مۇھەممەت يۈسۈپ
ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئېستېتىك نۇقتىئىنەزىرى ۋە بەدىئىي ھەۋەسلىرىنى ئېغىز ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق – قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى-ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخى ، يەرلىك ئالاھىدىلىكى ، تىل ئالاھىدىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ،بىز بۇ پۈتمەس – تۈگىمەس مەنىۋى بايلىقنى داۋاملىق قېزىپ ، رەتلەپ ، ئۆگىنىش ھەمدە ئۇنى ئۈلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك مەنىۋى ھاياتىمىزنى بېيىتىشىمىز ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك . قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت بۇ بىباھا گۆھەرنى يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئەڭ بۇرۇن خاتىرىلەپ ، توپلاپ ، دۇنياغا ئېلان قىلغان ، تەتقىق قىلغان ئالىم مالوپ ( 1880-1957 ) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئاتاقلىق تۈركىلوگ ، پروفىسسور س. يې . مالوپ دۇنيا تۈركىلوگىيە تەتقىقاتىدا مول تەتقىقات ئەسەرلىرى بىلەن غايەت زور تۆھپە قوشقان مەشھۇر ئالىم بولۇپلا قالماسىتىن ، بەلكى ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنى توپلاپ ، رەتلەپ ، تەتقىق قىلغان ھەمدە نەشىر قىلىپ دۇنياغا تارقاتقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەنمۇ تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىدا چەكسىز ھۈرمەتكە سازاۋەر بولغان مەشھۇر ئالىم ۋە فولىكلور تەتقىقاتچىسىدۇر .
ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلىق ئەدەبىياتىنى توپلاپ ، تەتقىق قىلىپ ، دۇنياغا ئېلان قىلغان مول تۆھپىلىرىنىڭ شاھىدى بولغان مۇھىم كىتابلىرى – « لوپنۇر تىلى » ، « ئالتۇن يارۇقنىڭ يەشمىسى – تەرجىمىسى » ، « سېرىق يۇغۇر تىلى » ، « شىنجاڭ ئۇيغۇر تىلى شىۋىسى – تېكىستى ، تەرجىمىسى ۋە لۇغىتى » قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . بولۇپمۇ « ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسى » ( 1954- يىل ، موسكۋا – لېنىنگراد ، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرىياتى نەشىر قىلغان ، 16فورماتلىق ، 202بەتلىك ) دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم قوشاق – نەزمە ، چۆچەك ، لەتىپە – پاراڭ ، ماقال- تەمسىل ، تېپىشماقلار بۇنىڭدىن 80يىل ئىلگىرىكى يازما خاتىرىلەنگەن تېكىستى بويىچە دۇنياغا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى ( بۇ تېكىستلار ئۇيغۇرچە – رۇسچە تەرجىمىسى ، سۆزلۈك لۇغىتى بىلەن ئېلان قىلىندى ) . بۇ كىتاپقا قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرىقى تۈرلىرى بويىچە ئاپتور ئۆز قەلىمى بىلەن ئەينى چاغدا (1914-يىللاردا ) يېزىلار ، تاغلىق رايونلارغا بېرىپ ، خاتىرىلەنگەن نۇرغۇن تېكىستلەر ( ناخشا – قوشاق ، بېيىتلەردىن 42سى ، پاراڭ ، ھېكايە ، چۆچەكتىن 46سى ، تېپىشماقلاردىن 156سى » كىرگۈزۈلۈپ ، دەۋرىمىزگىچە يەتكۈزۈپ بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلىق ئەدەبىياتى خەزىنىسىنى قېزىپ ، رەتلەشكە ئۆچمەس تۆھپە قوشۇلدى. بۇ كىتاپتا بىر قىسىم قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتىنىڭ يازما خاتىرىسى ئېلان قىلىنىپلا قالماي ، بەلكى قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى تېكىستلىرىنى(قۇمۇل شىۋىسى ) سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئاساسىدا فونېتىكا ، لېكسىكا جەھەتلەردىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ، يەرلىك سۆزلەر ئىزاھاتى – سېلىشتۇرما لۇغىتى بىلەن بىرگە ئېلان قىلىندى . شۇڭا ، مالوپنىڭ بۇ كىتابى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسىنى تەتقىق قىلىشتىلا قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قۇمۇل خەلىق ئەدەبىياتىنى قېزىش ، توپلاش، رەتلەش ، تەتقىق قىلىشتىمۇ قىممەتلىك تارىخي ماتېرىيال بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئاتاقلىق تۈركلوگ ۋە فولىكلور تەتقىقاتچىسى مالوپ 1914-يىل 1-2-ئايلاردا قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي قۇمۇلغا كېلىپ ، خوتۇنتام ، شوپۇل ، قوراي قاتارلىق يىراق تاغ رايونلىرىغىچە بېرىپ ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسىمىنى ئەينەن خاتىرىلەپ ، بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىپ ، بىزنى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ئىگە قىلدى.
