دېكابىر 26, 2024
مائارىپ،education

مائارىپ،education


قادىر گايىز قارلۇقى

قومۇل -تارىختا ‹‹قوغۇن ماكانى ››دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان مەملىكەت ئىچى- سىرتىغا داڭلىق بولغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىگە ،غەرپ بىلەن شەرىقنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يىپەك يولىغا جايلاشقان، تارىختا غەربى يۇرتنىڭ شەرقى دەرۋازىسى دەپ نام ئالغان مەشھور يۇرت.بۇ دىيار گۈزەل باغۇ-بوستانلىق ئوراپ تۇرغان تۇپرىقى مۇنبەت ، قېزىلما بايلىقلىرى مول ۋە مەشھۇر مەدەني يادىكارلىقلىرى  جاھان ئەھلىگە تونۇش بۈلغان قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتى . قومۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە گۈللەنگەن ئوردا مائارىپ ،ئىسلام دىنى مەدرىسسى مەدرىس مائارىپ بولۇپ شەكىللەنگەن .بۇ ۋاقىتتىكى مائارىپتا ئۇيغۇر،تۈرك ،ئەرەپ-پارىس تىللىرىدا تارىخ ،جۇغراپىيە.ماتىماتىكا، ئاستىرنومىيە قاتارلىق پەنلەر ئاساس قىلىناتتى ، بۇ ۋاقىتتىكى مائارىپنىڭ سەمەرىسى بولغان- مەشھۇر ئالىملار ،تىلشۇناسلار ،يازغۇچى شائىرلار ،ئەل نەغمە سەنئەتكارلىرى ،باتۇر- ئەزىمەت ،داڭلىق ھۈنەرۋەن تېۋىپلار يېتىشىپ چىققان ئىدى .20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە ۋىجدانى ئويغاق ۋەتەنپەرۋەر ، خەلقپەرۋەر ،مەرىپەتپەرۋەر داڭلىق زاتلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاتاقلىق باش رەھبىرى ،سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۆمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان خوجانىيازھاجىنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۆمەت 167-قېتىملىق ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ،مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى ماقۇللىنىپ قومۇل ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىپ كۈچ چىقىرىش ،مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى نەتىجىسىدە ۋاڭلىققا قاراشلىق قەدىمىي شەھەر قارادۆۋەدە تۇنجى بولۇپ ،1937-يىلى شۆتاڭ باشلانغۇچ مەكتەپ (ھازىرقى مەدرىس مەسچىتىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپى)قۇرۇلغان .
قارادۆۋە يېزىسىنىڭ لاپچۇق باشلانغۇچ مەكتىۋىمۇ 1937-يىلى  قۇرۇلغان .مەكتەپ مۇدىرى ئەمەت سەمىرى بولغان .
     قارادۆۋىدە شۆتاڭ باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن قومۇل ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىپ كۈچ چىقىرىشى بىلەن قومۇل ئۇيغۇر  ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى قارلۇق غول ئېتىگىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋەتەنپەرۋەر دىننىي زات ،تۇرپاندا داڭلىق موللىلاردا ئوقۇغان قومۇل ئاخۇنلۇقتا ئوقۇپ ئاخۇنۇم بولغان ،جۈملىدىن ئۆزبېكىستاندىكى تاشكەنىتلەدە ئوقۇپ بىلىم ئالغان ئىلغار ئىدىيەلىك ساۋۇرئېلىنىياز ئاخۇنۇمنى مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلغان، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن مەكتەپ سېلىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان .شۇنىڭ بىلەن 1937-يىللىرى تاشكەنىت ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇپ ،1938-يىلى ئوقۇش پۈتتەرگەن غۇلجىلىق مەخسۇدىي ئەپەندى ،قومۇل شەھەر ئىچىدىن تاھىر بوسۇق ،يەھيا قارىي ،ئەمەت روزى ،ئابلىمىت ،كورلىدىن كەنجى ئاخۇن ، قومۇل قارادۆۋىدىن ساۋۇر ئېلىنىياز ،نىياز دەردا (چۇجاڭ )قاتارلىقلار دىننى مەدرىسى پەننىي ئوقۇغان .ئىلغار ئىدىيەلىك ئوقۇمۇشلۇق زاتلار ،بۇ قارادۆۋە شوتاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەكلىپ قىلىنغان .شۇندىن ئېتىبارەن بۇ شوتاڭ باشلانغۇچ مەكتىپگە كۆپلىگەن زىيالىيلارنىڭ  كېلىشى بىلەن دىننىي مەكتەپ- مەدرىسىنى ، پەن ئوقۇتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يەتتە نەپەرگە ،سىنىپ سانى ئىككى (ئوغۇللار بىر سىنىپ ،قىزلار بىر سىنىپ )گە ھەربىر سىنىىپتا 50~100نەپەرگىچە.يەنە  لاپچۇق مەكتىپمىزدىمۇ قىز-ئوغۇللار بولۇپ 70 نەپەرگە يېتىپ قىز – ئوغۇللار باراۋەر ئوقۇيدىغان مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقتى .بۇ مەزگىلدە  قانخور جاللات شىڭ شىسەي ئىلغار زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلىش دولقۇنىدا ئىككى يىلغا يېقىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ،ئەۋلادلارغا يۇرەك قېنىنى سەرپ قىلغان مەكتەپ مۇدىرى ساۋۇر ئاخۇنۇمنى مەكتەپ مۈلۈكىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەن دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ ئاخۇنۇملۇق مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. 1939-يىلى غۇلجىلىق تاشكەنىتتە ئوقۇغان مەخسودىي ئەپەندى مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىنغان .بىر يىل مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا مەكتەپتىكى دىننىي-پەننىي دەرس بېرىدىغان زىيالىيلارنى ياخشى باشقۇرىشنى كۈچەيتىپ قارادۆۋە مائارىپىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان .
