سېنتەبىر 19, 2024
Uyghurlarda-gul-ve-medeniyet

Uyghurlarda-gul-ve-medeniyet

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قايسى يېرىگىلا بارساق، ئومۇمەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ھويلىسىدا، ئائىلىسىدە گۈل ئۆستۈرىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆستۈرىدىغان گۈللەرنىڭ ئىچىدە قىزىلگۈل ۋە ھەر خىل رەڭدە ئېچىلىدىغان ئەتتىرگۈللەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر قىز- چوكانلىرى چېكىسىگە ياكى مەيدىسىگە گۈل تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ، گۈل ئۇلارغا زىننەت بېغىشلايدۇ، گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ. بالىلار ۋە يىگىتلەر مەيدىسىگە گۈل تاقىۋېلىپ كۆڭۈل شادلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شەھەر- بازارلاردا تىجارەتچىلەر دۇكىنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە تەشتەكلىك گۈللەرنى قويۇپ قويىدۇ. ئوقەتچىلەر ھارۋا، غالتەكلىرىنىڭ ئۈستىگە گۈللەرنى قاداپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ كۈزەتسەك، بالىلارنىڭ ئۇستازىنى ھۆرمەتلەپ گۈل تەقدىم قىلىۋاتقانلىقىنى، كېسەل يوقلىغاندا گۈل كۆتۈرۈپ كىرىدىغانلىقىنى، يىگىت- قىزلارنىڭ بىر- بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىپ سۆيگۈ- مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشىۋاتقانلىقىنى، توي- تۆكۈن، ھېيت- بايرام، مەشرەپ، تەنتەنىلىك يىغىلىش سورۇنلىرىدا ئەزىز مېھمانلارغا گۈل تەقدىم قىلىنىۋاتقانلىقىنى، تويى بولغان قىز- يىگىتلەرنىڭ باشلىرىدىن گۈل چېچىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەم ئىسىملىرىنىڭ بېشىغا ياكى ئاخىرىغا گۈلنى قوشۇپ ئاتايدىغانلىقىدىنمۇ گۈلنى نەقەدەر ئەتىۋارلايدىغانلىقىنى، ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. قومۇل، تۇرپاندىن ئۈرۈمچى، غۇلجىغىچە، كورلىدىن قەشقەر، خوتەنگىچە قايسىبىر يۇرتقا بارساق، ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىسمىغا ‹‹گۈل›› قوشۇلۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، گۈلخان، گۈلقىز، گۇلباھار، گۈلنىگار، گۈلسۈم، گۈلنىسا قاتارلىقلار.

ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلنى سۆيۈش ئەنئەنىسىنى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ كەشتىچىلىك قول سەنئىتىدىمۇ روشەن كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى بۆك، دوپپىلارغا، قول ياغلىق ۋە باش ياغلىقنىڭ چۆرىلىرىگە ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرىنى چىۋەرلىك بىلەن كەشتىلەيدۇ. ئاياللار كۆڭلەك، كوپتا، يوپكىلارنىڭ يەڭ، ياقا، ئېتەك، پەشلىرىگە ھەر خىل نەقىش، گۈللەرنى كەشتىلەپ ئۇلارنى تېخىمۇ چىرايلىق رەڭدار قىلىۋېتىدۇ. بۇرۇنلاردا قىزلار يىگىتلەرگە چىرايلىق گۈل كەشتىلەنگەن تاماكا خالتىسى، پوتا، قول ياغلىق تىكىپ بېرىپ ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلاتتى. ئاياللار ھازىرمۇ ياستۇق قېپى، ياغلىق، لۆڭگە، يوتقان قاپلىرىغا گۈل نۇسخىلىرىنى كەشتىلەيدۇ. شەھەر- يېزىلاردا بوۋاقلارنىڭ ئىشتان پايپاقلىرىغا گۈل كەشتىلەنگىنىنى كۆپرەك ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مىڭ يىللاردىن بۇيان، گىلەملەر، كىگىزلەرگە ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ماھىر ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەن، بىناكارلىرى ئۆي ئىمارەت تاملىرى، بىنا پېشايۋانلارنىڭ تۈۋرۈكلىرى، تورۇس، ئىشىكلەرگە ھەمدە ئىشكاپ، ساندۇق قاتارلىق ئۆي جاھازىلىرىغىمۇ كۆركەم گۈل نۇسخىلىرىنى چۈشۈرىدۇ. تۇرپاندىكى 1777- يىلى ياسالغان ئىمىن ۋاڭ مۇنارى خىشلارنى گېئومېتىرىك شەكىلدە كىرىشتۈرۈپ تىزىش ئارقىلىق ئون ئالتە خىل گۈل نەقىش چىقىرىلىپ سېلىنغان. بۇ مۇنار ھازىرمۇ مەملىكەت ئىچى ۋە چەتئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەكلىرىگە نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولغان نان، توقاچلارنىڭ چىرايلىق گۈل چىقىرىلىپ پىشۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار پىشۇرغان پىچىنە- پىرەنىكلەرمۇ شۇنداق. ئۇيغۇرلارنىڭ نان، توقاچ، پېچىنە- پىرەنىكلىرىگە گۈل چىقىرىپ پىشۇرۇشى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.

قىسقىسى، ئۇيغۇرلار قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا گۈلنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن. ھازىرمۇ شۇنداق. ئۇلار تۇرمۇشىدا گۈلدىن ئايرىلالمايدۇ. گۈل ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن. شۇڭلاشقا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى بولغان ئۇيغۇر ناخشا، قوشاقلىرى، داستان، رىۋايەت، چۆچەكلىرىدە گۈل ياخشىلىقنىڭ، گۈزەللىكنىڭ، ۋىسال شادلىقنىڭ، بەخت- سائادەتنىڭ، چىن سۆيگۈنىڭ سىمىۋولى بولۇپ كۈيلەنگەن.

دەرەخنىڭ يىلتىزى، سۇنىڭ مەنبەسى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىكىلىق قارىشىدا گۈل ھۆرمەت- ئېھتىرامنىڭ، خوشاللىق ۋە بەخت- سائادەتنىڭ، گۈزەللىك ۋە پاكلىقنىڭ، ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقنىڭ، ئەركىن مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇ خىل قاراش تاسادىبىي ياكى يېقىنقى مەزگىللەردىلا شەكىللەنگەن بولماستىن، بەلكى نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا پەيدىنپەي شەكىللىنىپ، ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان.

تارىختا ئۇيغۇرلار ئوۋچلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاپ ئاۋۇغان. ئۇلار تىرىكچىلىك قىلغان تەڭرىتاغ، ئالتاي ئېتەكلىرى، ئۇرخۇن، سېلىنگا دەريا بويلىرى، جۈملىدىن تارىم، ئىلى دەريا بويلىرى، تۇرپان ئويمانلىقى ئەتىيازدىن باشلاپ كۆزگىچە بولۇق، ئېگىز ئۆسكەن ئوت- چۆپلەر، رەڭگارەڭ گۈل- چېچەكلەرگە پۈركىنىپ سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ئادەمدە ئاجايىپ شېرىن، نازۇك ھېس تۇيغۇلارنى قوزغىماي قالمايدۇ.

