يانۋار 28, 2025
شۆھرەت زاكىر-Shohret Zakir

شۆھرەت زاكىر-Shohret Zakir

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(2018)

ئەسلى مەنبە ئادېرسى
https://uygur.xinjiang.gov.cn/xj_ww/zfgzbg/202004/86319a11a037456e8d7d703c27c664c1.shtml

2019-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا بېرىلگەن

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى    شۆھرەت زاكىر

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

ھازىر مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋە سىرتتىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر بىرىشىنى سورايمەن. 

1. 2018-يىلدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2018-يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى تولىمۇ ئۆزگىچە بىر يىل بولدى. چىگىچ، مۇرەككەپ خەلقئارالىق مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش1+3+3+» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، «ئىككى بەنزە» خىزمەت مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇردۇق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتۇق، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق داۋامىدىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاراپ يېڭى قەدەم   تاشلىدۇق.

ــــــ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولدى. دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي تەۋرەنمەي مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئاتتۇق، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ،  ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتتۇق.

ـــ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. مۆلچەرىمىزچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %4.5 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %6.2 ئەتراپىدا ئاشتى، ئاھالىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى %2.1 ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولدى. ئاشلىق، پاختا، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەندى. كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى %10 ئاشتى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى %13.2 ئاشتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %33 ئاشتى. ساياھەتچىلەر سانى 150 مىليون ئادەم/قېتىمدىن ئېشىپ، %40 تىن ئارتۇق كۆپەيدى. 3-كەسىپ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا %66.1 تۆھپە قوشۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى!

ــــــ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ياخشى باشلاندى. زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە كۆزلىگەن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرزى بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىك چېكىنى ساقلاپ قالدۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا پۇختا قەدەم تاشلىدۇق، باشقا جايلارنىڭ كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 537 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق، 513 نامرات كەنتنى چېكىندۈردۇق، ئۈچ نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىدۇق، نامراتلىشىش نىسبىتىنى %6.51 كە تۆۋەنلەتتۇق. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، ساپ تۇپراقنى قوغداش ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشتىن ئىبارەت بەلگە خاراكتېرلىك تۆت جەڭنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدۇق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يېشىل تەرەققىياتتا خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردۇق.

ــــــ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى تېخىمۇ زورايتتۇق. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولدۇرۇش»نىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، نېفىت، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ساقلانما مىقدارىنى تەڭشەپ، قوشۇلما مىقدارىنى ياخشىلىدۇق. «بىرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئۈزۈكسىز ياخشىلىدۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا−ياۋروپا يەرمەنكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەمىزنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈردۇق. ئىچكىرىدىكى زور بىر تۈركۈم كارخانىلار شىنجاڭغا كېلىپ پائال مەبلەغ سېلىپ، زاۋۇت قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

ـــــ خەلق تۇرمۇشى ئۈزۈكسىز ياخشىلاندى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، نامراتلارنى يۆلەش، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىدە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. شەھەر-بازارلاردا 475 مىڭ 800 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.3 بولدى، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 805 مىڭ ئادەم/قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %6.5 ئەتراپىدا ئاشتى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %8.5 ئەتراپىدا ئاشتى. كەپە رايونلاردىكى 470 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلدى، يېزىلاردا خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيىدىن 282 مىڭ يۈرۈش سېلىندى. خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزۈكسىز ئاشۇردۇق!

بىر يىلدىن بۇيان، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:

1) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندۇق ۋە ئىزچىللاشتۇردۇق

چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچىدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن بىرلىككە كەلتۈردۇق، كۈچىمىزنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملىدۇق.

بايرىقىمىز روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى 1-ئورۇنغا قويدۇق. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتىسىز ئىزچىللاشتۇردۇق ۋە ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قەتئىي، كەسكىن تۈرتكە بولدۇق. دىققەتنى باشتىن-ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرى، تەستىقىي يوليورۇقلىرى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرى، تەستىقىي يوليورۇقلىرى روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ  يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

2) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق

مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن-ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى قەتئىي ياخشى ئاتتۇق. قاتتىق زەربە بىرىش مەخسۇس كۈرىشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بىرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىدۇق. جەمئىيەت ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش بويىچە ئىستېرېئولاشقان، ئۇچۇرلاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق. چېگرانى باشقۇرۇش–تىزگىنلەشنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، چېگرانى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئادەم مۇداپىئەسى، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكىلىق مۇداپىئە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، 5700 كىلومېتىر چېگرا لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى شەكىللەندۈردۇق. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي ۋەزىيەت سىجىل مۇقىم بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئەڭ پۇختا ئاساسقا، ئەڭ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق!

3) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئۈزۈكسىز ئالغا سىلجىتتۇق. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تېخنولوگىيەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش جابدۇقلىرىنى ياخشىلىشىغا، مەھسۇلات سۈپىتى، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ۋە مۇھىت ئاسراش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈم كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق. يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، «ئالاقە تورى + »، ھەمبەھرىلىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى ساھە، يېڭى كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇردۇق. سودا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ساغلاملىق-ياشانغانلارنى كۈتۈش قاتارلىق مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق. ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتۇق، پولات-تۆمۈردە 2 مىليون 150 مىڭ توننا ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى، كۆمۈردە 4 مىليون 620 مىڭ توننا ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتتۇق، بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولغان 1 مىليون 331 مىڭ كىلوۋات سائەتلىك كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى تاقىدۇق، توختاتتۇق. بىرلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى، سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۈزۈكسىز ئازايتتۇق.

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتۇق. قارابەل سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، شەرقىي جۇڭغار ـــ شەرقىي جۇڭگو (جەنۇبىي ئەنخۇي) 1100± كىلوۋولتلۇق پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، تۇمشۇق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق، جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى؛ ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى، كورلا ـــ گېرمو تۆمۈريولى، داخۇاڭشەن ـــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق؛ خوتەن ـــ چاقىلىق تۆمۈريولى، كورلا ـــ ئاقسۇ ـــ قەشقەر تۆمۈريولى سۈرئەتنى تېزلىتىش، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، جۇڭگو ـــ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى بۇلۇڭكۆل ـــ قونجىراپ تاشيولى، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىش باشلىدۇق.    خوتەن ـــ قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى بىلەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە كىردى! ئۈرۈمچى مېتروسى 1-لىنىيەسىدە قاتناشنىڭ سىناق تەرىقىسىدە باشلانغانلىقى مەركىزىي شەھەر خەلقىنىڭ مېترو دەۋرىگە رەسمىي كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى!

نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا دائىر ئون چوڭ ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك باج كېمەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتتۇق، تىجارەت-مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەقنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇردۇق، كارخانىغا چېتىشلىق ھەق ئۆلچىمىنى  تۆۋەنلەتتۇق. دۆلەت مۈلكى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان كارخانىلىرىنى شىركەت تۈزۈمى بويىچە ئۆزگەرتىش نىسبىتىنى %91.6 كە يەتكۈزدۇق. پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى ۋە بۇغداي سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

4) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق

 زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ قەرز، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى پائال، پۇختا تۈگەتتۇق. تەۋەلىك جاي بويىچە پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى بويىچە ئالدىن سىگنال بىرىش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتۇق. قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردۇق، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، P2P دىن ئىبارەت ئالاقە تورىدا قەرز ئېلىش-بىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر يۈز بەرمەسلىك چېكىدىن قەتئىي ھالقىمىدۇق.

نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلدۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 33 مىليارد 411 مىليون يۈەن سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا سېلىنغىنى %92.3 نى ئىگىلىدى. ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى جانلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇردۇق. شىنجاڭغا ياردەم بىرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، بەلگىلەنگەن نۇقتىدا نامراتلارنى يۆلەش، رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىڭلىغان كارخانا مىڭلىغان كەنتكە ياردەم بىرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويدۇق. نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتۇق. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ ۋە تۈرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلدۇق. «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق. دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ،«شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى (2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە)»نى چىقىرىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتۇق. مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە ئىنكاس قىلغان پىكرى بويىچە تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلدۇق. بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قۇملاشقان يەردىن 5 مىليون 940 مىڭ مو تۈزىدۇق، 2 مىليون 720 مىڭ مو ئورمان ئەھيا قىلدۇق. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا تىرىشتۇق!

5) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتۇق

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادىي رايونى ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدۇق. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. شىنجاڭدىن غەربكە قاتنايدىغان جۇڭگو−ياۋروپا نۆۋەتچى يۈك پويىزى 1002 قېتىم قاتناپ، %24.3 ئاشتى، 1 مىليون 730 مىڭ توننا يۈك توشۇلدى، تاموژنىدىن ئۆتۈش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قىسقاردى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، 2 مىليارد 738 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم تۈزدۇق.

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى گەۋدىلەندۈردۇق. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەر، مۇقىم بولدى، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخىنى تېجەش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، مېۋە-چىۋە ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون توننا ئەتراپىدا مۇقىملاشتى، چارۋىچىلىق پۇختا قەدەمدە تەرەققىي قىلدى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى يېڭىدىن 2 مىليون مو كۆپەيدى. شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش ۋە شىنجاڭ سىرتىغا سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى تورنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىش مېخانىزمىغا تايىنىپ، ئىچكىرىدىكى شەھەرلەردە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق. 18 مىليون مو يەرنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش ۋە كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملىدۇق. يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، خەلق-ئاممىنىڭ قىزغىن ماختىشىغا ئېرىشتۇق.

ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق. شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس يىرىك پىلانى ۋە ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى چىقاردۇق، دۆلەت ئىلكىدىكى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى تۆۋەنلەتتۇق. ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك ۋە «ساياھەت +»نى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچىدۇق. مۇقىملىق پايدىسىنىڭ داۋاملىق زورىيىشى، ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتى دۇنيا ئەھلىگە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاپ بەردى!

6) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق

پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى تەشۋىق-تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى «بەشنى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىش»نى ھەقىقىي كۈچەيتىشكە، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدۇق. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 120 مىڭ كادىر ۋە ئىشچى–خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 690 مىڭ ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقانلىشىپ، تاماقتا بىللە بولۇپ، يېتىپ-قوپۇشتا بىللە بولۇپ، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ئەمگەكتە بىللە بولۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتتى. ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى يارىتىشنى پائال تېزلىتىپ، بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي شارائىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، ھەر مىللەت خەلق-ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇردۇق!

پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردۇق. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدۇق. نورمال دىنىي ئېھتىياجغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدۇق. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتتۇق. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە پەيدا بولىدىغان، يامرايدىغان، تارقىلىدىغان ۋە سىڭىپ كىرىدىغان تۇپراقنى قەتئىي يوقاتتۇق، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ياشاش ماكانىنى ئەڭ زور چەكتە تارايتتۇق!

7) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچ سەرپ قىلدۇق

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتتۇق. شەھەر-يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىل بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتتۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئېغىر نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچىدىن 75 مىڭ كىشىنى تەشكىللىك، مۇقىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. شەھەر-بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 52 مىڭ 400 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىن كەم دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى 24 سائەت ئىچىدە ئۇدۇللۇق ھەل قىلىپ كەلدۇق.

مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى يولغا قويدۇق. يەسلى مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ بارلىق شەھەر-يېزىلىرىدا ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلدۇق. ياردەم بىرىشكە تېگىشلىك نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ نۇرىنى شىنجاڭ زېمىنىدا جۇلالاندۇردۇق!

داۋالاش جەھەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتتۇق.  داۋالاش، دورىگەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتتۇق. ئاساسىي قاتلام سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەلەردە يىراقتىن داۋالاشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردۇق، 15 خىل ئېغىر كېسەلنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش، داۋالاشنى، سوزۇلما كېسەللىكلەرگە كېلىشىملىك مۇلازىمەت قىلىشنى يېزىلاردىكى بارلىق نامرات ئاھالىگە تولۇق ئومۇملاشتۇردۇق. يېزا نوپۇسىدىكى بىمارلارنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دائىرىسىدە «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش» ۋە «بىر جاي»دا راسچوت قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق-ئاممىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشتۇق!

ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتۇق. شەھەر-بازارلاردىكى كەپە رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 68 مىڭ 900 نامرات ئائىلىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇق پۈتتى. گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدۇق، پەيزىۋات ۋە جىڭدىكى يەر تەۋرەش، قۇمۇلدىكى كەلكۈن قاتارلىق ئاپەتلەردىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تېزلەتتۇق. تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردۇق.

ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى سالماق ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلەتتۇق. شەھەر–يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى ۋە تولۇقلىما سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىك 320 مىڭ نامرات ئوبيېكتنىڭ ھەممىسىنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش ۋە ئۆزى ئىختىيار قىلغان «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق، 80 ياشتىن ئاشقانلارغا چوڭ ياشلىقلار ياردەم پۇلى بىرىش ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ھەمدە مېيىپلەرگە «ئىككى تۈرلۈك تولۇقلىما» بىرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

بىخەتەرلىك جەھەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى سىجىل، مۇقىم ياخشىلاندى، زور، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كۆرۈلمىدى. بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، يېمەكلىك–دورا بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، «ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە، تەجرىبىخانىدىن دوختۇرخانىغىچە» بولغان ھەر بىر مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشتۇق.

8) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق. ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، باشلامچىلىق رولىغا ئىگە بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئاپپاراتلىرى، يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى دەپ تەستىقلىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە ئائىت پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى يولغا قويدۇق. پۈتۈن يىلدا ئىلتىماس قىلىنغان پاتېنت 10 مىڭ 725، ھوقۇق بېرىلگەن پاتېنت 7512 بولدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەجرىبە رايونى قورۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، 130 نەچچە ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئاپپاراتىنى بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا توپلىدۇق، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ كىرىمى %36 ئاشتى، پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتى %35 ئاشتى.

مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق. توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق، بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىشىنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، يەسلى مائارىپى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇردۇق. يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇمىي ئېتىبارلىق تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق، ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %95.95 كە، باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.91 كە يەتتى. شىنجاڭ تەبىئىي پەن-سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنى تەشكىللەپ قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدۇق.

مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق. شىنجاڭ سەنئەت مەركىزى قاتارلىق نۇقتىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق. دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈلگە رايونى (تۈرى) بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈردۇق. تاراتقۇلارنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتتۇق. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتتۇق. ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەردۇق ۋە مەدەت بەردۇق. ئىستاتىستىكا-تەكشۈرۈش، ئاخبارات–نەشرىيات، رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە، تاشقى ئىشلار، مېتېئورولوگىيە، يەر تەۋرەش، ئۆلچەش-سىزىش، گېئولوگىيە، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، ياشانغانلار، مېيىپلەر ئىشلىرى، تەزكىرە، ئارخىپ قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتتۇق.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنىي نازارەتچىلىكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 444 پارچە تەۋسىيەسىنى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 639 پارچە تەكلىپىنى بېجىردۇق. ئاپپارات ئىسلاھاتىنى سالماق، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، 6 پارچە يەرلىك نىزامنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق، ھۆكۈمەت قائىدىسىدىن 3 نى ئېلان قىلدۇق. قانۇن ئىجراچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇننىڭ قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىستىل»، «تۆت كەيپىيات»قا، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇردۇق. پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىدا «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت» بولۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساپلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزۈكسىز ئاشۇردۇق.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىڭتۇەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتىگە دائىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىڭتۇەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللىدۇق. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللىدۇق، قانۇن بويىچە 2190 تۈرلۈك مەمۇرىي فۇنكسىيە ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى بىڭتۇەنگە بەردۇق. بىڭتۇەننىڭ شەھەر تەسىس قىلىش، بازار قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتۇق. بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللىدۇق. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، مۇقىملىق قوغداش، كادىرلار-ئىختىساسلىقلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىش تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بىرىش مەبلىغى ۋە تۈرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ۋە ياخشىلاشقا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بىرىش مەبلىغىدىن 15 مىليارد 962 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈر مەبلىغىدىن 256 مىليارد 45 مىليون يۈەن كىرگۈزدۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەردىن ئوقۇتۇشقا ياردەم بىرىدىغانلارنى كىرگۈزۈشىنى قوللىدۇق. ئىچكىرىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق 17 مىڭ 800 نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بەردۇق. شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان كادىرلارنىڭ جاپالىق ئەجرىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى. بىز دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللىدۇق. قىسىملارغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدۇق. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىدۇق، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش-ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ياراتتۇق!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئۆتكەن بىر يىلدىكى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا چۈشمىدى، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق-كومىتېتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇ نەتىجىلەرگە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭمۇ جاپالىق ئەجرى سىڭگەن. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!  شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى كوماندىر–جەڭچىلەرگە، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرىغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىغا، شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ۋە شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ھەم شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

خاتىرجەم كۈنلەردە خەۋپنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئاسايىشلىق كۈنلەردە خەتەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن تاشقى مۇھىت ۋە ئىچكى شارائىتنىڭ ھەممىسىدە چوڭقۇر ھەم مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ھېلىھەم بىر قەدەر چوڭ، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار يەنىلا بىر قەدەر كۆپ. ئاساسلىقى: جەمئىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەزىپىمىز مۈشكۈل ھەم ئېغىر؛ ئىقتىساد قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، كەسىپ قۇرۇلمىسىدا بىر تەرەپكە ئېغىش ئەھۋالى مەۋجۇت، كەسىپ زەنجىرى قىسقا، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلى يىرىك، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى ئاستا، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىمىز مۈشكۈل؛ ئىجتىمائىي سېلىنما يېتەرلىك ئەمەس، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى يېتەرلىك ئەمەس؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىمىز مۈشكۈل، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشكەن نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەڭ تەسكە چۈشىدىغان مۈشكۈل ۋەزىپە؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر ئاز ئەمەس، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتى يېتەرلىك ئەمەس، قىسمەن ئاممىنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا بىر قەدەر قىيىن. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خىزمىتىدىمۇ نۇرغۇن يېتەرسىزلىك مەۋجۇت: «بىرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تەلەپتىن خېلىلا يىراق، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ بەزى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ خىزمىتىگە يەنىلا نۇرغۇن پىكرى بار؛ ئايرىم كادىرلاردا قىلىدىغان ئىشنى قىلماسلىق، ئىشنى قالايمىقان قىلىش ئەھۋالى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھېلىھەم مەۋجۇت؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ بەزى كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى تۇتۇش ئىقتىدارى كەمچىل، قابىلىيىتى يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ. بىز پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھىمىز بىلەن، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىشقا، تۈزىتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بار كۈچىمىز ۋە جان–دىلىمىز بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز!

2. 2019-يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر

بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قويۇلىدىغان ئومۇمىي تەلەپ: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇش، «مۇستەھكەملەش، ئاشۇرۇش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش +3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ–خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق بازارغا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، خەلق-ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش.

بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىمپورت-ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر-بازار ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر-بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3 ئىچىدە تىزگىنلەش، بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %2.11 تۆۋەنلىتىش.

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمىز، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش +3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بىرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز.

1) باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىمىز

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ــــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۈچۈن بېكىتىپ بەرگەن باش نىشان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇقەددەس بۇرچ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بىلەن، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرىمىز، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا قىلچە تەۋرەنمەيمىز، قىلچە بوشاشمايمىز. ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بىرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى بوشاشماي داۋاملىق ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى تۈزەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ كەڭ ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئۇلىنى ئۈزۈكسىز پۇختىلايمىز. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»نى داۋاملىق پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى تەلتۆكۈس يوقىتىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن سادىر بولۇشىنى تارىخقا ئايلاندۇرۇپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشىنى تارىخقا ئايلاندۇرۇپ، خەلق-ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمىغان دەۋرنى تارىخقا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان شاد ماكانغا ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان بەختلىك يۇرتقا ئايلاندۇرىمىز!

2) ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىمىز

زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. «قەتئىي بولۇش، تىزگىنلىگىلى بولۇش، تەرتىپلىك بولۇش، مۇۋاپىق بولۇش» تەلىپى بويىچە، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز. پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت مەخسۇس قەرز چېكىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن ساقلانما قەرزىنى تەرتىپلىك، سالماقلىق بىلەن تۈگىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرزى بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ-خەتىرى كۆرۈلمەسلىك چېكىدىن قەتئىي ھالقىمايمىز. يەرلىك پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى كۆپ يۈز بىرىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى مەھكەم ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى سودا ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، يوشۇرۇن سەرراپخانا ئېچىش، يوشۇرۇن سۇغۇرتا تالونى كېسىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ پۇل مۇئامىلە قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بىرىمىز. ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى، كاپىتال بازىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەردىن پائال ساقلىنىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى كۆرۈلمەسلىك چېكىدىن قەتئىي ھالقىمايمىز.

نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ تۇتۇپ، 2020-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، 12 نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا، 976 نامرات كەنتنى چېكىندۈرۈشكە، 606 مىڭ 100 نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايمىز. نامرات كەنتلەرنىڭ سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايمىز. نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلارنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغىتىمىز. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر پۇڭنى ۋە ھەر بىر تۈرنى نامرات ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز!

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق، ئاق قار، كۆك مۇزنىڭ ئۆزىمۇ بايلىق دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مۇھىت ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىكىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمى ۋە مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىمىز، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيە بوشلۇقىدىن پايدىلىنىشنى تىزگىنلەشتە ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئۈرۈمچى− سانجى−شىخەنزە، كۇيتۇن−مايتاغ−شىخو قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىش ۋە بىرلىكتە تىزگىنلەش، ئورتاق مۇداپىئەلىنىش ۋە ئورتاق تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھاۋا سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلايمىز. نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. تۇپراق بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولغان نازارەتچىلىكنى، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتا ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداشنى كۈچەيتىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ 2-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. مەركەز مۇھىت ئاسراش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز. مۇھىتقا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش داۋامىدا بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بىرىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ مۇھىت لايىھەسىنى تۈزۈشىگە ئاكتىپ ياردەم بىرىپ، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنىڭ ئاددىي، تومتاق بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىمىز. دۇنياۋى تەبىئىي مىراس جايلار، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار، قۇملاشقان يەرلەرنى دائىرىلەپ قوغداش رايونلىرى، مۇھىم سۇ مەنبەسى رايونلىرى قاتارلىقلارنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بېكىتىلىپ بولغان قوغداش رايونلىرىنى ئۆز مەيلىچە تەڭشەشكە بىردەك يول قويمايمىز. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پاكىز سۇ ئىچىش، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش، مۇھىتنى ياخشىلاش نەتىجىلىرىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز!

3) يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتىمىز. «چىقىرىش» ۋە «كىرگۈزۈش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر پورت»، «ئىككى رايون»، «بەش چوڭ مەركەز»، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ تېزلىتىمىز. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە كۈچەپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى توپلىنىش مەركىزىنىڭ توپلاش-توشۇش ئىشلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى تېزلىتىمىز. ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىساد ئۈلگە رايونى، تۆمۈريول پورتى سودا ئىشلىرى، سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، كەسىپ باغچە رايونىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرىمىز. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىدا فۇنكسىيەنى ياخشىلاشقا كۈچەپ، مەۋقەنى مەملىكەت ئىچىگە قويۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يۈزلىنىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى ۋە ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پورتلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. قاتناش تۈگۈنى، سودا-ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت-پەن-مائارىپ، رايون پۇل مۇئامىلىسى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركەزلىرىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇش تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك مەخسۇس يىرىك پىلانلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىن ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈر تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، ئۈلگىلىك، بەلگە خاراكتېرلىك نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىل ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 19 پورتنى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىمىز، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پورتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پورتلارنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئېنىق بېكىتىمىز، يۇمشاق-قاتتىق دېتال ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تاشقى سودا سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان سودىنى ۋە مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەك ۋە سۇپىلارنىڭ رولىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرىمىز. 

ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىمىز. شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تاۋار ۋە مۇھىم ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجازەت بىرىشتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن سەلبىي تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىمىز.  جۇڭگو− پاكىستان، جۇڭگو−موڭغۇلىيە−رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا پائال قاتنىشىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت بايلىقلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى، ئۆزگىچە كەسىپلەر، چېگرا (چېگرا ھالقىش) ساياھەتچىلىكى، چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئۆزئارا سودىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، «ئۆتەڭ ئىگىلىكى»نىڭ «كەسىپ ئىگىلىكى»گە ۋە «پورت ئىگىلىكى»گە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا سىرتى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق باغچە رايونى، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاۋار، تېخنىكا ۋە جابدۇق ئېكسپورتىنى يۈكسەلدۈرىمىز. جۇڭگو−قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسىپلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش سىنىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. 2019-يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. پەرقلىق سىياسەتتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان جايلاردىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭ بازىرىغا كىرىشكە جەلپ قىلىپ ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەتلىنىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز!

4) يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

يېزا-كەنتلەرنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل مەھسۇلات ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرىمىز. «ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مىقداردىن سۈپەتكە ئۆتۈشىنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىپ، بۇغداينى سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئامباردىكى سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىقنى ئېنىقلاپ ۋە تەكشۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تۆۋەن تەننەرخلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېۋە-چىۋە قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارنى قوغداش ئاساسىدا سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن پائال شۇغۇللىنىشىغا مەدەت بىرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ مېۋە-چىۋىلىرىنىڭ «ئالتۇن ماركا» داڭقىنى چىقىرىمىز.  گۆش كالىسى، گۆش قويىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز، شىنجاڭ سۈتچىلىكىنىڭ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئۇرۇقچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئاساسىي قاتلامدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ جىپسىلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە سودا بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئوبوروت سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، دېھقانلار بىلەن تاللا بازارلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودىلىشىش قاتارلىق يېڭىچە ئوبوروت كەسپىنى راۋاجلاندۇرىمىز. شىنجاڭغا ياردەم بىرىش مېخانىزمى ۋە ئالاقە تورى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە «ئون شەھەر، يۈز دۇكان» تەجرىبىسىنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى مەركىزىي شەھەرلەردە بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت بازىلىرىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرىدىكى بازارلاردا سېتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز.

يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز. يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەرنىڭ ھۆددە مۇددىتىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسەتلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايمىز. ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىق يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كۆپ خىل، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرىمىز. تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېنىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يىل ئاخىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا تىرىشىمىز. يېزىلاردا مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، ئۆيلۈك يەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بارلىق دېھقان-چارۋىچىلارنى يېزا يەر ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىمىز!

شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يېزىلارغا كېڭىيىشىگە، كەسىپلەرنىڭ يېزىلارغا مۇۋاپىق جايلىشىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ تۇتىمىز. ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورىنى ناھىيەدىن تۆۋەن جايلارغا كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

يېزا-كەنتلەرنى مەدەنىيەت، ئىختىساسلىقلار ۋە تەشكىل ئارقىلىق روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرىمىز. دېھقانلارنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزىلارغا چۈشۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىلارنى سۆيىدىغان، دېھقانلارغا رىشتە باغلىغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قوشۇنى بەرپا قىلىمىز، شىنجاڭغا ماس كىلىدىغان زامانىۋى يېزا-كەنت ئىجتىمائىي تۈزەش تۈزۈلمىسى ۋە سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشى ۋە ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

يېزا-كەنتلەرنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش قەدىمىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئەخلەت-يۇندى بىر تەرەپ قىلىش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانچىلىقنى جەلپكار كەسىپكە، يېزىلارنى خۇشال-خۇرام ياشايدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرىمىز!

5) شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىمىز

يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرىمىز. ساياھەت ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى ۋە دۇنياۋى مۇھىم ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىك يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساياھەت تۈرى، نۇقتىلىق ساياھەت لىنىيەسى مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىمىز. پۈتۈن دائىرىلىك ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، «ساياھەت +» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىك بىلەن مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، قاتناش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ پايدىسىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان توسالغۇنى چىقىرىپ تاشلاپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىن كۈتۈۋېلىنىدىغان ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەت كىرىمى ئومۇمىي سوممىسىنى %40 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.

ساياھەت داڭلىق ماركىسى يارىتىمىز. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن گۈزەل نامنى يارىتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ روشەن بەلگىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى ئۆستۈرىمىز. تەبىئەت ئېكولوگىيە ساياھىتى، تارىخىي مەدەنىيەت ساياھىتى، ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى، ئىستراھەت-دەم ئېلىش ساياھىتى، دالا ھەرىكىتى ساياھىتى، ئاپتوموبىل ساياھىتى، قىزىل لىنىيە ساياھىتى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ساياھىتى، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ساياھىتى، سەھرا ساياھىتى، چېگرا ساياھىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ساياھەت ماركىسىنى كۈچەپ يارىتىمىز. ئالتاي تېغى «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى» ئېكولوگىيە ساياھەت لىنىيەسى، ئىلى يايلاق مەدەنىيىتى ساياھەت لىنىيەسى، يىپەك يولى ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ساياھەت لىنىيەسى، تىيانشان تېغىنى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ئالتۇن ساياھەت لىنىيەسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى نۇقتىلىق بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىمىز. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سەرخىل مەنزىرە رايونلىرى ۋە سەرخىل لىنىيەلەرنى ئېچىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىمىز. ھازىرقى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولىمىز، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. كونا داڭلىق ساياھەت تاۋارلىرى، ئۆزگىچە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە خاس ماركىغا ئىگە، ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم داڭلىق ساياھەت تاۋارلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز.

ساياھەتچىلىكنىڭ كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدا، توردا ۋە تور سىرتىدا بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتە، يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ساياھەت تىجارەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز. مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يانداش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساياھەت شەھەرلىرى، ساياھەت يېزا-كەنتلىرى ۋە قاتناش ئاساسلىق غول لىنىيەلىرىنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھاجەتخانا تېپىش قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش، خەۋەرلىشىش سىگنالى راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز. ساياھەتچىلەر يىغىلىش-تارقىلىش سىستېمىسى، ئەقلىي ساياھەتچىلىك سىستېمىسى ۋە ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، ساياھەت ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ساياھەت بازىرىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئازادىلىك تۇيغۇسى، رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭ ساياھىتىنى ئارزۇ قىلىدىغان، شىنجاڭ ساياھىتىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان قىلىمىز! ساياھەتچىلىكنى يېتەكلەش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، بىرىدىغان پايدىسى ئەڭ زور، پۇقرالارنى ئەڭ كۆپ بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان ۋە بېيىتىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز!

6)  ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز

ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويىمىز. 1-كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2-كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، 3-كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رولى ۋە تەسىرى بار بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا گۇرۇھلىرى ھەمدە ئۈلگىلىك رولغا ئىگە بىر تۈركۈم كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزۈكسىز زورايتىمىز.

يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش-توشۇش، پىششىقلاش ۋە سېتىش ھالقىلىرىغا كىرىشىگە ئىلھام بىرىپ، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، روشەن خاسلىققا ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر تۈركۈم بازىلارنى قۇرىمىز، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز، «باشلامچى كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى، مال يەتكۈزۈش، سوغۇق پېتى توشۇش قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. مالىيە، پۇل مۇئامىلىسى جەھەتتىكى يۆلەش سىياسەتلىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. يەرلىكتىكى بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ساھەسىگە مەبلەغ سېلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بىرىمىز.

سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە تېخنىكا ياخشىلاش، دەرىجە ئۆستۈرۈش قاتارلىق چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تېخنولوگىيەنى ياخشىلىشىغا، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز. ئۈرۈمچى، سانجى، قاراماي، قۇمۇل قاتارلىق يەتتە ياسىمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، توك يەتكۈزۈش ۋە توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىق توپىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، بىيو دورا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىساد ئەۋزەللىكىنى تېزدىن شەكىللەندۈرىمىز. ساھە باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي كۈچكە ئىگە، كۆلەملەشكەن، يېتىلىشى ياخشى، يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك بىر تۈركۈم پۇقراۋى كارخانىلارنى نۇقتىلىق قوللاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بىرىكىپ قايتا تەشكىللىنىشىگە ئىلھام بىرىپ، كەسىپلەر توپىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئەمگەك كۆجۈم كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قۇراشتۇرۇش كەسپى، ئاياغ، باش كىيىم، ئويۇنچۇق، كەيمە چاچ قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈم كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ بولغان كىيىم-كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى قاتارلىق تېرمىنال كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «ھەمراھ زاۋۇت»، «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، كەسىپلەر توپىنى بەرپا  قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانىلار ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۈلگە بازىسى ۋە دۆلەتنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە بازىسىنى بەرپا قىلىمىز.

زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ئەسلىھەلىرى ۋە شەھەر-يېزىلارنىڭ بازار تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سودا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال بازارلارنى ياخشى قۇرىمىز. چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئالاقە تورى +»نىڭ ئۈچ كەسىپ بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەقلىي داۋالاش، گۆدەكلەرنى بېقىش-ياشانغانلارنى كۈتۈش، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ئائىلە مۇلازىمىتى، ئىستراھەت-كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتىنى ئۈزۈكسىز ئاشۇرىمىز.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە تۈزۈم مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا تۈرلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، چوڭ-چوڭ يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بىرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەجرىبە رايونى ۋە ئۈرۈمچى ــ سانجى ـــ شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىمىز.

7) ئاچقۇچلۇق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا بولغان ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز

قاتناش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. «شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ تۇتاشقان بولۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىش تېز بولۇش»نى توغرا نىشانلاپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى بىلەن ئىجتىمائىي سېلىنمىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «كىم مەبلەغ سالسا، شۇ مەنپەئەتلىنىش» پىرىنسىپى بويىچە، دۆلەت، ئۆلكە تاشيولى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. جىڭ−ئالاتاۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇرۇلۇشىنى باشلايمىز، G30 لىنىيەسى ئۈرۈمچى−كۇيتۇن، داخۇاڭشەن− ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاشقا تىرىشىمىز. تۆمۈريول تورىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەتكۈزۈش-تۇتىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كورلا−گېرمو تۆمۈريولى، خوتەن−چاقىلىق تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ-چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. ئۈرۈمچى−شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى قوش لىنىيەسىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز. قاراماي−چۆچەك تۆمۈريولىنى پۈتتۈرىمىز. لەنجۇ−شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى غول لىنىيە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك ئۆتۈشمىسىنى ئىككى قانات قىلغان تۆمۈريول «قاتناش چەمبىرىكى»نى بارلىققا كەلتۈرىمىز. ئايرودۇرۇملارنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاۋىياتسىيەنىڭ تۇتىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمى قاتارلىق ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش تۈرلىرى ۋە كېرىيە ئايرودۇرۇمى قاتارلىق يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتى بىرلەشمە تىرانسپورت تورىنى تېزدىن بەرپا قىلىمىز.

سۇچىلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. چوڭ-چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ تېجەش، سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىمىز. يورۇڭقاش، قورغان، مومۇق قاتارلىق سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز. چىرا ناھىيەسىنىڭ نۇر سۇ ئامبىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تاماملايمىز. ئويئېڭىز سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. چوڭ، ئوتتۇراھال سۇغىرىش رايونلىرىنى سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۇچىلىق تۈرىنى يولغا قويۇپ، سۇنىڭ ئۇللۇق تەبىئىي بايلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي بايلىق بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.

ئېنېرگىيە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. شەرقىي جۇڭغار يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. قەشقەر−يەكەن ۋە يەكەن−خوتەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ۋە توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1-قەرەللىك) قۇرۇلۇشى، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، قۇمۇلنىڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تەبىئىي گازنى زاپاس ساقلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلايمىز، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ۋە جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھ شىركىتىنىڭ ماناس كۆلى پەۋقۇلئاددە چوڭ نېفىتلىكى، جىمسار زىچلاشما نېفىتلىكىنى ئېچىش، كۇچا تاغ ئېتەكلىرىدىكى تەبىئىي گازنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، شۇنبېې نېفىتلىكى-گازلىقىنى ئېچىش قاتارلىق چوڭ-چوڭ تۈرلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ھەقىقىي تۈردە ئايلاندۇرىمىز.

شەھەر-بازار ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەر يول تورى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇلۇت شەھەر قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرىمىز، سۇ، پار، گاز، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە خەۋەرلىشىش قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشى يۈرۈشلەشتۈرىمىز. شەھەر ۋە ناھىيە بازىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. شەھەرلەردىكى سېسىق لاتقا-يۇندىنى تۈزەش ۋە سۇ چىقىرىۋېتىش، ھۆلچىلىك ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇۋاپىق سەپلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ قولاي، ئازادە، گۈزەل ئولتۇراق مۇھىتىغا ئېرىشتۈرۈپ، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ مېۋىسىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىمىز!

ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، زېمىننى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىمىز، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئىھاتە ئورمان سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە يەرنىڭ قۇملىشىشىنى تۈزەش ھەمدە سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز، جىغان ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، تارىم دەريا ۋادىسىنىڭ توغراقلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، چارۋا يايلىتىشنى توختىتىپ، ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز، تېرىلغۇغا ئايلاندۇرۇلغان ئورمان يەرلىرىنى ئەسلىگە قايتۇرىمىز.

قۇرۇلۇش مەبلىغىنى كۆپ يول بىلەن غەملەيمىز. خامچوت ئىچىدىكى سېلىنما، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز چېكى قاتارلىق مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ «ئاز پۇل بىلەن كۆپ ئىش قىلىش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتال ۋە پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەرگە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز. ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى چەكلىمىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىمىز. ئەلئارا كاپىتالنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى، بىرلەشمە خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بىرىمىز. مەركەز كارخانىلىرى، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئىچكىرىدىكى كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانىلارنى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا پائال جەلپ قىلىمىز. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مائارىپ، مەدەنىيەت، ساغلاملىق، ياشانغانلارنى كۈتۈش قاتارلىق مۇلازىمەتنى كۆپەيتىشكە، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەيمىز.

8) نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغىتىمىز 

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولدۇرۇش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مەبلەغ، مۇھىت ئاسراش، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كارخانىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرىمىز. «مۇردا كارخانىلار»نى داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىمىز، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىمىز. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك تىجارەت-سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. كارخانا ۋە كارخانىچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، باراۋەر، ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارا بازار قائىدىسى ۋە قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىمىز. بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىمىز.

«بىرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز. زور كۈچ بىلەن مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بىرىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلايمىز. ھوقۇق-مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، بازارغا كىرىش ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىكى، كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەق تىزىملىكى قاتارلىق تىزىملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى 10 چوڭ ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنما تۈرلىرىدە ۋەدە بىرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز، بازار سۇبيېكتلىرىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويىمىز، بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى 120 خىزمەت كۈنى ئىچىدە، كارخانا ئېچىشنى تەستىقلاشنى 8.5 خىزمەت كۈنى ئىچىدە، تۇراقلىق مۈلۈكنى ئادەتتىكى تىزىملاشنى 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە، رەنىلىك تىزىملاشنى 5 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. «ئىككى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» ئارقىلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ۋە ئامما ئىش بېجىرىشتە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم بېرىش»، تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، كىنىشكا-ئىسپاتلارنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز.

دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەت مۈلكىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. بىر تۈركۈم دۆلەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەيمىز، بىر تۈركۈم دۆلەت كاپىتالىنى يۈرۈشتۈرۈش شىركەتلىرىنى قۇرىمىز. تىجارەت سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كەسىپ گۇرۇھلىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز. بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانىلىرىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ساياھەتچىلىك، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق دۆلەت كاپىتالى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ساھەلەرگە يېتەكلەيمىز. دۆلەت كاپىتالىنى ھوقۇق بىرىش ئاساسىدا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى پاي تۈزۈمى بويىچە سەرخىللاشتۇرۇش، قايتا تەشكىللەش ئىسلاھاتىنى يۈكسەلدۈرىمىز. ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز.

پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايمىز. «پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە پىكىر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى خاتىرجەم قىلىمىز. پۇقراۋى كارخانىلارغا دائىر بازارغا كىرىش ئىجازىتى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىجازىتى، تىجارەتنى يۈرۈشتۈرۈش، خېرىدار چاقىرىش ۋە خېرىدار چىقىش، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇئامىلە باراۋەرسىزلىكىنى تېزدىن يوقىتىمىز، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش، پىشاڭنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئوخشاش ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىپ، بازارنىڭ باراۋەر، ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارا بولۇش قائىدىسىگە خىلاپ سىياسەت-ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاپ، خالىغانچە چەك قويۇش، قانۇننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىش، ھوقۇقنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي چەكلەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن باراۋەر رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ بىرىمىز. نېسىنى تۈگىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنى نېسى قالدۇرىدىغان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز. ھۆكۈمەت، بانكا ۋە كارخانىلارنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇراھال، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پاي بازىرىغا بىۋاسىتە كىرىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايمىز. پۇقراۋى كارخانىلارغا يار-يۆلەك بولۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەرنىڭ ئارىسىدا يېقىن، ساپ مۇناسىۋەتنى كۈچەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، كارخانىچىلارنىڭ ئىش قىلىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ھۆرمەت قىلىدىغان، رىغبەتلەندۈرىدىغان ۋە قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەنبەلىرىنى تولۇق ئېچىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغىتىمىز! پۇقراۋى كارخانىلارنى بازار ئىگىلىكى دولقۇنىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلەندۈرىمىز!

مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەتنىڭ باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ۋە شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىكى مەخسۇس تۈر قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. خامچوتنى نەتىجە-ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بارلىق تارماق، ئورۇن، بارلىق مالىيە مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى نەتىجە-ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، نەتىجە-ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىمىز. مالىيە مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. خامچوت ۋە نەق چوتنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، خامچوت ۋە نەق چوتنى ئاشكارىلاش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ئېتىبارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىغا كىرىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەرلىكتىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى شىركەت تۈزۈمى بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى بانكا ۋە مەھەللە بانكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز.

9) مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىناقلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى تەشۋىق-تەربىيەسى ۋە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىمىز. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىمىز. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ باردى–كەلدىسى، ئالاقىسى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمىز. ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىناق-ئىجىل ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىمىز. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىنى ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سالىدىغان بارلىق سۆز–ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ھەر قايسى مىللەتلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك!

دىنلارنىڭ ئىناقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز. شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدۇر. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بىرىشتە چىڭ تۇرىمىز، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىمىز. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىمىز. «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ،«ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى سىجىل، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق-تېررورلۇق پەيدا بولىدىغان، يامرايدىغان تۇپراقنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىمىز. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي خادىملارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىنلارنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە زورايتىمىز. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاساسىي قاتلام 1-سېپىگە يۆتكىلىشىگە ئىلھام بىرىمىز. ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقى ۋە مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش ۋە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-يېزىلاردا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى تولۇق ئومۇملاشتۇرىمىز. شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز. كۆپ خىل شەكىلدىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ياخشى تەييارلىق قىلىپ ئۆتكۈزىمىز. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەيرىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرىمىز.

10) خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز

ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر–يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، قىيىنچىلىقى بارلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتىمىز. كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىن 3 يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىڭتۇەنگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇۋاتقانلارنى «بىرگە بىر» ياردەم بىرىپ يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىن كەم دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرىمىز، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۈگىتىلگەندىن كېيىنكى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جايلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئىشلەيمىز. بۇ يىل شەھەر–بازارلاردىكى 450 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم/قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مائارىپ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. يېزىلارنىڭ يەسلى مائارىپىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز. شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشى ۋە مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايون ھەمكارلىشىپ قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، شىخەنزە داشۆسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تولۇق تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەل جايىدا ياردەم بىرىش ۋە پەرقلىق ياردەم بىرىشنى يولغا قويىمىز. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتىلغان تەمىنات سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قۇرۇلما خاراكتېرلىك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مائارىپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.

داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويىمىز، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش ئارخىپىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە داۋالاش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بىرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل، نۇقتىلىق يەرلىك كېسەل، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-قۇتقۇزۇش-داۋالاش سالمىقىنى زورايتىمىز. دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. داۋالىنىشنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش كاپالىتى سەۋىيەسىنى پۇختا ئۆستۈرىمىز. ساغلاملىق، كۈتۈش كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا قارىتا ساقلىقنى ساقلاش-ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ مول، تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ باراۋەر، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ساغلاملىق بەخت-سائادىتىگە ئېرىشتۈرىمىز!

