يانۋار 3, 2025
ئۇيغۇرىيە

ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرىيە، ئۇيغۇرستان، شەرقى تۈركستان قاتارلىق ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىدۇ.

ختايچە رەسمى نامى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئاسىيا- ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، ختاينىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا،، ئومومىي كۆلىمى 1مىليون 664مىڭ 900كۋادىرات كىلومېتىر، ختاي خەلق جۇمھۇرييتىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ختايدا، تېبەت چىڭخەي، گەنسۇ بىلەن قوشنا. موڭغۇلىيە، روسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق 8 دۆلەت بىلەن چېگرىداش. قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5700 كىلومېتىردىن ئارتۇق، ختاي قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ

مەمۇرى ئەھۋالى:
ختاينىڭ ئۇيغۇرستاننىڭ مەمۇرى ئەھۋالىغا قاراتقان سياستىدە ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدىلىك بار:
1-ئ‍شلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش كورپۇسى:

ختاي ئۇيغۇرستاننى مۇستەملىكە ھالىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ختايدىكى ھىچقانداق رايون ياكى ئۆلكىگە ئوخشمىغان ھالدا مۇنتىزىم ئارمىيەدىن باشقا ئ‍شلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش كورپۇسى قۇرۇپ، ھەر بىر ۋىلايەت-شەھەرنىڭ ئاھالىسى ۋە يەرلىرىنى كونترۇل ئاستىغا ئىلىشقا ئۇرۇنغان.
2-بەش ئاپتونوم ئوبلاست ئارقىلىق بۆلۈپ ئىدارە قىلىش

ختاي ئۇيغۇرستان زېمىنىنى مۇستەملىكە ئاستىدا باشقۇرۇشقا ئ‍اسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزگىچە ۋە پەرقلىق رايونلارغا ئايرىغان.
ختاي-ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زىمىندىكى تەسر كۈچىنى چەكلەش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن ئىچكى مەسلە يارىتىش ۋە قارشىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوخشمىغان بەش ئاز سانلىق خەلق ئۈچۈن بەش ئايرىم ئاپتونوم ئ‍وبلاست قۇرغان.

3-نۆۋەتتە ختاي نوپۇسنى كۆچۈرۈش ۋە ئۇيغۇر نوپۇسنى تارقاقلاشتۇرۇش

ھازىر 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر ) بار، بۇ 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 5 ۋىلايەت ۋە ئۈرۈمچى، قاراماي، تۇرپان، قۇمۇلدىن ئىبارەت 4 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىي 107 ناھىيە (شەھەر، رايون) بار، بۇ 66 ناھىيە، 28 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، 13 شەھەر قارمىقىدىكى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە 6 ئاپتونوم ناھىيە، 34 چىگرا ناھىيە (شەھەر) بار؛ 1127 يېزا – بازار (كوچا باشقارمىسى) بار، بۇ 478 يېزا، 444 بازار، 205 كوچا باشقارمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 42 مىللىي يېزا بار؛ 11 مىڭ 777 كەنت (مەھەللە) بار بولۇپ، 8891 مەمۇرىي كەنت، 2886 مەھەللىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاتالمش شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھازىر 14 شى، بىڭتۇەن باشقۇرۇشىدىكى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 11 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، 56 ئىشتاتلىق بازار، 179 تۇەن- مەيدان بار بولۇپ، رايوندىكى 14 ۋىلايەت (شەھەر، ئوبلاست) كە گىرەلەشمە شەكىلدە تارقالغان، تەۋەلىك كۆلىمى تەخمىنەن 70 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى:

ئۇيغۇرىيەنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى «ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى ئىككى ئويمانلىق» دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. شىمالدا ئالتاي تېغى، جەنۇبتا كۇئېنلۇن تېغى بار، ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تەڭرى تېغى ئۇيغۇرىيەنى جەنۇب ۋە شىمال ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تۇرىدۇ، ئادەتتە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب تەرىپى جەنۇبىي ئۇيغۇرىيە «شىنجاڭ»، شىمال تەرىپى شىمالىي ئۇيغۇرىيە « شىنجاڭ » دەپ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئۇيغۇرىيەدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى 530 مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، نۆۋەتتە ختايدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقى ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، ختاي بويىچە ئەڭ چوڭ ۋە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2575 كىلومېتر بولۇپ، نۆۋەتتە ختايدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى دەريا. شىمالىي ئۇيغۇرىيەدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، ختاي بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. تەڭرى تېغىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدە «ئوت يۇرتى» دەپ نام ئالغان تۇرپان ئويمانلىقى ۋە «چېگرا بوستانلىق» دەپ نام ئالغان غۇلجا ۋادىسى بار. تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان ئايدىڭكۆل دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتر تۆۋەن بولۇپ، ختاي قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن جايى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرىيەدىكى كۆللەرنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 10 مىڭ 700 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باغراش كۆلىنىڭ سۇ دائىرىسى تەخمىنەن 1000 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ختايدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى بوستانلىقنىڭ كۆلىمى 143 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇيغۇرىيە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %8.7 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي بوستانلىق كۆلىمى 81 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، بوستانلىق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %56.6 نى ئىگىللەيدۇ. نەم يەر ئومۇمىي كۆلىمى 39مىڭ 500 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە ختايدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
  ئۇيغۇرىيە تىپىك مۆتىدىل چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋاسىغا تەۋە بولۇپ، ھۆل – يېغىن بەك ئاز، پارغا ئايلىنىش مىقدارى چوڭ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل- يېغىن مىقدارى 170.6 مىللىمېتىر. رايون ئىچىدە جەمئىي 3355 دەريا بار، ئىچىدە يىللىق ئېقىم مىقدارى 1 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان دەريادىن 18 ى، 10مىليا كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان دەريادىن 3 ى بار (تارىم دەرياسى، ئىلى دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى). زاپاس مۇز مىقدارى 2تىرلىيون130 مىليارد كۇب مېتىر، پۈتۈن مەملىكەت زاپاس مۇز مىقدارىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، «قاتتىق سۇ ئامبىرى» دېگەن نامغا ئىگە. كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ بايلىقى مىقدارى 83 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يەر ئۈستى سۈيى 79 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر، يەر ئاستى سۇيى 4 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %3 نى ئىگىلەيدۇ. سۇ بايلىقىنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تەكشىسىز بولۇپ، غەربتە كۆپ، شەرقتە ئاز، شىمالدا كۆپ، جەنۇبتا ئاز، تاغلىق رايوندا كۆپ، تۈزلەڭلىكتە ئاز. ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقتا بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ كۆلىمى 1 مىليارد مو بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ 1\10 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 78 مىليون 634مىڭ 300 مو، ئورمان يېرى كۆلىمى 134 مىليون مو، ئوتلاق كۆلىمى 748 مىليون مو بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 5 چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى. يىللىق كۈن چۈشۈش ۋاقتى 3200~2300 سائەتكىچە بولۇپ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەھەتتە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە.
