تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
ختاي ھۆكۈمىتى -ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرستان تارىخى مەسلىسدە، ختاينىڭ سياسى ۋە مىللى مەنپەئىتى نۇقتسدىن چېقىش قىلىپ، تارىخى پاكىتلار ۋە ئىلمى ئاساسلارغا قارشى ھالدا تارىخ ئويدۇرۇپ چىقتى، ياكى تارىخنى بۇرمىلىدى.
ختاينىڭ ئۇيغۇرستان تارىخىدىكى مەيدانى مۇنداق بىر نەچچە تەرەپتە گەۋدىلىنىدۇ:
بىرىنچى: شنجاڭ دىگەن بۇ تۇپراق-ئەزەلدىن ختاينىڭ بىر پارچىسى.
چۈنكى بۇ يەرگە ختايلار باشقۇرۇش رايونى تەسس قىلغان.
ئىككنچى: ئۇيغۇرلار-بۇ زېمىندىكى ئاز سانلىق خەلق.
ئۇيغۇرلار بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى ئەمەس.ئۇيغۇرلار باشقا، قازاق، موڭغۇل، قىرغىزلار بىلەن ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھىچقانداق پەرقى مەۋجۇت ئەمەس.
ئۈچىنچى: ئۇيغۇرلار بىر كۆچمەن خەلق:
ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە يەرلىك ئەمەس، ئۇيغۇرلار شنجاڭغا موڭغولىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن.
ختاينىڭ شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى تونۇشتۇرغان ئۆلچەملىك قانۇنى ھۈججىتىدە مۇنداق دىيىلگەن:«
«شىنجاڭ قەدىمدە «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتالغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى چېگرا رايون دېگەن مەنىدە، قەدىمدىن تارتىپلا ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 138- يىلى بۇرۇنلا خەن ۋۇدى جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، غەربىي خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى شەھەرلەر ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورناتقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى غەربىي خەن ھاكىمىيىتى ۋولىيىدە (بۈگۈنكى بۈگۈر دائىرىسىدە) غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. بۇ شىنجاڭ رايونىنىڭ جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1884- يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا رەسمىي ئۆلكە تەسىس قىلىپ، «قەدىمىي ماكاننىڭ يېڭىدىن قايتىپ كېلىشى» دېگەن مەنىدە غەربىي دىيارنىڭ نامىنى «شىنجاڭ» دەپ ئۆزگەرتكەن. 1949- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىپ،شنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈردى. 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى (موڭغۇل تىلىدا گۈزەل يايلاق دېگەن مەنىدە) قىلىپ بېكىتىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈللىنىپ راۋاجلىنىش، ئىتتىپاقلىشىپ يۈكسىلىشنىڭ شانلىق تارىخىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقتى.»
»