئۇلىيەتمۇ بولىدىغان، ھوقۇق بولغان يەردە مەسئۇلىيەتنى جەزمەن ئۈستىگە ئالىدىغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلانغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى جەزمەن سۈرۈشتۈرىدىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭمۇ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغان تۈزۈم ۋە مېخانىزمنى شەكىللەندۈرىمىز. «ئۈچ تۈرلۈك تۈزەش»نى ئەتراپلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىكنى قىلچە كەچۈرمەسلىك پوزىتسىيەسى بىلەن جازالاپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى ۋە ئاممىنىڭ كۆزىچە يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پاك، دۇرۇس سىياسىي ئېكولوگىيەنى بارلىققا كەلتۈرىمىز.
   ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر!
  بىز يېڭى بىر يىلدا دۇچ كېلىدىغان ۋەزىپىلەر مۈشكۈل ھەم ئېغىر، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت زور ھەم شەرەپلىك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ- قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، ئىلغار ۋە خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