1940~1943يىلىغىچە شەھەر ئىچىدىن تاشكەنت ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇغان تاھىر بوسۇق مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ  قىلىنىپ ئۈچ يىل مەكتەپ مۇدىرى بولغان .بۇ مەزگىللەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋەر ئەزاسى جاڭ دۇڭيۇ قومۇل مەمۇرىي مەھكىمە مائارىپ بۆلىمىنىڭ باشلىقى بولۇپ يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن ،مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات سالمىقىنى ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتتى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ،تىياتىر ، كومىدىيە ،ئىتوت قاتارلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەييارلاپ ،كەڭ ئاممىغا كۆرسىتىش ئارقىلىق ،مەدەنىيەتنى ،يېڭىلىقنى جانلىق تەشۋىق قىلغان .كونىلىق- نادانلىق خۇراپاتلىققا قارشى تۇرغان .بۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇنلىغان ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنى بەس- بەستە مەكتەپكە بېرىدىغان خوشاللىنارلىق ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىغان .1942-يىلى قومۇل ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاقارتىش ئۇيىشمىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن 12نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلغان،تولۇقلاپ تەكلىپ قىلغانلار7 نەپەر بولۇپ جەمئىي 19 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋىلايەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قارادۆۋە شۆتاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.بۇ ۋاقىتتا سىنىپ سانى 8 (ئوغۇللار4سىنىپ، قىزلار3سىنىپ، چوكانلار1سىنىپ  ‹‹نىكاھلىنىپ بولغانلار›) بولۇپ 361نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇغان.ئوقۇغۇچىلار 4-سىنپقىچە ئوقۇش قارار قىلىنغان. بۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن شەھەرئىچىدىن ئابدۇقادىر ئاسىپ(1924-يىلى قومۇل شەھەر ئىچى يېزىسىدا تۇغۇلغان،خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبى بىلەن 1960-يىلى قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكۇمنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى،1970-يىلى قومۇل ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن بولۇپ،1980-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ سېكرىتارېلىق،ئاكادىمىيە باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ دەم ئېلىشقا چىققان.) ئابدۇقادىر مىرشاھ ،ئابدۇراخمان ئارسلان، شەھەر ئەتراپىدىن ئابدۇكېرەم مىرشاھ، ئابدۇراخمان ئويۇپ، نومدىن مەمەياز ئەپەندى.ئاستانىدىن تۆمۈر ئەپەندى ،قارادۆۋىدىن تاشكەنىتتە ئوقۇغان نىياز دەردا(چۇجاڭ)،ئابدۇرىشىت ئىلياز ،ئىبرايىم تۆمۈر ئەپەندى ،ھەمدۇل ناسىر ، سالى باقىنىياز(سوق) قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزبىكىستاننىڭ تاشكەنىت ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇغان ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلار دەرس ئۆتكەن ، ئوقۇتقۇچىلار سەرخىل بولغاچقا قارادۆۋە ئۇيغۇر مائارىپىدا گۈللىنىش تەرەققىياتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك   بولۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ –ئوقۇتۇش ئىشلىرى  سىجىل يوقىرى كۆتۈرۈلدى .شۇنداقلا   مەكتەپ مۇدىرى تاھىر بوسۇق قارادۆۋە خەلقىنىڭ مىللىي مائارىپى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.قارادۆۋە خەلقى بۇ مەشھور شەخىسنى  مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.