  ئۇيغۇرىيەنىڭ بىئولوگىيە بايلىق تۈرلىرى كۆپ ۋە سورتلىرى ئالاھىدە. ھازىر بار بولغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار 730 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ياۋايى ھايۋانلار ئومومىي مىقدارىنىڭ 11 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار 178 خىل بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %18 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان 45 خىل، دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان 133 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ياۋا ئېتى، شىزاڭ ياۋا ئېشىكى، يىلپىز قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارمۇ بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 4000 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر تۈرىگە كىرگۈزۈلگىنى 9 خىل بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك 1 خىل، دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك ياۋا ئۆسۈملۈكتىن 8 خىلى بار بولۇپ، چاكاندا، لوپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا، سوفىگۈل، قانتېپەر، توشقان زەدىكى، قارلەيلىسى، ئالىقات قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان بولۇپ، سورتلىرى ئېسىل. ئۆزگىچە مېۋە تۈرلىرى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە 214 خىل ئېسىل سورت بار، تۇرپان ئۈزۈمى، كورلا نەشپۈتى، قومۇل قوغۇنى، ئاقسۇ ئالمىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا تارقالغان چىلان، ياڭاق، ئۆرۈك، ئانار، ئەينولا، ئەنجۈر، بادام، ئالىقات، جىغان قاتارلىق داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ نامى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا تارقالغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «مېۋە- چېۋە  ماكانى» دېگەن نامى بار.
ئۇيغۇرىيەنىڭ كان بايلىقلىرىنىڭ تۈرى تولۇق، زاپىسى كۆپ، ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇپ ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. ئاپتونوم رايون ئىچىدە بايقالغان  كان بايلىقلىرى 152 خىل بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بايقالغان كان تۈرىنىڭ %87.86 نى تەشكىل قىلىدۇ. تەكشۈرۈپ بايقالغان كان زاپىسى بار كان مەھسۇلاتلىرىدىن 98 خىل بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %60.49 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە مەنبەسى كان مەھسۇلاتى 7 خىل، مېتال كان مەھسۇلاتى 34 خىل، مېتالدىن باشقا كان مەھسۇلاتى 57 خىلغا يېتىدۇ. زاپىسى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى 13 خىل، ئالدىنقى بەشىنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغىنى 56 خىل، ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغىنى 76 خىل. پۈتۈن شىنجاڭدىكى كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى باھالاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ نېفىت بايلىقى 23 مىليارد توننا بولۇپ، مەملىكەت قۇرۇقلۇق نېفىت مىقدارىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدۇ، تەبئىي گازنىڭ مۆلچەردىكى مىقدارى 16 تىرلىيون كۇب مېتر بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق تەبئىي گاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 34 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆمۈرنىڭ مۆلچەردىكى مىقدارى تەخمىنەن 2تىرلىيون19مىليارد توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۆلچەردىكى مىقدارىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، كۆمۈر قەۋىتىنىڭ مۆلچەردىكى مىقدارى 9 تىرلىيون 510 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆمۈر قەۋىتى زاپاس مىقدارىنىڭ %26 نى ئىگىلەيدۇ. تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، ئالتۇن، خۇروم، نىكېل، ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار، تۇز تۈرىدىكى قېزىلما بايلىقلار، فتورىت قاتارلىق قېزىلما بايلىقلارنىڭ زاپىسى مول.
ئۇيغۇرىيەنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقى مول، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور. تەبئىي مەنزىرىسى ئالاھىدە، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن ئېگىز تاغدىكى كۆل بۇغدا كۆلى، دۇنيانىڭ باغچىسى دەپ تەرىپلىنىدىغان قاناس كۆلى، يېشىللىق كارىدورى تۇرپان بۇيلۇق، بوشلۇقتىكى يايلاق نارات، گېئولوگىيەلىك ئاجايىپ مەنزىرە – كۆكتوقاي قاتارلىقلار بار. 2013 – يىلى، ختاي «شىنجاڭ تيانشان»نى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم – پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا تەبىئىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. 2018- يىلى، ئالتاي شەھىرىگە «جۇڭگو قار شەھىرى» دۆلەت كىلىمات بەلگىسى بېرىلدى. تارىخىي مەدەنىيتى چوڭقۇر بولۇپ، 5000 كىلومېتردىن ئارتۇق قەدىمكى «يىپەك يولى» نىڭ جەنۇبى،شىمالى ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ يولدا نۇرغۇن قەدىمىي مەدەنىيەت خارابىسى، قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە مىڭ ئۆي قاتارلىق مەدەنىيەت مەنزىرىلىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە يارغول قەدىمىي شەھىرى، كرورەن قەدىمىي قەبرىستانلىقى، قىزىل مىڭ ئۆي قاتارلىقلار جۇڭگو ۋە چەتئەلگە داڭلىق. ئاپتونوم رايون بويىچە يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 9542 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورنىدىن ئالتىسى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 133 ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 620 سى، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 95 ى بار بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى ۋە مۇھىم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى. مىللىي ئۆرپ – ئادەت قويۇق، مىللەتلەر مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنتەربىيە، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. مىللىيچە ئۇسسۇل رەڭگارەڭ بولۇپ، «ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