ئاپتور كىتابنىڭ « كىرىش سۆز » دەتەكىتلىگەندەك ، بۇ قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى نۇسخىسسى ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسى – دېئالىكتى تەتقىقات ماتېرىيالى بولۇپ ، كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەرنىڭ ھەممىسىلا قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنىڭ تېكىستلىرى .
بۇ قىممەتلىك كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىغا 40يىلغا يېقىن بولغانلىقى ۋە چەت ئەلدە بېسىلغانلىقىدىن باشقا ، نەشىر قىلىنغان تراژىمۇ ئاز ( 300نۇسخا ) بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ كىتابنى ئالاھىدە تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئۆزىمىزدە نەشىر قىلىنغان قۇمۇل خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر كىتاپ ، توپلاملارغا كىرگۈزۈلمەي قالغان تېكىستلەرنى ۋە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ ، پەرقلىق بولۇپ قالغان تېكىستلەرنى ياكى باشقا ۋارىيانتلىرىنى ئېنىقلاپ ، بۇنىڭدىن كېينىكى قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى توپلاملىرىغا كىرگۈزۈش ، سېلىشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈش ، قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت مىللىي مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بۇ پۈتمەس – تۈگىمەس بۇلاقنى تېخىمۇ قېزىپ ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك . مالوپنىڭ بۇ ئەسىرىنى قولغا ئېلىپ ئېچىش بىلەنلا كۆزگە تاشلىنىپ ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى – ئەسەرنىڭ باش قىسمىغا « ئىنقىلابىي قوشاقلار » دېگەن تېمىدا تۆمۈر خەلىپە ھەققىدىكى قوشاقلار بىر قەدەر تولۇق تېكىستى بىلەن كىرگۈزۈلگەنلىكى بولۇپ ، قۇمۇل خەلقىنىڭ شاھمەخسۇت ۋاڭنىڭ فېئوداللىق ئېكىسپىلاتاتسىىسىگە ، مىللىي زۇلۇمىغا قارشى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابىي كۆرۈشى توغرىسىدىكى قوشاقلىرىغا ئاپتور ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي پارتلىمىغان شارائىتتا « ئىنقىلابىي قوشاقلار » دەپ يۈكسەك باھا بەرگەنلىكىدە .
بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى ، ئاتاقلىق تۈركلوگ ۋە فولىكلور تەتقىقاتچىسى مالوپ بۇ كىتاپنىڭ تۈنجى نەشىرىگە يازغان « كىرىش سۆز » قىسمىدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسىنى يېڭى جۇڭگونىڭ ئۆزىدە يېتىشتۇرۈلگەن تىل تەتقىقاتچى خادىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە كىشىنى خۇشال قىلارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ ھەقتە ئالىي مۇھەررىر ، تىلشۇناس ، تەرجىمىشۇناس غولام غوپۇرى ، ئالىي لېكتور ئابدۇرېقىپ تۆمۈر ، لىكتور ئارسىلان ئابدۇللا قاتارلىق يولداشلار مۇھىم تەتقىقات ماقالىلىرى يېزىپ ، جامائەتچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى تېكىستلىرىنى قېزىش ، توپلاش ، نەشىر قىلىش ساھەسىدىمۇ يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت ، خەتتات ئېلى ئىسمايىل ، شائىر يەھيا سادىق ، بۇ خىزمەتنى قوللاپ، تەشكىللەپ كەلگەن قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۇسىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇلئەزىز ئىسمايىل قاتارلىق يولداشلارنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالىمىز .
مەنبەسى كونا باغداش مۇنبىرى، يوللىغۇچى : تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، 30-سىنتەبىر، ۋاشنگىتون