        1943-يىلى ھەبىيبۇل ئابدۇللا مەكتەپكە مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىنغان .بىر يىل مۇدىر بولغان .بۇ ۋاقىتلاردا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتلىرىگە قارشى ئازاتلىق كۆرىشى غەلىبىگە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋالىنى كۆرگەن جاللات شىڭ شىسەي ئۆزىنى گومىنداڭ ھاكىميېتىنڭ قوينىغا تاشلاپ شىنجاڭدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنى ۋە قوللۇغىچى ئىلغار ئىدىيەلىك زاتلارنى ۋەتەنپەرۋەر مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىمىلارنى تۇتقۇن قىلدى ۋە تۈرمىلەرگە قامىدى ۋە يوشۇرۇن قەستلەپ ئۆلتۈردى.بۇ مەزگىللەردە ۋەزىيەت قالايمىقان بولسىمۇ قارادۆۋە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئوقۇ –ئوقۇتۇش ئىشلىرى يەنىلا ياخشى ئېلىپ بېرىلدى ،بىر قاتار تۈزۇملەر بېكىتىلدى.                                             
1944-يىلى توختئىمەت سۈۋۈر مەكتەپ مۇدىرلۇق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىنغان،بىر يىل مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ مەزگىلدە دەرىسلىكلەر سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ تىل-ئەدەبىيات،ھېساب،تارىخ، جۇغراپىيە،  تەبىئەت، سىياسەت،ئەخلاق،تەنتەربىيە قاتارلىق پەنلەردىن دەرس ئۆتكەن.ئۇ چاغلاردا مەكتەپ تۈزۈمى قاتتىق بولۇپ، مەكتەپ تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا،تىرىشىپ ئۆگەنمىگەنلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ،باشقىلارغا ئۆز ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئۇ چاغلاردا ئەخلاقلىق بەك تىرىشچان ئىدى، شۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنىت ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇغان،دىنني دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى،ئالىي بىلىم يۇرتى،مەشھۇر مەدرىسلەردە تەلىم ئالغان دىنني ئالىملارمەدەنىيەت سەۋىيەسى ، دەرس ئۆتۈش مىتوتى يوقۇرى قابىل ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بۇ قابىل ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ مۇدىرى باشچىلىقىدا قارادۆۋە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن ۋەزىيەتنىڭ ئىنچىكە بولۇشىغا قارىماي قارادۆۋە خەلقىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
1945-1948- يىللىرى ئەمەت ساۋۇت مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىنغان .ئۈچ يىل مەكتەپ مۇدىرى بولغان.بۇ ۋاقىتلاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاق تېرورلۇق ھەركىتى يۈرگۈزۈپ،ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى خاتىرجەم ياشىغىلى قويمىدى،بۇنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار زىيانكەشلىككە ئۈچرىدى،ئوقۇتقۇچىلار تەمىناتى ئۈزۈلۇپ قالدى.يەنە بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار جان بېقىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپلەرگە تارىلىپ كېتىپ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار يىلدىن-يىلغا ئازايدى،مەكتەپ تاقىلىش گىردابىغا باردى.مەكتەپ مۇدىرى ئەمەت ساۋۇت كۆپ ئىزدىنىپ ،جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلىدى، ئوقۇتقۇچىلار ھەرخىل قىيىنچىلىققا دۇچار بولسىمۇ ،دەرس ئۆتۈشكە دەۋەت قىلدى،ئۇ ئازبولمىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتتى ،ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى،چىرىكلەشكەن گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت مىللىي مائارىپقا توسالغۇ بولۇپ مەكتەپلەرنى تاقاپ قويدى.
  1949- يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى بىلەن ماس قەدەمدە قارادۆۋە ئۇيغۇر مائارىپىمۇ قايتا گۈللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
      1950-1954-يىللىرى ئىسمايىل ياقۇپ مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىندى .5يىلدىن ئارتۇق  مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .بۇ ۋاقىتتا مىللىي مائارىپ ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەكتەپ قايتىدىن ئېچىلدى .ھەر ساھە پارتكوم ھۆكۈمەتلەر ئاساسىي مائارىپ تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ ، ھەر مىللەت خەلقىنى نادانلىقتىن قۇتقۇزۇپ ،كۆپلىگەن بىلىملىك مەدەنىيەتلىك دەرس تايانچىلىرى ئوقۇش سېپىگە سەپلەندى .تەكلىپ قىلغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ ۋاقىتتا 16 نەپەرگە يەتتى .تەشۋىق تەربىيە خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەندى .ئوقۇغۇچىلار ھەر بىر سىنىپتا 50نەپەردىن ئۈچ سىنىپ ئوقۇغۇچى بولۇپ جەمئىي 150نەپەرگە يەتتى .1952-يىلى ئوقۇغۇچىلار كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ  سىنىپ ئىشخانا يېتىشمەيدىغان ئەھۋاللار يۈز بەردى .خەتەرلىك قۇرۇلىشلار قايتىدىن رېمونىت قىلىندى،ئوقۇ-ئوقۇتىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەندى .مەكتەپ مۇدىرى ئىسمايىل ياقۇپ ،قارادۆۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن ، كەلگۈسى بىر ئەۋلاد ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بارلىقى ئۈچۈن ،ئۆزىنى بېغىشلىدى ۋە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى .
      1955~1958 يىللىرى يۈنۈس باقى مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزەپىسىگە تەكلىپ قىلىنىپ ،ئۈچ يىل مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى .1957-يىلىگە كەلگەندە پارتىيە ھۆكۆمەت ،مەكتەپلەرنى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىختىساتچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش چاقىرىقى يولغا قويۇلدى .بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ،مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلەرىنى تولۇقلاش ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ،مەدەنىيە ت جەھەتلەردە زور ئۆزگۈرۈشلەر ھاسىل بولدى .بۇ يېڭېلىقلارنى كۆرگەن ئىدىيەسى قاتمال ئاتا- ئانىلار پەرزەنىتلىرىنى مەكتەپكە ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى .شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتۇش ئىشلىرى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى .قارادۆۋە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزگىچە خىزمەتلەنى ئىشلەپ قارادۆۋە خەلقى ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى .1955~1958يىللىرى ئابدۇكېرەم شىرىپ قارادۆۋە يېزا لاپچۇق مەكتەپنىڭكى مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىندى .لاپچۇق مەكتەپتە بۇ يىللىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلدى . ئابدۇكېرەم شىرىپ لاپچۇق مەكتەپنىڭ ئوقۇ ئوقۇتىش ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى .
        1958~1960يىللىرىدا ئېلى ئۆمەر مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىندى .ئۈچ يىل مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئىشلىدى .بۇ ۋاقىتتا 1958-يىلىدىن ئېتىبارەن قارادۆۋە يېزىسىدا تۇنجى بولۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلدى .ئوقۇغۇچىلار 7-سىنىپقىچە ئوقۇيدىغان بولدى .بۇ ۋاقىتتا سىنىپ سانى ئالتە بولۇپ ھەر بىر سىنىپتا 45تىن 270نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇدى .ئوقۇتقۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ،ھەر قايسى شەھەر ۋىلايەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچى 12 نەپەرگە ،قارادۆۋە يېزىسىدا تولۇقسىز ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتەرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن توققۇز نەپەرنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلدى .ئالىي مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن قەشقەر پەيزىۋاتتىن ئەمەت ئوسمان ،ھامۇت تۇردى ،پىچاندىن مۇھەممەت بەكرى ،ئابلا ۋاجىت ،شەھەر ئىچىدىن ئەمەت يۈسۈپ ،شەھەر ئەراپىدىن  مۇھەممەت قادىر  ،لاپچۇقتىن ئابدۇللا ئەمەت ،قارادۆۋىدىن  قۇراياز بارات، ئىمىن غوجامنىياز ،قاسىم سۈۋىر قاتارلىق ئوقۇتقۇچلار بۇ شەرەپلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان . قارادۆۋە يېزىسىدا  تولۇقسىزنى تۇنجى بولۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتەرگەن 10 نەپەر ئوقۇغۇچى 1958-يىلى ئاپتونوم رايونى بويىچە تۇنجى ئېچىلغان ئۈرۇمچى كاڭ دا(كادىر يېتىشتۈرۈش ) ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان .ئۇلار ئىبرايىم ھاجى يۈنۈس ،ئەمەت يۈسۈپ (كەكە)  يۈسۈپ سوپى(جىرا)، لېتىپ ھەمدۇل(يەڭكەي)، قادىر ھاجى تۆمۈر(مالمان) ،مېلىكەم ھاجى قادىر (چىكەم ) ،ھاۋاخان ھاجى بوسۇق ،گۈلسۈم يارى(پالگان) ،ئاقايلا گۈلمەت(ئابلەتلەر) ،ئايىم تۆمۈر(خو) قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا چىققان .1960-يىلى 7-ئايدا ئىلى ،چۆچەك ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكتىن 1961-يىلى 9-ئايدا بۇ ئون نەپەر ئوقۇغۇچى ئىككى يىل ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن .قايتا ئوقۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن.
