يانۋار 2, 2025
turghun-almas

 


                                                تۇرغۇن ئالماس( 1924 – 2001 ) 


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن تارىخشۇناسلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا قاچاندىن بۇيان ماكانلاشقانلىقى ۋە ئەسلى كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇنداق ئىككى خىل كۆز قاراش بار. 

بۇ ئىككى خىل كۆز قاراشنىڭ بىرىنچى خىلى: ئۇيغۇرلار مىلادىنىڭ 845 – يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىن غەربكە كۆچۈپ، شىنجاڭدا ماكانلاشقان دەپ قارىسا، ئىككىنچى خىلدىكىلىرى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مۇڭغۇلىيەنىڭ شەرقىدىكى ھىنگاان تاغلىرى (قىدىرقان تاغلىرى) دىن غەربتە بالقاش كۆلىنىڭ بويىغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا (شىنجاڭ بۇنىڭ ئىچىدە) ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى خەلق دەپ قارايدۇ. 

ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل قاراش بار. بىرىنچى خىلى: ئۇيغۇرلار بىلەن ھۇنلار ۋە تۈركلەر قان قېرىنداش دەپ قارىسا، ئىككىنچى خىلدىكىلىرى ھۇنلار، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر قان قېرىنداشلىق جەھەتتە بىر – بىرىگە مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ. 

مەن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكى ئىككى خىل كۆز قاراشلار ھەققىدە ئۆز مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن. 



                            1. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ماكانلىرى ھەققىدە  


ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بىر تارمىقى بولۇپ، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئەمگەكچانلىقى، كۆرەشچانلىقى بىلەن شانلىق مەدەنىيەت يارىتىپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ غەزىنىسىگە ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەت. 

ئۇيغۇرلار مىلادىدىن خېلى كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرى «تۇرالار» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخىي كىتابلىرىدا پەقەت مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنلا تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار شەرقتە بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ غەربتە ئېرتىش دەرياسى، بالقاش كۆلىنىڭ بويلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق بىپايان تېررىتورىيىدە ياشاپ بۇ جايلارنىڭ تەبىئى شارائىتىنى ھېسابقا ئېلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ھۆنەرۋەنچىلىك، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 

ھازىرقى زاماندىكى غەرب بۇرزۇئا تارىخچىلىرىنىڭ بىر قىسمى، شىنجاڭدا قەدىمكى زاماندا ياشىغان خەلقلەر ھىندى – ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان، ئېرقى جەھەتتىن ئارىئان نەسلىگە (ئىرانلىقلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) مەنسۇپ بولغانلار ئىدى، دېيىشىدۇ. مەسىلەن: چاررۇسسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ چوڭ جاسۇسى گ. گارزىمايلو بۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەڭ قەدىمكى دەۋردە پامىردىن تارتىپ ئۇنىڭ شەرقىغە (تارىم ئويمانلىقىنى دېمەكچى – ت) ئىرانلىقلار كېلىپ جايلاشقان. يەنە مەلۇم بىر مەزگىلگە كەلگەندە جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدىن خەنزۇلار بۇ يەرگە زورمۇ زو كەلگەن.»  

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تۇرپاننىڭ دەسلەپكى ئاھالىسى ئىرانلىقلار ئىدى. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە، ئۇلارنى كېلىپ چىقىشى تۈركلەرگە مەنسۇپ بولغان خىلمۇ خىل ئاھالە شەرق تەرەپتىن كېلىپ قىستاپ قويدى. نەتىجىدە تۇرپاندا ئولتۇراقلاشقان ئىرانلىقلارنىڭ بىر قىسمى كېيىن كەلگەنلەر تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىغا كەتتى. بىر قىسمى ئۇلارغا ئاسسىملاتسىيە بولۇپ، مۇشۇ خىلدىكى دەرىجىگە يېتىپ، تىلى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىرقى پەرقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى.»  

19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى بىلەن 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ، شىنجاڭ ۋە دونخۇاڭغا كېلىپ، قەدىمكى زاماندىن ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئېسىل يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن لىكوك، سىتەيىن قاتارلىق غەرب بورزۇئا ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشى گ. گارزھىمايلو بىلەن ئوخشاش. قەدىمكى زاماندا تارىم ئويمانلىقىدا بارلىققا كەلگەن شانلىق مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلار ياراتقان بولماستىن، ئارىئان نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر ياراتقان دېمەكچى بولىدۇ. 

كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدىكى بەزىبىر تارىخشۇناسلارمۇ يۇقىرىقىلارنىڭ سەپسەتىسىنى قۇۋەتلەپ، تارىخىي پاكىتلارغا خىلاپ ھالدا مۇنداق دىيىشىدۇ: «(تارىم ئويمانلىكى) مىلادىدىن كېيىنكى بىرىنچى مىڭ يىللىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەزگىلى بىلەن ئۇنىڭدىن سەل كېيىن، بۇ يەردە ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان (قەشقەردىن خوتەن ئەتراپلىرىغىچە) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھىندى – ياۋرۇپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان («توخار تىلى» دەپ ئاتىلىدىغان) ئۇرۇق – قەبىلىلەر (ئاقسۇ، كۇچار، قاراشەھەر، تۇرپان ئەتراپلىرىدا ياشىغان، بۇندىن تاشقىرى يەنە ھىندى – ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان قەدىمكى زاماندىكى فىشامشان دۆلىتى، نىيەدىن تارتىپ لوپنۇر ئەتراپلىرىغىچە) مىللەتلەر، شۇنىڭ بىلەن بىللە تىبەت تىلىدا سۆزلىشىدىغان تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ياشىغان. تۈرك مىللىتى (قەدىمكى زاماندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئېھتىمال 7- 8- ئەسىردىن كېيىن شىمالدىن بۇ يەرگە كەلگەن. بەلكى قەدەممۇ قەدەملەپ شۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئاخىرى باشقا قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يېڭىپ ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگەللىگەن.»   
 
مەنبە: «شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1982 ـ يىل 2 ـ سان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