شەھەر–يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر–بازارلارنىڭ كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز، كەپە رايونلارنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلاردىكى ئاممىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئۆيگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمىز، شەھەر-يېزىلاردىكى ئوتتۇرا–تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەر ۋە يېڭىدىن كۆپەيگەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شەھەر– بازارلاردا قۇرۇلۇش يېرى بىلەن نوپۇسقا ئېلىنغانلارنىڭ كۆلىمىنى ئۆزئارا چېتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونىدىن يۆتكەلگەنلەرنىڭ شەھەردە نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغايمىز. تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سېتىۋېلىش–ئىجارە ئېلىش تەڭ يولغا قويۇلغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆي–زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق يېزا-بازار، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ بولىمىز. «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» قۇرۇش قەدىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىر تورىنى بىرىكتۈرۈش ۋە ئوخشاش توردا ئوخشاش باھا بولۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، توك پارىنى كېڭەيتىش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشتىن تېخىمۇ تولۇق بەھرىمەن قىلىمىز.

ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش غەملەشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز. ياشانغانلار، مېيىپلەر، روھىي توسالغۇ بىمارلىرى قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. ياشانغانلارنى كۈتۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرلەردە ياشانغاندا كۈتۈنۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىمىز. «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بېقىش سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش–مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتىنى   ئۆستۈرىمىز.

بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش-جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى قەتئىي توسىمىز. بىخەتەرلىك ئۇل كاپالىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش، ھاۋارايى، گېئو ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز. يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېمەك-ئىچمەكتىن تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدىغان، دورا ئىشلىتىشتىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلمايدىغان، تۇرمۇشتىن تېخىمۇ ھوزۇر ئالىدىغان ئىمكانىيەتكە تىرىشىپ ئىگە قىلىمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش ــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، ھۆكۈمەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيىتى. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، بىڭتۇەننىڭ زورىيىشى شىنجاڭنىڭ زورىيىشى، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، رايونلارنىڭ ماسلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نوپۇس بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، چېگرا رايونلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى مۇجەسسەملەيدىغان چوڭ پېچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈلگىلىك رايون بولۇش فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللايمىز. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزۈكسىز ئۇرغىتىشىنى قوللايمىز. بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايوننى تەڭ قوغدايدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ تەڭ بەرپا قىلىدىغان، بايلىقلاردىن تەڭ پايدىلىنىدىغان، ئەۋزەللىكلەردە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىش ــ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنىڭ تولۇق نامايەندىسى. شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بىرىش يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال ماسلىشىپ، شىنجاڭغا ياردەم بىرىش مەبلىغىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە، ناھىيەدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلامغا سېلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە-شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بىرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. شىنجاڭغا ياردەم بىرىش خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىدە ئۈزۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مائارىپ، داۋالاش، پەن–تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ھەر جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم دۆلەت مۇداپىئەسى ئىستراتېگىيەلىك توسۇقى، چېگرانىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى پولات سېپىلنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بىرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ خەلقنى سۆيۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەملەيمىز! ھەربىيلىكنى پۈتكۈل جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! باش شۇجى شى جىنپىڭ: «دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى» دەپ كۆرسەتتى. يۇقىرىقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە مەدىتىنى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، مىنۇت-سېكونتنى قولدىن بەرمەي، خىزمەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

سىياسىي قۇرۇلۇشنى 1-ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ تۈپ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەرمانىنى راۋان ئىجرا قىلىشقا ۋە بۇيرۇقىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرىمىز.

ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمىز. ئومۇمەن بازار ئۆز ئالدىغا تەڭشىيەلەيدىغانلىرىنى بازارغا، كارخانا قىلالايدىغانلىرىنى كارخانىغا بىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقنى بىۋاسىتە تەقسىملىشىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمىز. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئاپپارات قۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، فۇنكسىيەنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بىرىپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، «غورىگۈل كۈن كەچۈرۈش» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەممە ئىشنى ئىقتىسادچانلىق بىلەن قىلىپ، ئادەتتىكى چىقىمنى قاتتىق تىزگىنلەپ ۋە كېمەيتىپ، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى» خامچوتىنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇتلەق ۋە نۇقتىلىق تۈر چىقىمىدىن باشقا چىقىمىنى بىردەك %5 تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەت بويىچە كېمەيتىمىز. 

قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. فۇنكسىيەسى ئىلمىي، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان، ئاشكارا-ئادىل، پاك-ئۈنۈملۈك، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، لەۋزىدە تۇرىدىغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. ئىلمىي يوسۇندا نىزام چىقىرىش، دېموكراتىك يوسۇندا نىزام چىقىرىش، قانۇن بويىچە نىزام چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى ھۆكۈمەتنىڭ نىزام چىقىرىشىغا قاتناشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام-قائىدىگە ئاشكارا پىكىر ئېلىش ۋە ئاممىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى ئاممىغا يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرىمىز. مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئېلان قىلىش، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى پۈتۈن جەريانلىق خاتىرىلەش ۋە چوڭ-چوڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىغا ئائىت قارارلارنى قانۇن-تۈزۈم نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمىز. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي جازا ئۆلچەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ۋە دەۋاغا چىقىش خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز.

ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىمىز. «ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئىستىل»،«تۆت كەيپىيات»نى، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى بوشاشماي تۈزەپ، خىزمەتتە كۆپتۈرمىچىلىك، يۈزەكىلىك، شەكىلۋازلىقتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ناچار، داۋراڭ كۆپ، ھەرىكەت ئاز بولۇش ئەھۋالىنى تۈگىتىپ، «10 نى قىلىش، 10 نى قەتئىي مەنئى قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىستاتىستىكا نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز. سادىق بولۇش ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەتتە ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە تولۇق ئادا قىلىمىز. ئوبراز قۇرۇلۇشى، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى قىلمايمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىمىز. ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىستىلىمىز بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز. ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، بىلىمىمىزنى تولۇقلاپ، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىش، يېڭى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزۈكسىز ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش قابىلىيىتىمىزنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بازار ئىگىلىكىنى ئىگىلەش ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى، سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز. ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى بازار چارىسى ۋە بازار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىشنى ئۆگىنىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمىز. دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن تولۇق ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلققە بەخت يارىتىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرىمىز.

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىمىز. شىنجاڭ گەرچە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇۋاتقان، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە قىلچىمۇ ئالاھىدە بولۇۋېلىشقا بولمايدۇ، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرىمىز. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى تۈرلۈك چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى مۇستەھكەملەپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇقەددەس بۇرچىمىز بىزگە ئىلھام بەرمەكتە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئىستىكى بىزنى چاقىرماقتا. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى سەپىرىدە باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى! ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باياشات، مەدەنىي، ئالغا ئىلگىرىلىگەن ۋە خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