ئۇيغۇرلار ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا ھاياتلىقنىڭ يارقىن سىماسى بولغان يېشىل ئوت- چۆپلەر، گۈل چېچەكلەر ئۈستىدە تۇغۇلغان، ئۇلارنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىپ تۇنجى كۆرگىنى گۈل- چېچەكلەر بولغان. ئۇلار گۈل- چېچەكلەر ئىچىدە ياشاپ ئۆسۈپ يېتىلگەن. بۇنداق تەبىئىي شارائىت ۋە ياشاش مۇھىتى ئۇلارنىڭ پېسخىك ئېڭىدا مۇقەرەر ھالدا يېشىللىقنى، ئوت- چۆپلەر، بولۇپمۇ گۈلنى ياخشى كۆرۈشنى پەيدا قىلغان. بۇنداق پىسخىك ئاڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشقان ۋە تۇراقلىشىپ پۈتكۈل مىللەتنىڭ گۈزەللىكنى سۆيۈش ئەنئەنىۋى ئادىتى بولۇپ شەكىللەنگەن.

ئۇيغۇرلار كېيىنچە پەيدىنپەي مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان تارىخىي دەۋردىمۇ گۈل- گىياھلارنى ياخشى كۆرۈش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ تېخىمۇ بېيىتقان. گۈلنى ئۇيغۇرلار ئۆز تۇرۇمۇشىدا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدىغان مۇھىم ۋاستە قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پاك سۆيگۈ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشتىلا گۈلنى ۋاستە قىلماي، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ دەرت- ئەلەم، قايغۇ- ھەسرەت، مۇسىبەت تەزىيىسىنىمۇ گۈل ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. مەسىلەن، «تاھىر- زۆھرە» داستانىدا تاھىر قارا باتۇر تەرىپىدىن يارىدار قىلىنىپ ئۆلگەندىن كېيىن، چىن مۇھەببىتىگە سادىق ۋاپادار زۆھرەمۇ ئۆلۈمنى تاللىۋالىدۇ. كىشىلەر بۇ ئىككى ئاشق- مەشۇقنىڭ قەبرە بېشىغا گۈل تېرىيدۇ. بۇ گۈللەردىن بىر جۈپ قىزىلگۈل ئېچىلىدۇ.

تۇرپان ئاستانا قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن 21- نومۇرلۇق قەبرىنىڭ جەسەت ئۆيىنىڭ ئىچكى تاملىرى ھاك بىلەن ئاقارتىلىپ ھەر خىل گۈللەر ۋە قۇشلارنىڭ رەسىملىرى سىزىلغان. بىز بۇنىڭدىن شۇ زاماندىكى ئادەملەرنىڭ قەبرە بېشىغىمۇ گۈل تېرىپ قويىدىغانلقىىنى جەزىم قىلالايمىز.

1983- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرياتى نەشر قىلغان ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقىلىرىدىن تاللانما›› ناملىق كىتابنىڭ باش قىسىدىكى سۈرەتلەرگە ۋە 2- بېتىدىكى مەڭگۈ تاش رەسىمىگە قارىساق، مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىنىڭ ناھايىتى كۆركەم گۈل نۇسخىلىرى ھەم نەقشلەر بىلەن بېزەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

تۇرپان ئاستانە ئالتۇنلۇق قەبرستانلىقىدىكى 1778- يىلى ئەتراپىدا لۈكچۈنلۈك تېيىپ ئۇستا ۋە ئۇنىڭ شاگرىتلىرى ياسىغان ئىمىن ۋاڭ قەبرىگاھىنىڭ ھەيۋەتلىك گۈمبىزىنىڭ ئىچكى تاملىرىغا رەڭگا- رەڭ گۈل چېچەكلەرنىڭ، مېۋىلەرنىڭ رەسىملىرى سىزىلغان. بۇنىڭدىن بىز قەبرىنى ھەر ئازنا- پەيشەنبىدە تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ھەر يىلى ئەتىيازدا قەبرە بېشىغا گۈل، ئوت- چۆپلەرنى تېرىپ قويىدىغانلىقىنى ۋە ياكى گۈلدەستىلەرنى قويۇپ قويىدىغانلىقىنى قىياس قىلالايمىز.

قىسقىسى، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلىرى گۈلنى مۇھىم ۋاستە قىلغان بۇلۇپ، بىر پۈتۈن گۈل مەدەنىيىتىنى شەكىلەندۈرگەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