1960~1963يىللىرى ئىسھاق ئىسمائىل مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىنغان. بۇ مەزگىللەردە ،بولۇپمۇ  -1960يىللىرى كوپىراتىسىيەلىشىش ،گۇڭشېلىشىش،چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ،داجەيدىن ئۆگىنىش سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەركىتى ئېلىپ بېرىلدى .ئوقۇتقۇچىلار بۇ ھەركەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ،ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قوللاپ ،ئۆيلەرگىچە بېرىپ دېھقان – چارۋىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇتۇلدى. بۇ مەزگىللەردە ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ،كەنتتە كادىر ،يېزىدا دېھقان بولۇپ ئىشلىگەن .ئۇنىڭ ئۈستىگەئېلىمىزدە تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ ،خەلق تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتتى.شۇنىڭ بىلەن مائارىپنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغاچقا ،مەكتە پلەردە يېرىم كۈن ئوقۇتۇش ،يېرىم كۈن ئىشلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ . ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن جاپالىق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈردى . مۇشۇ  ۋاقىتلاردا مەكتەپ مۇدىرى ئىسھاق ئىسمائىل مەكتەپنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىدە قارادۆۋە مائارىپى ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەپ زور تۆھپىلەرنى قوشتى .
1963~ 1975 ئابدۇۋايىت ئابىت (1958~ 1962 يىللىرى لاپچۇق مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان)  مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلىندى .بۇ مەزگىللەردە تەبىئىي ئاپەت ۋە سولچىل ئىدىيىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى بىلەن ئېلىمىزدە ئاتالمىش ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ››مەكتەپلەرنى‹‹ بۇرژۇئا زىيالىيلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئورۇن›› ،ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹سېسىق توققۇزىنچى ››،‹‹ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندا ئاق قەغەز تاپشۇرۇشقا يوللۇق ››،‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززەت –ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرۇش كېرەك ››…. دېگەندەك خاتا سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ ،ئاتاقلىق مائارىپ پېشۋالىرى ،مەكتەپ مۇدىرلىرى ،پېشقەدەم ئۇستازلار تۆھمەتكە قېلىپ، جازالاندى .مەكتىپىزدىمۇ ئەڭ مۇنەۋەر، ئىقتىدارلىق ئۇقۇتقۇچىلاردىن ئىمىن غوجامياز قاتارلىق ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچى جازالاندى ،ھەم تۈرلۈك بېسىملارغا ئۇچرىدى. مائارىپچىلار ‹‹ئىشەنچسىز ››دەپ قارىلىپ ،مەكتەپلەر ئىشلەپچىقىرىش كەنتلىرىگە ،كەسپ ئەھلى بولمىغان دېھقان-چارۋىچى  قېرىنداشلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى .شۇنىڭ بىلەن قارادۇۋە مائارىپىدا ئوقۇتقۇچىلار كۈندىن –كۈنگە ئازىيىپ ،ئوقۇتقۇچىلار سانى40 نەپەرگە ،ئوقۇغۇچىلار سانى359 نەپەرگەچۈشۈپ قالدى . مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋەيران بولدى . شۇنىڭ بىلەن قارادۇۋە مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى چېكىنىپلا قالماستىن ،بىر تۈركۈم قارا ساۋاتسىزلار بارلىققا كېلىپ ،قارادۆۋىنىڭ مەدەنىي كەيپىياتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەپ  بولدى .
1963~1983 يىللىرى سەمەت باقى لاپچۇق مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلىندى .ئۇ بۇ جەرياندا لاپچۇق مەكتەپنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى .مەكتەپنى قايتا رېمونت قىلىش ،ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇقلاش ۋە ئارقا سەپ خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ ،لاپچۇق خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى .
1975~1980يىللىرى نىياز توختى مەكتەپ مۇدىرى بولدى . بۇ مەزگىلدە دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇھىتىدىكى تۇمانلار تارقاشقا باشلىدى . 1976-يىلى 10-ئايدا ‹‹تۆت كىشىلىك گۇرۇھ ›› تارمار قىلىندى . 1978-يىلى پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن ،مائارىپنىڭ  دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ۋە رولىنى ئېنىق كۆرسىتىلدى .شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت بويىچە ئىلىم –پەن يىغىنى  ،مائارىپ ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى .قارادۆۋە مائارىپىدىمۇ غايەت زور ئىلگىرلەشلەر بارلىققا كەلدى.مەكتەپ مۇدىرى نىياز توختى پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش سىياسىتىنى تۇتقا قىلىپ ،پۈتۈن زېھنىي كۈچىنى قارادۆۋە مىللىي مائارىپىغا قاراتتى .
ئۇ بىر قولدا ئوقۇتۇش ، بىر قولدا ئەمگەكنى چىڭ تۇتۇپ ، قارادۆۋە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ،ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتا تالاي قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كەلدى .
ئۇ مەكتەپتىكى بارلىق ئىشچى –خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ ، 6-كەنتتىكى ‹‹چىلتەنلىرىم››مازىرىدا  ئادەم كىرسە تېنى سىرقىرايدىغان بۇ توغراقلارنى ئۆزى بىۋاستە باش بولۇپ كېسىپ ، يېڭى مەكتەپ رايونى بەرپا قىلىشقا باشلىدى ،غوجامدىكى توغراقلارنى كەسكەن ئوقۇتقۇچىلار ‹‹مېنىڭ قولۇم ئەمەس ، نىياز توختى شوجاڭنىڭ قولى ›› دەپ كەسكەن ،بۇنى ئاڭلىغان نىياز توختى قىلچىمۇ ۋايسىمىغان .ئۇ 18  ئېغىزلىق  سىنىپ ، ئىشخانا ،ئامبار ،قاراۋۇلخانىدىن تەركىب تاپقان بىر يېڭى مەكتەپ بىناسى بەرپا قىلدى .
مەھەللىدىكى ئېتىز -ئېرىق ئىشلىرى ئۈچۈن ،چوڭ سىنىپلار ئورما قىلدى  ،كىچىك سىنىپلار باش (باشاق )تەردى .كەڭ ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار بۇ ئەمگەكلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى . ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە قارادۆۋە ئۇيغۇر  مائارىپىدا كۆلەم ۋە ئۈنۇم جەھەتتىن زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى.شۇنداقلا بۇ دەۋردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى يوقىرى كۆتىرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلگەچكە، قاھار زاكىر كەبى مەملىكەت ۋە خەلقئارادا تەسىرگە ئىگە مەملىكەتلىك روداۋچە چېلىشىش چىمپىيۇن ھەم تېرىنىرى يېتىشىپ چىقىپ قارادۆۋە مائارىپى ئۇچۇن زور شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۇردى.ئارقىدىنلا ،1979 –يىلى 9 –ئايدا قارادۆۋىدە تۇنجى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلدى .ئوقۇ –ئوقۇتۇش ئىشلىرى سىجىل كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەندى .
1980~1983 يىللىرى ئىسمائىل توختى مەكتەپ مۇدىرلقىغا ،ئىمىن غوجامنىياز ئىلمىي مۇدىرلىققا تەيىنلەندى . بۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي –ئىدىيە خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ ،مەملىكەت بويىچە ‹‹لېي فېڭ ›› روھىدىن ئۆگىنىش  پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى . ‹‹تۆت گۈزەل ››، ‹‹بەش بولۇش››  ،   ‹‹ ئۈچنى قىزغىن سۆيۈش ›› نى  ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق  ئىشقا ئاشۇرۇش مەكتەپ خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي يادروسى قىلىندى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ،ئوقۇ – ئوقۇتۇش ،تەربىيە خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى .مەكتەپتە تىرىشىپ ئۆگىنىش يوقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى . ماقالە ئوقۇش، ئوقۇغان ماقالىلەرنى ئۈنئالغۇغا ئېلىش ۋە رادىئودا ئاڭلىتىش ، قارا دوسكا (تام گېزىتى )چىقىرىش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى . بۇنىڭ تۈرتكىسىدە  1981- يىلى ياقۇپ ئىبراھىمنىڭ مەسئوللۇغىدىكى تۇنجى قارار  تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىن تۆت نەپەر ئوقۇغۇچى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا قاراپ يول ئېلىپ  . قارادۆۋە  ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى .ئۇلار رىزۋانگۈل زاكىر  (ياڭخى ) ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى )،قاھار سۇلايمان (قومۇل ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ماشىنلىرى  تەتقىقات  پونكىتىدا پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سېكرىتارى) قاتارلىقلار .ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوقىرىلاپ ئوقۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارئارىسىدا بەس- بەستە ئۆگىنىش كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈردى . ئارقىدىنلا 1982- يىلى يۈنۈس تالىپ سىنىپ مۇدىرلىق  قىلغان سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە بىر قېتىملىق زور غەلبىنى كۈتۈۋالدى .  بۇ يىل 12 نەپەر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت نەپىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتىتىغا قومۇل ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ يوقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈپ ، قارادۈۋە ئۇيغۇر مائارىپىغا شەرەپ كەلتۇرۇش بىلەن بىرگە، پۈتۈن قومۇل ۋىلايىتىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى . ئۇلار : بەگمەت  يۈسۈپ ( ھازىر ‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى ›ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇئاۋىن باش مۇھەررىر )،يۈنۈس توخنىياز(ھازىرقومۇل  ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىدە )  ،  قادىر رىشىت (ئاراتۈرۈك ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى  )،ياقۇپ ئەمەت ( ھازىر قارادۆۋە ئوقۇتۇش رايونىنىڭ مۇدىرى ). بۇ دەۋردە ئوقۇتقۇچىلار سانى 52 نەپەرگە ،سىنىپ سانى 18 گە ،ئوقۇغۇچىلار سانى 930 نەپەرگە يەتتى . مەكتەپ بىناسى يىلسېرى كېڭەيدى .. ئوقۇ – ئوقۇتۇش كۈنسايىن يوقىرى  كۆتۈرۈلدى .
ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا  تېگىشلىكى 1983-يىلى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئايرىپ باشقۇرۇلدى . ياقۇپ ئاۋۇت قارادۆۋە مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. 1983- يىلى 12- ئايدىن 1985 –يىلى 7 – ئايغىچە  ئىمىن غوجامنىياز قارادۆۋە ئوتتۇار مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .بۇ مەزگىلدە ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ۋە ئارقا سەپ خىزمەتلىرى چىڭ تۇتۇلدى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىش نىسبىتى ۋە تىرىشىپ ئۆگىنىش قىزغىنلىغى داۋاملىق يوقىرى بولۇپ . تۈركۈم –تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئوقۇشقا ماڭدى . قارادۆۋە  ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا  ئاتا -ئانىلار  مەكتەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتتى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىشلىرى داۋاملىق كۈچەيتىلدى .
1985 – يىلى 9- ئايدىن 1990 –يىلى 3-ئايغىچە ياقۇپ ئىبراھىم قارادۆۋە ئوتتۇار مەكتەپنىڭ  مەكتەپ مۇدىرى بولدى . ئوتتورا مەكتەپ يېڭىدىن ئېچىلغان بولغاچقا ، مەكتەپكە بارلىقىنى بېغىشلاپ ئىشلەش  زۆرۆر ئىدى. ‹‹بىر قولدا ئوقۇش ، بىر قولدا ئىش ››دېگەندەك خىزمەتلەر  ئىنتايىن جاپالىق ئىشلەندى . ياقۇپ ئىبراھىم مەكتەپنىڭ 30مو كېلىدىغان ئوقۇتۇش بىناسى ۋە 60 مو كېلىدىغان مەكتەپ بېغىنى كۆكەرتىش،قورشاۋ تام –سوقمىلىرىنى سوقۇش ،بېزەش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىدى . ئۇ ئوقۇتقۇچىلارنى سەپەۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، دەرسى يوقلار مەكتەپنىڭ سوقما تاملىرىنى سوقسا  ،دەرسى بارلار دەرسىنى ئۆتتى . نەتىجىدە مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈردى .
     1985~2005 يىللىرى موسا روزى ئىزچىل ھالدا لاپچۇق مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ تۇردى . خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ، ئوتىدا كۆيۈپ ،سۈيىدە ئاققان خەلق ئوغلانى موسا روزى لاپچۇق مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ،ئارقا سەپ خىزمەتلىرىدە چوڭ تۆھپىلەرنى قوشۇپ ،لاپچۇق خەلقىنىڭ سۆيۈنۈشىگە مۇيەسسەر بولدى . ئۇنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىگىنىگە تۇشلۇق ،2002 – يىلى لاپچۇق مەكتەپتىن 17 نەپەر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يوقىرى نومۇر بىلەن 1- تۈركۈمگە قوبۇل قىلىنىپ . قومۇل ۋىلايتى بويىچە ئۆتۈش نىسبىتى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشتەك شەرەپلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەر سانى 100 نەپەرگە، ئوقۇغۇچىلار سانى 880 نەپەرگە يەتكەن .
2005 –يىلى رىزۋانگۇل مۇھەممەد  لاپچۇق مەكتەپنىڭ مۇدىرلقىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. لاپچۇق خەلقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تۇمارس قىزى رىزۋانگۇل مۇھەممەد  كۆپ قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي ،باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە .
 1990 –يىلى3-ئايدىن 1996 –يىلى 12- ئايغىچە   تۇرسۇن ئىمىن قارادۇۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى . ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلىدى. ئۇ  پارتىيىنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىلارغا يەتكۈزدى . ئۇنىڭ بۇ خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ، مەكتەپنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى تولۇقلاندى . يوقىرى – تۆۋەنگە يول مېڭىپ ئوقۇتۇش ئۇسكۈنىلىرىنى تولۇقلىدى . ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇردى . ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىسىدا  17 ئېغىزلىق ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بىناسى ،شۇنداقلا ئامبار ، ھاجەتخانا ، قاراۋۇلخانا ۋە مەكتەپ ئگىدارلىقىدىكى ماگزىنلار سېلىندى .ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە روياپقا چىققان مەكتەپ قىياپىتىدىكى  بۇ زور ئۆزگىرىشلەر  ئۇنى خەلقنىىڭ ھۆرمەت –ئىپتىخارى بىلەن ماختىشىغا  سازاۋەر قىلدى . تۇرسۇن ئىمىن ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتتى ، ئۇ  سىڭدۈرگەن ئەجرىگە تۇشلۇق بۇ مەدھىيىلەرگە لايىق  ئىدى .
1996- يىلى 12- ئايدىن 2010- يىلى 3-ئايغىچە ياقۇپ ئەمەت قارادۆۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ، ئايشەم ياقۇپ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى  ئۆتىدى . ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلىشى ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەتلىرى نەتىجسىدە  مەكتەپنىڭ تۇزۇم-تۈزۈلمە ئشلىرى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرتىپكە چۈشتى .مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تۈزۈمى ئورنىتىلدى . ئوقۇتۇش خىزمىتىدە سەرخىل ،ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىرى يىللىقلارغا سەپلىدى . پېشقەدەم ،تەجرىبىلىك ،ئىقتىدارلىق ،تەلەپچان ،قاتتىق قول ئوقۇتقۇچىلارنى سىنىپ مۇدىرلىققا تاللىدى . نەتىجىدە  2004 – يىلى ياقۇپ زاكىر  ئىسھاق سالى  سىنىپ مۇدىرلىق قىلغان سىنىپتىن  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 18 نەپەر ئوقۇغۇچى 1-تۈركۈمگە ئۆتۈپ، ئۆتۈش نىسبىتى جەھەتتە قومۇل ۋىلايىتى بويىچە 1- ئورۇنغا ئېرىشىتى . 2005 – يىلى ئەنۋەر ئەمەت  سىنىپ مۇدىرلىق قىلغان سىنىپتىن  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 13نەپەر ئوقۇغۇچى 1-تۈركۈمگە ئۆتۈپ، ئۆتۈش نىسبىتى جەھەتتە قومۇل ۋىلايىتى بويىچە يەنىلا 1 – ئورۇندا تۇردى . 2006 –يىلى قادىر گايىز سىنىپ مۇدىرلىق قىلغان سىنىپتىن  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بىر نەپەر ئوقۇغۇچى ئاپتونۇم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەن تۈرىدە 42- ئورۇنغا ئۆتۈپ ،قارادۆۋە خەلقىگە ،شۇنداقلا ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمگە شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى . بۇ قارادۆۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخىدىكى بىر مۆجىزە بولۇپ قالدى .
2010- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ غۇپۇر يۈسۈپ قارادۆۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى . ئۇ بۇرۇنقىلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا قارادۆۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ، شۇنداقلا قارادۆۋە خەلقىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىمەكتە .

ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگۇچىلەر:

خىزىر ساۋۇر بوۋا              (1913-يىلى تۇغۇلغان،98ياش)
ئابدۇراخمان تومۇرنىياز     (1924-يىلى تۇغۇلغان،85ياش)
سەيدۇل كاسسىر ھاجى قۇربان    (1922-يىلى تۇغۇلغان ،87ياش)
تاھىر ھەجەرخان قۇربان   (1920-يىلى تۇغۇلغان،91ياش)
مەپىسخان غوجامنىياز   (ماتاڭ) (1920-يىلى تۇغۇلغان،91ياش)
 ئابدۇل توختى ھاجى( ئوپكە)  (1924-يىلى تۇغۇلغان،85ياش)
ئىبراھىم ھاجى يۇنۇس        (1947-يىلى تۇغۇلغان،64ياش)
ئابدىرىھىم زاكىر (ياڭخىي)  (1939-يىلى تۇغۇلغان،72ياش)
موسا روزى لاپچۇقتىن         (1948-يىلى تۇغۇلغان،63ياش)
ئاپتورلۇق ھوقوقى قادىر گايىز قارلۇقى مۇئەللىمگە تەئەللۇق ،باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۇرۇشكە،مەتبۇئاتلارغا بىرىشكە رۇخسەت قىلىمايدۇ،ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار كۆرۇلسە قانونى جاۋابكارلىقنى ئۇستىگە ئالىدۇ.

ماقالە ئاپتورى نامەلۇم، مەنبەسى كونا باغداش مۇنبىرى، يوللىغۇچى : تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئ‍ان، 30-سىنتەبىر، ۋاشنگىتون

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